ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-14

    تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت

    غىلاجىدىن ئوسمان

    بۈركۈت بوۋاي

    ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تۇنجى ئۇچراشقان كىشىگە سىپايە كۆرۈنسىمۇ ، سىرلىق تەسىر بېرەتتى. نەزىرى ئۈستۈن، چۇس مۇجەز بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن ۋۇجۇدىدا ئۆزىگە مۇناسىپ خاسلىق ۋە بىر خىل غەيرى ئۆزگىچىلىك گەۋدىلىنىپ تۇراتتى . 

    ـ گەپنى نەدىن باشلايمىز ؟ ـ دېدى  ئالىم سالام ـ سەھەتتىن كېيىن، قارچۇغىدەك قادىلىپ قاراپ

    ـ  نەدىن باشلسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .

    مىرسۇلتان ئەپەندى تەييارلىۋالغان تېزىسنى ئوقۇغاندەك ، تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەپ،  پارىڭىنى باشتىن  باشلىدى . 1950 ـ يىللاردىن 2000 ـ يىللارغىچە بولغان يېرىم ئەسىرلىك دەۋر كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك تىزىلىپ ئۆتۈپ ، ئالىمنىڭ ئۆسۈپ  يېتىلىش ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش  يوللىرى نامايەن بولدى .

    ـ سەكسەنگە يېقىنلىشىپ قاپتىمەن ، ـ دەپ سۆزىنى يەكۈنلىدى ئالىم ، ـ خۇداغا شۈكۈر ، ھېلىمۇ پۇت ـ قولۇمدا ماغدۇر بار . ھازىر« تۈركى تىللار دىۋانى » نى چوڭ فورماتلىق بىرلا توم قىلىپ  قايتا نەشر قىلىشقا تەييارلىماقچى بولىۋاتىمىز ، لېكىن  دىۋاننىڭ تۇنجى نەشرىگە قاتناشقان چوڭلارنىڭ بەزىلىرى كېتىپ قالدى ، بەزىلىرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى .  شۇڭا ، بۇ خىزمەتكە مېنىڭ ئازـ تولا ياردەم قىلىشىمغا توغرا كېلىۋاتىدۇ .

    ـ مىرئەپەندى ، ھازىر مېنىڭ كۆز ئالدىمغا قونداقتا تەنھا ئولتۇرغان بىر قىران قارچۇغىنىڭ سىماسى كېلىپ تۇرىدۇ . سىزنى قارچۇغىدەك قىران بوۋاي دېسەم ، قانداق دەيسىز؟

    ـ ئۇكام ، قىران  قارچۇغىنىڭ زامانى ئۆتتى ،قېرى بۈركۈتنىڭ دەۋرى يەتتى . مېنى بۈركۈت بوۋاي دېسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .

    ـ ئوبدان ، بۈركۈت بوۋاي !

    چىرايلىق تىل

    تىل ئالىمى مىرسۇلتان ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىيالېكتىنى بىر ئۆمۈر چوڭقۇرتەتقىق قىلغان،ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بېيىتىشتا تىنماي ئىزدىنىپ ، زور تۆھپە قوشقان كۆيۈمچان تىل پەرۋىشكارى .

    ـ ئالىم ئۇستاز ،ئېيتىپ بېقىڭا ، ھازىر دۇنيادىكى تۇركى تىللار ئائىلىسىغا كىرىدىغان تىللارنىڭ سانى قانچە ؟

    ـ تۇركى تىللار قوللىنىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، قوللانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئالتاي تىلى سېستىمىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . دۇنيادىكى تۈركى تىللار ئائىلىسىدە 10 چوڭ تىل، 20 نەچچە كىچىك تىل بولۇپ ، جەمى 30 دىن ئارتۇق تىل بار .

    ـ مۇشۇ تىللارنىڭ ئىچىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە جۈملە  قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئالغاندا ، قايسى تىل ئەڭ چىرايلىق ؟. 

    ـ ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇر تىلى ئەڭ چىرايلىق ! ـ دېدى ئالىم ھىچبىر ئىككىلىنىپ تۇرماستىن .

    ـ چىرايلىق ئۇيغۇر تىلى ئىچىدە چىرايلىق شىۋىمۇ بارمۇ ؟

    ـ بار، ـ دېدى ئالىم كەسكىن رەۋىشتە ، ـ مەركىزى دىيالېكىتنىڭ بىر شىۋىسى بولغان قۇمۇل تىلى ـ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇمشاق تىل ، ئۇنى چىرايلىق شىۋە دېيىشكىمۇ بولىدۇ . چۈنكى «سىز» دېيىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى بەزى دىيالېكىتلاردا « سىلى » ، بەزى دىيالېكىتلاردا «ئۆزلىرى» دېيىلسە، قۇمۇل تىلىدا «ئۆزلىرىلە» دېيىلىپ ، ھۆرمەت ئۈستىگە ھۆرمەت مەنىسى ئۈستىلىدۇ .

    ـ دېمەك ، ئۇيغۇر تىلى تۈركى تىللارنىڭ مېغىزى بولسا ، قۇمۇل شىۋىسى مېغىز تىلنىڭ مېغىزى، چىرايلىق تىلنىڭ نېگىزى  ئىكەن ـ دە !

    ـ شۇنداق  دېيىشكە بولىدۇ ،قۇمۇل تىلى ـ يۇمشاق ھەم ئەۋرىشىم تىل .

    ئورنىنى تاپالمىغان ئاتالغۇ

    لۇغەتشۇناس ئالىم ئەمدىلا قولىدىن چىققان « ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچە چوڭ لۇغەت » ھەققىدە توختىلىپ، بۇ لۇغەتنىڭ باش تەكشۈرگۈچىسى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدىكى بەزى تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ھازىر بەزى ئېلان ۋە ۋىۋىسكىلاردا ياۋا سۆزلەرنىڭ كۆپىيىپ ، ئىلگىرى قوللانغانـ قوللانمىغان ئەرەپچە ـ پارسچە سۆزلەرنىڭ قارىسىغا قېزىپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىدىن خاۋاتىرلەندى . شۇنداقلا، ھازىر تەرجىمە ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان بەزى سۆز ـ ئاتالغۇلارنىڭ ئۆز ئورنىنى تاپالماي گاڭگىراپ  قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى  .

    ـ مېنىڭچە ، ـ دېدى ئالىم جىددى قىياپەتتە ، ـ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆز ئورنى ـ ئۆز ئۈۋىسى بار . ئۇۋىسىدىن قاڭقىپ كەتكەن سۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ ، خەلق ئىستىمالىدىن قېپقالىدۇ  . ھازىرتەرجىمە ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان « ئىناق » سۆزى زومۇ ـ زو ، كەلسە كەلمەس قوللىنىلىپ ، ھەممە ساھەگە يامىراپ كەتتى . بۇ ئاتالغۇ  ھەققىدە قايتىدىن قاتتىق ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ !

    ـ  مىرئەپەندى ، ـ دېدىم مەن باشقىلارنىڭمۇ بۇ ئاتالغۇغا ئىچى پۇشۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ ، ـ تارىم ژورنىلىنىڭ يېقىنقى بىر سانىدا چىققان ماقالىسىدا ، تەتقىقاتچى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى « ئىناق » دېگەن ئاتالغۇغا كۆڭلى ئۇنىماي، ئىسكوپكا ئىچىدە « ئۇيغۇن» دەپ ئىزاھ بەردى . ئەگەر بۇ ئاتالغۇ ئالدىڭىزغا كېلىپ قالسا ، سىز نىمە دەپ ئىزاھ بەرگەن بولاتتىڭىز؟ 

    ـ مەن بۇ سۆزگە ئىزاھ بېرىپ ئولتۇرمايىتتىم ، كونتېكىسىتكە قاراپلا ، «ماس » ، « ماسلىق»، «ماسلاشماق» ، « ماس كەلمەك » دېگەن سۆزلەر بىلەن ئالىۋىرەتتىم . چۈنكى ،«ماس » سۆزى ئومۇمىي جانلىق ـ جانسىز شەيئىلەرگە قارىتا ،  «ئىناق » سۆزى جانلىق ، ھېسىياتلىق نەرسىلەرگە قارىتا قوللىنىلىدۇ .

    ـ توغرا ئېيىتتىڭىز! ـ دېدىم مەن خۇرسەن بولۇپ ، ـ سۆزىڭىزنىڭ جېنى بار، «ئىناق» ـ جانلىق ـ تېنى بار . ئۆز ئورنىنى تاپمىغان  ئاتالغۇنىڭ غېمى بار !

    ئوبراز شەھەر

    دىيالېكىتشۇناس ئالىم مىرسۇلتان ئەپەندى گەپ ئارىلىقىدا ، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر يىغىپ توپلىغان خوتەن ۋە لوپنور خەلق قوشاقلىرىدىن ئۆرنەكلەر كەلتۈردى .

    مەن ئالىمنىڭ خوتەن شىۋىسىدا سۇدەك سۆزلەپ كەلتۈرۈۋاتقان مىساللىرىغا سۆيۈنگەن ھالدا قۇلاق سېلىپ ، بىر مەھەل قىزىقىپ قاراپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىمگە پۈكۈپ كەلگەن بىر سوئالنى سوراپ قالدىم ؛

    ـ مىر ئەپەندى ، سىزنى ياغاچ قولاق تارانچىمىكىن دەپ يۈرسەم ، بىينى بىي دەيتقان خوتەنلىككەن دېيىشىدىغۇ ، راستمۇ ؟

    ـ راس بولسا نېمىبوپتۇ ، يالغان بولسا نېمىبوپتۇ  ؟ ـ دېدى ئالىم ئۇستاز كۈلۈمسىرەپ ، ـ غۇلجا شەھىرى  ـ ئالتە شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يىغىنچاقلانغان ئوبراز شەھەر ، غۇلجىدا ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋەكىل بار. تارىختا غۇلجا شەھىرىگە نەلەردىن كىملەر كېلىپ ماكانلاشمىغان دەيسىز ؟ بوۋامدىن ئاڭلىشىمچە ، بوۋىلىرىمنىڭ بوۋىلىرى ئىلى دىيارىغا خوتەندىن كۆچۈپ چىققانىكەن  .

    ـ ئالىم ئۇستاز ، 1991 ـ يىلى ھەم 2004 ـ 2006 ـ يىللىرى سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك مول ئەجرىڭىزنىڭ مېۋىسى بولغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىتلىرى » ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتى » ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى» ناملىق توملىرىڭىز نەشردىن چىقىپ ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . بۇ ئىلمىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا دەۋر بۆلگۈچ تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . مۇشۇ كىتاپلىرىڭىزنىڭ تەتقىق قىلىنىش ، يېزىلىش جەريانلىرى ھەققىدە ئازـ تولا چۈشەنچە بېرىپ كەتكەن بولسىڭىز .

    ـ ئۇكام ، مەن ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ۋەكىل خاراكتېرلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئارىلىدىم . بۇ خىزمەت ئەللىكىنچى يىللاردىن باشلىنىپ ، ئىككى مىڭىنچى يىللارغىچە داۋاملاشتى دېسەممۇ بولىدۇ .

    ـ ئۇنداقتا، دىيالېكىتلاردىن نېمىلەرنى تەكشۈرۈپ ، نېمىلەرنى توپلىدىڭىز ؟

    ـ دىيالېكىتلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى تەكشۈرۈلۈشى ـ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ، فونېتىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ، ئەدىبىي تىلدىن پەرقلىق سۆزلىرى تەكشۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭدىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۈلگىلەر، مەسىلەن  قوشاقلار، چۆچەكلەر ، تىل ئۆمەنلەش ( تىل كۆندۈرۈش ) ، ماقال ـ تەمسىللەر، تېپىشماقلار ، لاپ سۆزلەر يىغىپ توپلاندى .

    ـ مىر ئەپەندى ، ھەر قايسى دىيالېكىتلاردىن توپلىغان خەلق قوشاقلىرىدىن يەنە بىرقانچە نەمۇنىلەر كەلتۈرۈپ باقامسىز ؟

    ـ بولىدۇ . خوتەن ۋە لوپنور خەلق قوشاقلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ باقايلى .

