-
2011-04-03
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتار تىلىدا يازغان شېئىرى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
ئەللە كىم كۈتە
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتار تىلىدا يازغان«ئەللە كىم كۈتە»ناملىق شېئىرى. كىچىك تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر–ئۈستىدىكى كۇبلىتنىڭ نەسرىي يەشمىسى.
ئۇل سۆيەلگەن ،ئويغا تالغان ،
ئاندا بىلمىىيم نىي كۈتە .
نەرسە سۈيلىي ،ئىشىتىلمىي ،
ئىرنىن ئۇل تىك سىلكىتە .
( ئۇ يۆلەنگەن،ئويغا پاتقان ،
بىلمىدىم ،ئۇندا نېمىنى كۈتىدۇ.
نېمە دەيدۇ ، ئاڭلانمايدۇ ،
پەقەت كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتىدۇ .)
بىر قاراماقچى بۇلا
تاغىدا پوسماقچى بۇلا .
بىر ئورۇندا ئەيلەنە ،
ئايلار ئۈتە ھەم يىل ئۈتە .
(بىرتۇرۇپ قارىماچى بولىدۇ ،
ھەم يەنە يوشۇرۇنماچى بولىدۇ.
بىر ئورۇندىلا ئايلىنىدۇ ،
ئايلار ئۆتىدۇ ھەم يىل ئۆتىدۇ )،
قىزغانام بىك تۈرلى ئوي
بىرلەن يۇۋاتماقچى بۇلام .
بىر يۇۋاتماستان ھامان ،
مەجھۇل ، بىلىنمەس سىر كۈتە ،
(ئېچىنىمەن بەك ،تۈرلۈك ئويلار
بىلەن ئاۋۇندۇرماقچى بولىمەن ،
ھىچ ئاۋۇندۇرالمايمەن ئۆزۈمنى
مەجھۇل ، بىلىنمەس سىر كۈتىدۇ،)
سىر كۈتە ئۇل ئەللە نىندىي ،
قورقىنىچلى سىر كۈتە .
ئۇل كۈتەدە ، ئۇل كۈتە
دىيپ ئەللە بىلبىلىم ئۈركىتە.
(سىر كۈتىدۇ ئۇ ئاللىقانداقتۇر
ۋەھىمىلىك سىر كۈتىدۇ .
ئۇ كۈتىدۇ، ئۇ كۈتىدۇ
دەپ بۇلبۇلىمنى ھۈركىتىدۇ.)
سايرىيدۇر ساندۇغاچ ھاماندا ،
ئىھ ،ماتۇر تاۋۇشى ئانىڭ .
بىردە ئۇل سالمىي قۇلاق ،
زىھنىدە ئەللە كىم كۈتە .
(سايرايدۇ بۇلبۇل دائىما ،
ئىھ ، يېقىملىق ناۋاسى ئۇنىڭ .
ھىچ قۇلاق سالماس ئۇنىڭغا ،
خىيالىدا ئاللىكىم كۈتىدۇ ،)
كۆردى ئۇيغۇر ھالىنى ،
قىزغاندى چىندان يىغلادى .
بەك ئەجەپ شۇ سىر لەكىن ،
بىلمىيم نىگەدۇر كىيمسىتە
(ئۇيغۇر ھالىنى كۆردى ،
ئېچىندى چىندىن يىغلىدى .
بەكمۇ ئەجەپ شۇ سىر لىكىن ،
بىلمەيمەن نىچۈن كەمسىتىدۇ.)
مەنبە : يازغۇچىلار تورى
历史上的今天:
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت 2011-04-03دىكتور قىزنىڭ ھېكايىسى 2011-04-03ناتونۇش ئاقكۆڭۈل يىگىت 2011-04-03كاككۇك سايرىغان باھار 2011-04-03ھايات گۈلشەنىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىزلار 2011-04-03