-
2011-04-05
پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت-2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
قەدىناس ئىلھاملار
پروفېسسور مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى ـ پېنسىيەگە چىققىچە نەزمە بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1500پارچە شېئىردىن تەركىپ تاپقان بەش توپلام ، 30 دىن كۆپ باللادا ـ داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت توپلام ، بەش داستاندىن تۈزۈلگەن بىر خەمسە ، 25 مىڭ مىسرالىق ئىككى قىسىملىق شېئىرىي رومان نەشر قىلدۇرغان مول ھوسۇللىق شائىر ، شۇنداقلا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن نەسر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، يەتتە توملىق تۆت رومانىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئىجتىھاتلىق يازغۇچى .
ـ شائىر ئەپەندى ، ھازىر يازغۇچى ئىكەنسىز . ھېلىمۇ قەدىناس شائىرلىق ئىلھاملىرىڭىز سىزنى يوقلاپ تۇرامدۇ ؟
ـ توغرىسىنى ئېيىتقاندا ، مەن ھازىر يازغۇچىلىق قىلۇۋاتىمەن ، لېكىن شائىرلىق بىلەن ئادا ـ جۇدا بولۇپ كەتمىدىم . بەزىدە قەدىناس ئىلھاملىرىم قايناق ھېسسىياتلار بىلەن يوقلاپ كېلىپ ، قەلبىمنى زىلزىلىگە سالىدۇ . شۇ چاغلاردا ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىپ قويىمەن .
ـ شۇنداق چاغلاردا توغۇلغان ، ئۆزىڭىز ئەڭ يارىتىدىغان شېئىرلىرىڭىزدىن بىرەرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ باقامسىز ؟
ـ ئوبدان ، « غۇرۇر » دېگەن شېئىرىمدىن بىرەر ئۈزۈندى ئوقۇپ بېرەي .
قاراڭغۇ تۈن
قانداقمۇ ئۆتەر كۈندۈزگە .
ئاستا ئاقىرىپ
گۈلگۈن شەپەققە
ئايلىنىدىغان تېڭى بولمىسا ! ؟
مەيلى ئۇ بولمىسۇن سامساق بەكىسى ،
ۋە ياكى پىچىقى يېڭىسارنىڭ ،
كېسەلمەس قىلنىمۇ
گېڭى بولمىسا !
بولمىسا ئادەمدە
غۇرۇر دېگەن
تاشلايىتتىمۇ مەردانە ئاياق
ئىشلەپ يەيدىغان قۇياشلىق ئالەمگە ،
ئىشلىمەي يەيدىغان بېھىشتىن ؟ !
مىننەتلىك تاماق
ئادەمگە نومۇس ،
ئۆزۈڭ تىككەن كۆچەتتىكى
سارىم ئالمىمۇ
يۈرىكىڭگە قەن ،
باشقىلار بەرگەن شىرىن يېمىشتىن !
ـ رەھمەت ، شائىر ئەپەندى ! ـ دېدىم مەمنۇن بولۇپ ، ـ ئېدىقۇتچە چاچما شېئىرلىرىڭىزغا رەھمەت !
شائىرنىڭ ئادەتلىرى
پروفېسسور مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى مىجەزى ئېغىر ، خىيالچان ناخشا ـ ئۇسسۇل ، بەزمە ـ مەشرەپلەرگە قىزىقسىمۇ ، بېرىلىپ كەتمەيدىغان ، كىشىلەر بىلەن ئويۇن ـ چاقچاق قىلىشىپ ، ئاپاق ـ چاپاق بولۇشۇپ ئۆتمەيدىغان ، دۇنياغا تۈز كېلىپ ، تۈزۈك ياشاۋاتقان ، ئەرزىمەس ئىشلارغا ئابرۇيىنى تۆكمەيدىغان ئادەم ئىكەن .
