-
2011-04-05
پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت-1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
شائىرلىق ھەۋەس
پېشقەدەم پروفېسسور ، مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس ، تالانىتلىق شائىر ھەم ئىستىداتلىق يازغۇچى مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى قىرىق يىل ئۇستازلىق قىلغان ـ ياش بوغۇنلار قەلبىگە مەرىپەت نۇرىنى ياققان ، قىرىق يىل نەزمە تۈزگەن ـ شېئىرىيەتتە قەلىمى ئۆتكۈر ھەم چاققان ، ئارامغا چىقىپ نەسرگە ئېغىپ ، ئەسەرلىرىدە ئۆز دىيارىنىڭ تارىخىغا باققان ، ئۇستازلىق ۋە ئىجادىيەتتە ئۆرنەك بولۇپ ، كۆپ قېتىم مەيدىسىگە مېداللار تاققان ئادەم !
مەن مۇھەممەتجان ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ۋە خەت–ئالاقە قىلىشىش ئارقىلىق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشىپ، مانا بۈگۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
ـ پروفېسسور ئەپەندى،–بىرىنچى سوئالىمنى تاشلىدىم، ـ ئائىلە جەمەتلىرىڭىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ باقامسىز ؟
ـ مېنىڭ دادام تېرە ، يۇڭ ئېلىپ ـ سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن . ئانام ئاقكۆڭۈل ، سەمىمى، ياۋاش ۋە ئىشچان ئۆي ئايالى ئىدى . مەن يالغۇز ئوغۇل ئىدىم ، مېنىڭدىن بۇرۇن بىر قانچە بالا توغۇلسىمۇ تۇرماي ئۆلۈپ كېتىپتىكەن . مەن « ئانا مۇھەببىتى» دېگەن شېئىرىمدا؛
بىر تال ئىدىم ...
كەنجە ئىدىم ...
مەندىن باشقا
بالاڭ يوق ئىدى ،
ھەممىسى ئۆلۈپ بوپتىكەن .
ئۇ زاماننىڭ تۈنەك قارا جاھالىتى
مەن توغۇلسام
قارا يەرگە
ئاللىقاچان كۆمۈپ بوپتىكەن .
دەپ يازغانىدىم .
ـ خوش ، سىزگە تۇنجى قېتىم شائىرلىق ئىشقىنى سالغان كىشى كىم ؟
ـ كىچىكىمدە ئانام خېلىچەم چۆچەكلەرنى ئەجايىپ تەسىرلىك ئېيتاتتى، مەن ئاڭلاشقا تولىمۇ خۇشتار ئىدىم . ماڭا شائىرلىق ئىشقىنى ئاشۇ چۆچەكچى ئانام سالغان دېسەم بولىدۇ . ئانام چۆچەك ئېيىتقان كۆرىنىشلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ ؛
تالادا ئوينايىتتى قارلىق شىۋىرغان ،
گاھى ئۇ ئۇشقىتىپ ، گاھى ئۇ ھۇۋلاپ .
كەچ قالغان يولۇچى چەككەندەك گۇيا ،
چېكەتتى كۆزنەكنى بەزىدە توۋلاپ ...
شىرەدە پىلدىرلاپ ياناتتى چىراق ،
ئۇخلايىتتى چارچىغان ئاتام بىر چەتتە ،
ئېيتاتتى ھېكايە ئاق چاچلىق ئانام ،
گاھىدا شادلىنىپ ، گاھىدا دەرتتە ...
ياتاتتىم باش قويۇپ ئىسسىق قۇچاققا ،
جىسمىمنى ئانامنىڭ مېھرىگە چىلاپ ،
سۆزلەيىتتى چىرايى نۇرانە ئانام ،
توختىماي بىر خىلدا بېشىمنى سىلاپ .
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىنى.relpost{clear:both}
收藏到:Del.icio.us