ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-03

    ناتونۇش ئاقكۆڭۈل يىگىت - [پىدائىيلىق ھاياتىم]

    ناتونۇش ئاقكۆڭۈل يىگىت

    يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى :

    «يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى، پىدائىيلار سىپىدىكى بىر ئۇچقۇن بولۇپ يېقىنقى يىللاردا مەن ۋە سىپىمىزدىكى دوسىتلار بىرگە نۇرغۇن جايلارغا باردۇق. كۆپلىگەن ئىشلارنى كۆرۈپ، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز ھاسىلاتلارغا ئېرىشتۇق. ئەگەر مېنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن خۇلاسىلەپ بەر دېيىلسە، ئۇنداقتا مېنىڭ دەيدىغىنىم : «ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلدۇق، باسقان ھەر بىر قەدەملىرىمىزدە ھاياجانلاندۇق».

      ھاياجانلىرىمىز كۆپ خىل بولدى. بۇ خىل ھاياجانلار ئاشۇ بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ۋە قوللىشىمىزغا مۇھتاج بولغان بالىلاردىن، بىزگە ياردەم قىلىپ قوللىغان ئادەملىرىمىزدىن كەلدى. بۇ ھاياجانلار يىنىمىزدىكى ھەر بىر سەپداشنىڭ قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتىدىن، ۋە كەلدى. بەلكىم قىرىقتىن ئاشقاندا ھېس تۇيغۇلار ئۆزگىچە بولىشى، دەم ئېلىۋاتقان چاغلىرىڭىزدا «يىزا پىدائىيسى» بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلەر سىزنى ئىختىيارسىز ھاياجانغا سالسا كېرەك.

       بۇ كۈزدە ناتونۇش بىر يىگىتنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن كىچىككىنە بىر ئىشى مېنى يەنە ھاياجاندا زىلزىلىگە سالدى.

       دەل مۇشۇ 10-ئاينىڭ باشلىرىدا مەن ۋە مېنىڭ ئالتە سەپدىشىم بىرگە ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازار لەنگەر كەنتىگە پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئاتلاندۇق. ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش كۆپچىلىك ھەممىمىز تولۇپ تاشقان ھاياجان ۋە قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتىمىز بىلەن يولغا چىققاندۇق. ئۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى چەترەك بىر كەنىت بولۇپ، يوللىرى تازا راۋان ئەمەس بولغاچقا ماشىنىمىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىراق ئىدى. يولدا بىز تەرەپتىن مەنزىرىلەرگە نەزەر تاشلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن قىزغىن پاراڭلىشىپ يولنى ئۇزۇنلۇقى بىلىنمەي، قىلچە چارچاش ھېس قىلمايتۇق. ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش بىز مەنزىلگە يېتىپ بارغندىن كېيىنلا تەكشۈرۈش، ئىئانە قىلىش، مۇتەخەسىسلەر مۇلازىمىتى دېگەندەك پىدائىيلىق مۇلازىمىتىغا كىرىشىپ كەتتۇق. ئۈچ كۈن ئالدىراش ئىشلەپ يۈرۈپ ھەر ھالدا مۇلازىمىتىمىزنىمۇ تاملىۋالدۇق. چارچاشلىرىمىز بىلەن بىرگە مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىن مۇھەببىتى، قېرىنداشلارنىڭ بىزگە ئۈنسىز تىكىلىشلىرىنى بىرگە ئىلىپ، قول پۇلاڭلىتىپ ئۇزۇتۇشلىرى ئىچىدە قايتىش يولىغا چۈشتۇق.

      بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى خىزمىتىمىز ئالاھىدە جاپالىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن كۆپچىلىككە بىر ئاز ياخشىراق ئاپتۇبۇستا ئۈرۈمچىگە قايتىش تەكلىپىنى بەردىم. شۇنىڭ بىلەن 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز بىر گورۇپپا ئالتە كىشى «ياۋرۇپا يۇلتۇزى» ماركىلىق ئاپتۇبۇس بىلەن ئاقسۇدىن يولغا چىقتۇق. ماشىنىدا بىر تەرەپتىن كېيىنكى كۆرەش نىشانىمىزنى، ئېرىشكەن تەسىراتلىرىمىزنى سۆزلىشىشەتتۇق. بىز قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا بىز بىلەن سەپەرداش بىر ئۇيغۇر يىگىت بىر خىل مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن بىزگە دەم دەم قاراپ كۈلۈپ قوياتتى. مەن كۆڭلۈمدە، بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز ئۇنىڭغا دەخلى قىلىپ قويدى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا بىر خىل خىجىللىق، ئەپۇ سوراش ھېسىياتى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.

       كەچ سائەت توققۇزدا ئاپتۇبۇس توقسۇ ناھىيەسى تەۋەسىگە كىرىپ، شوپۇر ئۇستام كۆپچىلىكنى تاماق يەۋىلىش ۋە ھاجەت قىلىۋېلىشقا چاقىرىپ قويدى. كۆپچىلىك ئالدىراش ماشىنىدىن چۈشۈشتۇق. تاماق يەۋاتقان پۇرسەتتە، مەن ئۈستىمىزدە ئولتۇرغان ھىلىقى يىگىتنىڭ بىزگە قاراپ – قاراپ قويۇپ تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يىقىندىن قارىماققا 27 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى 1.8 مېترلاردا بار، سېرىق چاچلىق، كۆزلىرى چوڭ، سالاپەتلىك بۇ يىگىت خېلى مەدەنىيەت سەۋىيەلىكتەك، بىر قاراشتىلا ئالىي مەكتەپ كۆرگەن زىيالىيدەك قىلاتتى. ئۇ دائىم دېگۈدەك بىزگە دەممۇ دەم قاراپ كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. چېراق نۇرىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مېھىر ئەكىس ئىتەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىزگە دائىم تىكىلىپ قىلىشلىرىدىن سەل بىئارام بولاتتىم. ياكى بىز ئۆز – ئارا تونۇشمىساق ئۇ نېمىشقا بىزگە بۇنداق قاراۋىرىدۇ؟ مەن ئەمدى قالغان سەپىرىمىزدە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى ئويلىدىم.

       ئادەمنى تالدۇرىدىغان 15 سائەتلىك سەپەردىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن 10 لەردە ئاخىر ئۈرۈمچى جەنۇبى ئاپتۇبۇس بىكىتىگە يېتىپ كەلدۇق. ھەر دائىمقىدەكلا كۆپچىلىك ئۆز ئارا خوشلىشىپ كېلەركى قېتىمقى سەپەرنى كۈتەتتۇق. بىراق بۇ قېتىم مەن قىلچە چارچىمىغانىدىم. ئۈرۈمچى ئەتىگەنكى قۇياشنىڭ نۇرىدا ئالاھىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بىرى يەنىمۇ چۈشىنىشىۋىلىش، يەنە بىرى ئۆز – ئارا پىكىرلىشىۋىلىش شۇڭا كۆپچىلىككە مەن بىرگە ناشتا قىلىۋىلىش تەكلىپىنى بەردىم. كۆپچىلىك دەرھاللا قوشۇلۇشتى ۋە ئىككى تاكسىغا بۆلۈنۈپ ئىتتىپاق يولىدىكى «باباخان چاي - تائاملىرى»گە كەلدۇق. بۇ بىر ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى تاماقخانا ئىدى. بىز تاماقخانىغا كىرىپ ئولتۇرىۋاتقان پەيىتتە، تۇيۇقسىز بىزدىن ئانچە يېراق بولمىغان ئورۇندا تاماق يەۋاتقان بىز بىلەن سەپەرداش ھېلىقى يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم. «بىر ئاپتۇبۇستا سەپەرداش بولۇپ، يەنە بىر ئاشخانىدا ناشتا قىلىش بەلكىم تەقدىر بولسا كېرەك» دەپ ئۇ يىگىتنى كۆپچىلىككە كۆرسەتتىم. كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن تەستىقلاشتى. ئۇ كۈنىدىكى ناشتىلىق تولىمۇ مول بولۇپ، سۈت چاي، پولۇ، سوغۇق سەي، نان، مانتا قاتارلىق كۆپچىلىك ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. بىز بىر تەرەپتىن غىزالانغاچ، بىر تەرەپتىن بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىز ۋە كەم تەرەپلىرىمىز ئۈستىدە  قىزغىن پاراڭلىشاتتۇق. بۇنداق خۇشاللىقنىڭ مەڭگۈلۈك بولىشىنى، مۇشۇنداق داۋاملىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلدىم.

       مۇشۇ كەيپىياتتا بىر سائەتلەرچە غىزالىنىپ، كۆپچىلىك ھەممىسى ئالدىراش بولغاچقا خوشلىشىشنى قارار قىلدۇق. مەن ھىسابات قىلغىلى ھىسابات پۇكىيىگە كەلدىم. ھىساباتچى قىز ماڭا :«ئەپەندىم، سىلەرنىڭ ھېسابتىڭلار جەمئىي 68 يۈەن بولغان. بايا بىرەيلەن تۆلەپ بولدى.» - دېدى. مەن : - ئۇنداق ئەمەستۇ، پۇل تۆلەش تالۇنى مېنىڭ قولۇمدا. يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئۈستەلدىكىلەر ھەممىسى تېخى ئۈستەلدە قالدى – دېدىم.