ـ شائىر ئەپەندى ، ـ سورىدىم مەن ، ـ سىزنىڭ قانداق ئېسىل ئادەتلىرىڭىز بار ؟
ـ مېنىڭ بىر ئادىتىم ـ خيالپەرەستلىك . مەن كىچىكىمدىن تارتىپ خىيالپەرەست بولدۇم ، ـ دېدى شائىر ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ ، ـ جىمجىت مۇھىتتا يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن . بىر شېئىرىي پىكىرگە ئېگە بولغاندىن كېيىن ، ئۇنى ئوبرازلىق شېئىرغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن خىيال قىلىمەن . خىيال خۇددى ئېقىۋاتقان دەريادەك توختىمايدۇ . بەزى ـ بەزىدە يېزىۋىتىپ توختاپ قالىمەن . مۇنداق چاغلاردا قەلەمنى قويۇپ ، تالاغا چىقىپ ، يالغۇز يۈرۈپ يەنە خىيال سۈرىمەن . بۇ ، مەسىلە ھەل بولغىچە داۋاملىشىدۇ .
ـ مىنىڭ يەنە بىر ئادىتىم ـ ئىنچىكە كۈزىتىش . مەن كۆرگەنلىرىمنى ئىنچىكە كۈزىتىمەن ، كۆرگەن نەرسەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلگىچە دىققەت قىلىمەن .
مېنىڭ « بۇلاق » دېگەن بىر شېئىرىم بار . بۇ شېئىرنى بىر يېزىدىكى دىھقاننىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىغان « بۈلاقتەك كەمتەر ئادەم » دېگەن سۆز ئاساسىدا ئوبرازلاشتۇرۇپ يازغانىدىم . بۇ سۆز ئۈستىدە بىر قانچە كۈن ئويلاندىم ، بۇلاقنىڭ كەمتەرلىكى نەدە ، دېگەن سوئال ئويلاندۇردى . بۇلاق تېگى ـ تېگىدىن قايناپ چىقىدۇ ، بۇ ئالاھىدىلىك بىلىملىك ھەم پىكىرى بۇلاقتەك قايناپ تۇرىدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ ، بىلىملىك ئادەم كەمتەر كېلىدۇ ، بۇلاقتىن گادايمۇ ـ بايمۇ ، قېرىمۇ ـ ياشمۇ ، ئادەممۇ ـ ھايۋانمۇ سۇ ئىچىدۇ . ئۇ ھەممىگە سۇ بېرىدۇ ، بۇ ـ بۇلاقنىڭ كەمتەرلىكى ، دېگەندەك خىياللارنى قىلدىم . شۇنداق قىلىپ ، مەندە بىلىملىك ئادەم خۇددى بۇلاقتەك كەمتەر بولىدۇ ، دېگەن پىكىر ۋۇجۇتقا كەلدى .
ـ مېنىڭ يەنىمۇ بىر ئادىتىم ـ ماختىنىشنى ياقتۇرماسلىق . مەن كۆرەڭ ، پوچى ئادەملەر بىلەن چىقىشالمايمەن . دائىم بىر خىل ، ئاددى ـ ساددا يۈرۈدىغان سەمىمىي ئادەملەرنى يارىتىمەن .
ـ سىز ئەڭ كەچۈرمەيدىغان قىلىق نېمە ؟
ـ مەن ئەڭ كەچۈرمەيدىغان قىلىق ـ مەنمەنلىك . ھالىغا باقماي ھال تاتىدىغانلارنى كۆرسەم تۇرالمايمەن .
ـ سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەرمىكىڭىز نېمە ؟
ـ شاخمات ئويناش .
ـ سىز ئىچىملىك ، چېكىملىك بىلەن قانداغىراق ؟
ـ مەن ھازىر تاماكا چەكمەيمەن ، ھاراقنى چەكلەيمەن ، ئەيش ـ ئىشرەتتىن چەتلەيمەن .
ـ سەمىمىي سۆزلىرىڭىزگە رەھمەت ، سوپى ئەپەندى ! ـ ئاخىرىدا چاقچاق ئارىلاش چاچما شېئىرچىلاپ شائىر بىلەن خەيرلەشتىم ، ـ
مەيلى
يۇرۇڭ يەكلەپ ،
مەيلى
تۈرۈڭ چەكلەپ .
ئەمما
بۇ دۇنيا قىزىقىدىن
كەتمىگەيسىز چەتلەپ !
پروفېسسور مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىن
مەنبە: يازغۇچىلار تورى