-
2011-09-10
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت - 1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -1
زىنھار" زىتلىشىپ " قالمىدى
بىزدە شۇنداقمۇ بىر ئىستىداتلىق يازغۇچى بار . ئۇ ـ مەخسۇس خەنزۇ تىلى كۇرسىدا تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ ، بىمالال خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىقىنى قىلغان ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە مۇئەللىم ـ لېكتور بولغان، ھەربىي قىسىمدا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلمگە تولغان تالانىت ئىگىسى، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى » ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى سەمەت دۇگايلى ئەپەندى .
سەمەت ئەپەندى سۆھبەتنى سوئالسىزلا باشلىدى . ئۇ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئشلەۋىتىپ ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىغا يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە توختالغان چاغدا ، مەن ئاندىن سوئال قويۇشقا باشلىدىم .
ـ سەمەت ئەپەندى ، سىز قانداقلارچە چوڭ ئىدارىغا يۆتكىلىپ قالدىڭىز؟ ـ دەپ ، يازغۇچىغا قىزىقسىنىپ قارىدىم .
ـ سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ يېزىقچىلىق خىزمىتىگە ياردەملىشىش ۋەجىدىن يۆتكىلىپ، ئەپەندىمنىڭ « سۇتۇق بوغراخان» ناملىق تارىخىي رومانىنى تۈزىتىپ، قايتىدىن نەشر قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتىم .
ـ « شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتېيى » ژۇرنىلىغا شۇ يول بىلەن كېلىپ قالغانىكەنسىزـ دە؟
– شۇنداق .
– ئەمدى ، خىزمەتلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز؟
ـ مەن ئىدارىمىزنىڭ خاراكتىرىدىن ئالغاندا دۆلەت مەمۇرى ھىساپلىنىمەن . شۇغىنىسى ، قىلىۋاتقان خىزمىتىمگە تازا " يېپىشىپ " كەتمەيدىغان كەسىپ ـ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىمەن . بۇ، ئىشتىن سىرتقى پائالىيىتىم بولسىمۇ ، ئاز ـ تولا نەتىجە قازاندىم ، دەپ ئېيتالايمەن .
ـ ئوبدان . قانداق نەتىجىلەر قازاندىڭىز ؟
ـ شېئىر ، ھېكايە ، پوۋىست رومانلاردىن 9 توپلام نەشر قىلدۇردۇم . 29 خىل ئوپېرا ـ دراما ، پوۋىست ـ ھېكايە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىم توپلام قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ .
ـ سەمەت ئەپەندى ، ئىشتىن سىرت جىق ئىشلارنى قىلىپسىز . ئىش ۋاقتىدا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئىشلارنى قىلغانسىز ؟
ـ شۇنداق . بۇ ئىككى خىل ئىش زىنھار « زىدلىشىپ » قالمىدى . ئىدارىدىكى خىزمىتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىپ كەلدى ، ئۇنى پەش قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق .
ـ زېھىنىڭىزگە بارىكاللا ، زىخمۇ كۆيمەپتۇ ، كاۋاپمۇ كۆيمەپتۇ !
شائىرنىڭ « شەجەرىسى »
يازغۇچى ئائىلە جەمەتلىرى ، ئىجادىيەت مەشىقى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ ، ئاتا ـ ئانىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى .
ـ ئۇلار نامرات ، ساۋاتسىز ، ئەمما ئاق كۆڭۈ.relpost{clear:both}