    -          ئەپەندىم بايا راستىنلا بىرەيلەن پۇل تۆلەپ بولدى.

    -          ئەمسە ئۇ ئادەمچۇ؟

    -          ئۇ كىشى ئاللىقاچان كىتىپ قالدى، - دېدى قىزچاق.

    مەن ئۆز – ئۆزۈمگە :«بىز يا ئۆز – ئارا تونۇشمىساق نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ پۇلىمىزنى تۆلىۋىتىدۇ؟ نەدىمۇ بۇنداق ئوبدان ئىش بار؟ ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىكسىز ...» - دېدىم. - دەل بايا ئاۋۇ ئورۇندا ئولتۇرغان سېرىق چاچلىق، كۆزى يوغان، ئاق چاپان كېيىۋالغان يېگىت تۆلىۋەتتى. - قىزچاق كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا ئانچە يېراق بولمىغان بىر ئورۇننى كۆرسەتتى. يۈزلىرىم شۇ ھامان ئوت بولۇپ قىزىپ كەتتى. ئۇ دەل بايىقى بىز بىلەن سەپەرداش يىگىت ئولتۇرغان ئورۇندۇق ئەمەسمۇ؟! دەل ئاشۇ دەقىقىدە مەن بىر ئاز چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئورنۇمغا قايتىپ، بايا يۈز بەرگەن «ھېكايە»ىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردىم. كۆپچىلىك ھەممىسى ھەيران قالدى. مەن ئۇلارغا بۇ يىگىتنىڭ يول بويى بىزگە دىققەت قىلغانلىقى ئېيىتقىنىمدا ھەممىسى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇشتى. بىر خىل ھېچقاچان يۈز بېرىپ باقمىغان ھاياجان ئاشۇ دەقىقىدە بىزنىڭ قەلبىمىزگە تارىدى.

       شۇنداق، بىز بۇ يىگىت بىلەن تونۇشمايتۇق، بېراق ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىزنى بۇ خىل سۆزسىز ئۇسۇلدا قوللىدى. بىرا ۋاخ تاماق، 68 يۈەن گەرچە بەك كۆپ ئەمەس. بېراق بۇ خىل ئۈنسىز مېھىر – مۇھەببەتنىڭ باھاسى يوق. باباخان تاماقخانىسدىكى ھېلىقى قىزچاقمۇ تەربىيەلىك ئىكەن، ئۇ يىگىت قىزچاققا چوقۇم نېمىدۇر بىر نەرسىنى تاپشۇرغان. ئۇلار ھەممىسى بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە، رەھمىتىمىزگە ئەرزىيدىغان كىشىلەردۇر!

       تاماقخانىدىن چىقىدىغان چاغدا بىز ھەممە پىدائىي : «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى زۆھرە قىيۇم (ئارىمىزدىكى بىر پىدائىي) بۇ بىر مەزگىلدىكى تەسىرلىك ئىشلارنىڭ رادىئو پروگىراممىسىدا ئاڭلىتىپ، ئاخبارات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ بىزنى بىر ئۆمۈر تەسىرلەندۈرگەن كىشىنى تېپىشقا مەسئۇل بولسۇن» - دېيىشتۇق.

       ئۇ ئالدىراش ئادەملەر توپى ئىچىدىكى بىر تال چولپان يۇلتۇزى، بىز پىدائىيلارنىڭ ۋە بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك نۇر. ئۇنىڭ تېزراق سىپىمىزغا قوشۇلۇپ، بىزنىڭ بۇ مېھىر – مۇھەببەت مەشئىلىمىزنىڭ يېڭىدىن يەتكۈزگۈچىسى بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. خۇددى پىدائىي ۋاڭ بىن مۇئەللىم ئېيىتقاندەك : «يۇلتۇزلار يېغىلىپ نۇرلانغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتالايدۇ، قەلبىمىزنى يورۇتالايدۇ!».

       بۇ يىللاردا بىز بىزنىڭ ياردىمىزگە مۇھتاج بولغان ئۇ كىشىلەرگە ياردىمىمىزنى ئۈزۈپ قويمىدۇق. بۇ يىللاردا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىزنى قوللىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۇلى بىلەن، بەزىلىرى نەرسە كېرەكلەر بىلەن قوللىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى مانا مۇشۇنداق ئۈنسىز ئۇسۇلدا بىزنى قوللاپ كەلدى. بېراق قانداق بولمىسۇن، مۇھەببەت ۋە مېھىر بىزنىڭ ئەبەدىي ئۆزگەرمەس ئاساسىي كۈيىمىز.

       ئاشۇ يۇلتۇزلارنىڭ بىز كۈتىۋاتىمىز، ئىزدەۋاتىمىز ....

    分享到: