ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-14

    «شىكار» ناملىق ھېكايە ئۈستىدە تەھلىل (ئوبزۇر) - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «شىكار» ناملىق ھېكايە ئۈستىدە تەھلىل (ئوبزۇر)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

       ئەدەبىيات – سەنئەت ئىنساننىڭ ئىنسانىي ھېس – تۇيغۇسىنىڭ بەدئىي ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەزىدە شەخىس خاراكتېرى بىلەن خاراكتېرلەنسە، بەزىدە مىللەت، رايۇن خاراكتېرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، ئۇ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھېس – تۇيغۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا ئىپادە قىلىنىشى بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتە، ئۇنى  رايۇن ۋە ياكى مىللىي خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بىلەن چىگرالارغا ئايرىۋېتىش سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت ھامان تەسىرلەر ئارىسىدا تەرەققىي قىلىدۇ. مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى بولسۇن ۋە ياكى خەنزۇ ئەدەبىياتى بولسۇن، ۋە مەيلى رۇس ئەدەبىياتى، ئەرەب، پارس ئەدەبىياتلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىرلىرى بار.

    مانا قولۇمدا ئومۇمىي ئۇيغۇر توپىدىن زامانىۋىي پاسىللار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەسۇمجان زۇلپىقارنىڭ ئالمۇتادا 1998-يىلى نەشىر قىلىنغان «تاللانغان ئەسەرلەر» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان «شىكار» ناملىق ھېكايىسى تۇرۇپتۇ. ھېكايىنى زور قىزىقىش ۋە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، ھەممە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل بەھىرلىنىش تۇيغۇسى دىلمنى چىرمىۋالدى.

    مەسۇمجان زۇلپىقار قازاقىستان چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خىزمەت ئابدۇللىن، ئىلىيا بەختىيا، ئابدۇقادىر جۈمە، مۇختەر جۇمارۇف، ئەخمەتجان ھاشىرى، تۇرغان توختەمۇف قاتارلىق ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە بەدئىيلىككە تويۇنغان، بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكەن قىممەتلىك يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

    ئۇنىڭ «تاللانغان ئەسەرلەر» ناملىق بۇ توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «شىكار» نامىلىق ھېكايىسى بىزگە يازغۇچىنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. تۆۋەندە مەن بۇ ھېكايىدىن ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

    بىرىنچىدىن، ئەسەرنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەسەردە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن قازاقىستاندىكى تاغ – ئاۋۇل خەلقلىرىنىڭ تەبىئەتكە يېقىن، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە ھاياتى، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىشى، تاغ خەلقىگە خاس ساپدىل، سەمىمىي، ئۆتكۈر نەزەرلىك ئاددى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى شەھەردىن يېراق ئاۋۇلدىكى شۇ بىر قېتىلىق ئاددى بىر «شىكار» - ئوۋ قىلىش جەريانىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ تېماتىك مەزمۇنى يازغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، دۇنيا قارىشى، ئىجادىيەت مۇددىئاسى دېگەندەك كۆپ خىل سۇبيكتىپ ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، ئۇ يازغۇچىنىڭ ئومۇمىي ئىددىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن يازغۇچىلارنى خەلقچىل، مەرىپەتپەرۋەر، ئويغاتقۇچى، كۆرەشچان، دەۋىرچان ... دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن. بۇ ھېكايىدە يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار دىققىتىنى ئاشۇ چەت سەھرا، قىرلاردا ھالال مىھنىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئاددى ئەمما ئۇلۇغ كىشىلەرگە ئاغدۇرغان. بۇ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، يازغۇچىنى خەلقىگە يىقىن تۇرىدىغان، خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىدىغان، «مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما» دېگەن ئىددىيە بىلەن ياشاپ، ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن ئەدىب دەپ قاراش مۇمكىن.

    ئىككىنچىدىن، ئەسەرنىڭ تىلى ئۆزگىچە يىقىملىق ۋە دەل بولۇپ، تەسۋىرلىرى تولىمۇ يارقىن. ئەسەرنىڭ تىلى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. پىشقان، ئانا تىلغا پۇختا، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، ئىجادچان يازغۇچىلار ئۆز ئەسىرىنىڭ تىلىغا ئالاھىدە مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ئېچىپ بېرىلىشى، مۇھىت، ئوبرازلارنىڭ ئېچىپ بېرىلىشى ... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى دەل ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىلى ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە تاپشۇرىلىدۇ. بىز بۇ ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ مەيلى شۇ يېراق يايلاقنى سۈرەتلەۋاتقان قۇرلىرىنى ۋە مەيلى تاغ خەلقىدىن بولغان ساھىپخان ئەبەيدۇللامنى، ۋە ياكى ئالغۇر تايغان «ئاقتۆش»نى سۈرەتلاۋاتقان قۇرلىرىنى بولسۇن، ھېكايىنى ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا شۇ جانلىق مەنزىرە نامايەن بولىدۇ. تۆۋەندىكى تەسۋىرلەرگە قاراپ باقايلى :

    «كۆزۈم بىردىن نېرىدا پەيدا بولغان «ئاقتۆش» تايغانغا چۈشتى. ئۇ بەئەينى مېنى قارشى ئالغاندەك قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭلىتىپ يېقىنلاپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ توختىدى. ئاقتۆشكە تىكىلىپ قارىدىم. ئاياقلىرى تىككىنە كەلگەن تايغاننىڭ ساغرىلىرى سىيادەك قارا ئىدى. كۆكسى خۇددى ئالدىغان پەدىۋال تارتىۋالغاندەك ئاپئاق ئىدى. يوغان ئۆتكۈر كۆزلىرى بىر كوچا ئارىلىقتىكى چاشقاننى كۆرىدىغاندەكلا. ........»

    بۇ تەسۋىرلەرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىغا ئاپتۇر تەسۋىرلەۋاتقان شۇ كىلىشكەن، چىرايلىق تايغان ئىت كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەردىكى «مەن» بىلەن شۇ گۈزەل، قوينى كەڭ، ئىللىق سەھرا قۇچىقىدىكى ھەممە نەرسىگە، جۈملىدىن ئاپتۇر تەسۋىرلەۋاتقان «ئاقتۆش»گە سۆيۈنىدۇ. بۇنى بىز ئاپتۇرنىڭ تەسۋىرلەشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى دېمەي تۇرالمايمىز.

    بۇ يەردە يەنە ئەسەرنىڭ تىلى ئۈستىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى، ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىدە تىل ئىشلىتىشتە، يۇقارىدا ئېيىتقاندەك، تىلدا نەپىس، ئىخچام، دەل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە خەلق تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن ماقال – تەمسىل، ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكىمۇ ماھىر بولغان. مەسىلەن : ئەسەردىكى «ئوۋچى قانچە قۇۋ بولسا، ئېيىقنىڭ شۇنچە يولى بار»، «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام» دېگەنگە ئوخشىغان دەل جايىغا ئىشلىتىلگەن ماقال – تەمسىللەرمۇ يازغۇچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى ئىپادىلەيدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددى، ئىخچام، يىنىك بولۇپ، ھېكايىدە ئاددى قۇرۇلما بىلەن چوڭقۇر ھەقىقەت ئېچىپ بېرىلگەن. قۇرۇلما ئەسەرنىڭ ئومۇمىي رامكىسىدىن ئىبارەت. مۇكەممەل قۇرۇلما خۇددى بىر ئۆينىڭ مۇكەممەل تاملىرىغا ياكى لىملىرىغا ئوخشايدۇ. قۇرۇلما سىيۇژىتقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتە پىشقان، نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئالاھىدە مۇكەممەل، جانلىق، ئىخچام بولىدۇ. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى «كالامپاي»، ياكى بەزى تەرەپلەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشمىغان، ئوشۇقچە بىر مەزمۇنلار قىستۇرۇپ قويۇلغان ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنىمۇ قىزىقتۇرالمايدۇ. بۇ ھېكايە ئاران ئىككى يېرىم بەت بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئىخچام بىر قۇرۇلمىدا ئاپتۇر ئۆزىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى بىمالال ئوتتۇرىغا قويالىغان. ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا بىز بىرەر تەپسىلاتنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە ياكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى «كالامپاي»لاشتۇرىدىغان جايلارنى ئۇچراتمايمىز. دېمەك ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاپتۇر ئۆزىنىڭ پىشقان يېزىقچىلىق ئادىتىدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان.