    خوتەن قوشاقلىرى

    ـ قېنى ئەمىسە ، بوۋىلىرىڭىزنىڭ بوۋىلىرى توۋلىغان قوشاقلاردىن ئازـ تولا مىساللار كەلتۈرۈپ باققان بولسىڭىز!

    ـ ئوبدان . باشتا خوتەن خەلق قوشاقلىرىدىن كېلەيلى . ئۇنىڭ بىر مىسراسى يەتتە بوغۇمدىن ، بىر كۇبلىتى  تۆت مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ . مەسىلەن ؛

    ئۆتۈكەم مايماققا كەتتى ،

    سىم بېخىنىڭ دەدىگە .

    ئون جېنىمنىڭ بىيسى يوق ،

    سەن خېنىمنىڭ دەدىگە .

     

    قاشنى قاشقا ئۇلۇسا ،

    دەيياغا كەۋرۈك بولغۇدەي .

    بىزنى كۆيدۈرگەن خېنىم

    دەۋزەققە تۈگرۈك بولغۇدەي .

     

    ئۆزى كەلسۇن دەممىتۇ ،

    سۆزى كەلسۇن دەممىتۇ ؟

    قارىقاش  دەيياسىدا ،

    ئېقىپ ئۆلسۇن دەممىتۇ ؟

     

    پىيالمنىڭ يولى يوق ،

    يول سالارنىڭ ئورنى يوق .

    كەسە كەسۇن ، كەمىسە يوق ،

    مەن بايانىڭ ئورنى يوق !

     

    قېيناتام ئوبدان گاداي ،

    ھاپاش ئېتىپ باققۇم كېتۇ .

    قىزىنى قوشاپ بەمىسە ،

    چىشلىرىنى چاققۇم كېتۇ .

    لوپنور قوشاقلىرى

    ـ مىر ئەپەندى ، ئەمدى لوپنور قوشاقلىرى ھەققىدە توختىلىپ كەتكەن بولسىڭىز .

    ـ لوپنور رايونىدا باشقا ئۇيغۇر رايونلىرىغا قارىغاندا قوشاق ۋە قوشاقچىلىق بەك تەرەققى قىلغان . لوپنورلىقلارنىڭ قوشاق قوشالمايدىغىنى يوق دېسىمۇ بولىدۇ . لوپنور قوشاقلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىككى خىل بولىدۇ . بىرىنچى خىلى ، بىر مىسراسى يەتتە بوغۇمدىن ، بىر كۇبلىتى ئالتە مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ . ئىككىنچى خىلى ، بىر مىسراسى ئون بىر بوغۇمدىن ، بىر كۇبلىتى تۆت مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ . مەسىلەن ؛

    بۇغداينى ئاراسىغا ،

    زاغۇن ئىلەنىپ كەتكەن .

    مېنىڭ بىلەن سېنىڭدەك ،

    كىم مۇرادىغا يەتكەن ؟

    ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۈ ،

    سىرلاپ يۇغۇرۇپ ئەتكەن .

     

    كەتمەن چاپىپ ئاغرىپ مېنى قوللۇرۇم ،

    ئوناپ ياتسام يېشىلەدۇ بويلۇرۇم .

    بىر بارىپ جامالىڭڭى كۆرۆي دېسەم ،

    قىزىل گۈلۈم ، ئىراق كېلىپ يوللۇرۇڭ .

     

    خۇدا بۇرۇپ مىڭ بالىققى ئالارمەن ،

    ئايىت قىلىپ مەن ئۆيۈمگە يانارمەن .

    قارا شەرنى ئەگىپ چۈرۈلۈپ كەلدىم ،

    خار كۆرۈنسەم ئەمدى نەرگە بارارمەن ؟

    ـ رەھمەت ، بۈركۈت بوۋاي ! تېنىڭىزسالامەت بولغاي ، كۆرگىنىڭىز ھالاۋەت بولغاي !

    مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن

     

    مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us