    تۆتىنچى، ھېكايىدىكى ئوبرازلار خېلى مۇكەممەل يارىتىلغان بولۇپ، مەيلى تاغ خەلقىدىن بولغان ساھىبخان ئەبەيدۇللامنىڭ ئوبرازى بولسۇن، ۋە ياكى ئەسەردىكى يەنە بىر ئاساسىي «قەھرىمان» بولغان ئوۋ ئىتى «ئاقتۆش» بولسۇن ئوقۇرمەنگە شۇ قەدەر چىن تۇيغۇ بېرىدۇ. پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ئاپتۇرنىڭ ئاساسلىق خاراكتېر يارىتىش ماھارىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئاپتۇر ئۆز ئەسىردىكى ئوبرازلارغا سىڭدۈرۈلگەن مەنا، ئىددىيە، ھېسسىيات دېگەندەك تەرەپلەردىن ئەسەردە ئۆزىنىڭ ئىددىيىسىنى، ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ماڭغان بولىدۇ. ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەللىكى پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. بىز ھېكايدىىكى ئوبرازلارنىڭ مەيلى سۆزى ۋە ياكى ھەرىكىتىدىن بولسۇن بىرەر سۈنئىيلىكنى بايقىمايمىز. ئەسەردىكى ساھىبخان ئەبەيدۇللامنىڭ خاراكتېرىدىكى ئوچۇق يورۇقلۇق، ئاقكۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، ئۆتكۈر نەزەرلىك، چەبدەسلىك، ئوۋغا ماھىرلىق تاغ خەلقىگە ئىنتايىن ماس بولۇپ، مۇشۇ كىچىك بىر ھېكايىدىمۇ بىز ئومۇمىي تاغ خەلقىنى كۆرگەندەك، ھېس قىلغاندەك بولىمىز. مانا بۇ ئاپتۇرنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى ئۆزگىچە تالانتىدىن كەلگەن ئالاھىدە يېزىقچىلىق ماھارىتىدۇر.

    بەشىنچىدىن، سىيۇژىتلارنىڭ چىن، قىزىقارلىق، جانلىق، ماسلاشقان بولۇشى بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم مۇۋاپپەقىيىتىدۇر. پىروزا ئەسەرلىردىكى سىيۇژىت ئاپتۇرنىڭ «ھېكايە قۇراشتۇرۇش» ماھارىتىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتۇرنىڭ ۋەقەلىكەرنى قانداق تەرتىپتە، قانداق كونكېرىت ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرىشى مۇۋاپىق، قىزقارلىق، جانلىق بولغان پىروزا ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە رام قىلىپ، ئاپتۇرنىڭ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئاساسىي تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشتە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەسەر يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك قىسقىلا بىر ئاددى ھېكايە بولۇپ، ئەسەردىكى سىيۇژىتلار ئۇنچە كۆپمۇ ئەمەس. ئەمما ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ۋەقەلىكلەر شۇ قەدەر جانلىق ۋە كونكېرىت بولۇپ، ئەسەردىكى مەننىڭ شەھەردىن ئاۋۇلغا بېرىپ ئۇ يەردىكى قۇچىقى كەڭ دۇنيادا بىر خىل ئازادىلىككە چىقىپ قالغاندەك سەرخۇش تۇيغۇدا بولىشى، ئوۋ ئىتى «ئاقتۆش» بىلەن ئۇچرىشىشى، ساھىبخان ئەبەيدۇللامنىڭ قىزغىن، ئوچۇق يورۇق، ئاقكۆڭۈل، سەمىمى مۇئامىلىسى، «ئاقتۆش»نىڭ شۇ قىسقىغىنە پۇرسەتتە تۈلكىنى بايقاپ ئۇنى قوغلاپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مەننىڭ ئەبەيدۇللام بىلەن ئات سېلىپ يېتىپ بېرىشى ۋە بۇ جەرياندا ئەبەيدۇللامنىڭ پىشقان ئوۋچىلارغا خاس كۆزىتىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ماھارىتى، «ئاقتۆش»نىڭ ھىيلىگەر، قۇۋ تۈلكىنى پەم بىلەن ئوۋلىشى قاتارلىق بۇ ئاددى سىيۇژىتلاردا ئاپتۇر ئىخچام كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە بۇ بىر قاتار ۋەقەلىكلەرنى ئۈنۈملۈك باغلاپ كۆرسىتىپ، بىر پۈتۈن ھېكايىنىڭ سىيۇژىتىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ماسلىشىشى، جانلىقلىقى، قىزقارلىق، چىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

    ئومۇمەن، يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقارنىڭ «تاللانغان ئەسەرلەر» ناملىق توپلىمىدىكى «شىكار» ناملىق ھېكايىسى تېمىسىنىڭ خەلقچىللىقى، تىلىنىڭ پىشقان، ئاددى، ئىخچام، دەللىكى، ئوبرازلىرىنىڭ جانلىق، چىنلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددى، يىنىك، يىغىنچاقلىقى، سىيۇژىتىنىڭ قىزىقارلىق، كونكېرىت، جانلىق، ماسلاشقان بولۇشى بىلەن بىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىمىزغا سازاۋەر بولغان نادىر ھېكايىدۇر.

     

     

    分享到: