ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-14

    مۇھەببەت ئۈچۈن ياشايمىز، مۇھەببەت ئۈچۈن سۆزلەيمىز - [رەشىد ماقالىلىرى]

     مۇھەببەت ئۈچۈن ياشايمىز، مۇھەببەت ئۈچۈن سۆزلەيمىز

    رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «مۇھەببەت»[①] ناملىق داستانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

       ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، بىزدە مۇھەببەت توغرىسىدا تالاي قىسسەلەر، تالاي غەزەل، داستانلار يېزىلىپ، بىر – بىرىدىن بەسلەشكۈدەك ئېسىل دىۋانلار تۈزۈلدى. بۇنداق ئېسىل دىۋانلار دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ بىساناق ئەلۋەتتە. مۇھەببەت ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن مۇنچە كۆپ «گۈلدەستىلەر» تېزىلغانلىقى ۋە تېزىلىۋاتقانلىقىغا جاۋاب بېرىش توغرا كەلسە، مەن بۇنىڭغا ئىنسان ھاياتىنىڭ مۇھەببەت ئىچىدە مەنا تېپىۋاتقانلىقىدىن دەپ جاۋاب بېرىمەن. مانا شۇ رېۋايەتلىرىمىزدىكى ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ مۇھەببەتلىك ھېكايەتلىرىدىن باشلىنىۋاتقان ئىنسان ھاياتىنىڭ تالاي ئەسىرلەر قوينىدىكى مەناسىنى ئەلۋەتتە مۇھەببەتسىز قىياس قىلالمايمىز. ئىنسان ھاياتىغا مەنا بېرىدىغان قىممەتلەر گەرچە كۆپ تۈرلۈك بولسىمۇ، ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەت دەل ئۇنىڭ نىگىزىدە تۇرۇپ كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت. ئىنسان يۈرىكى ئەسىرلەردىن بۇيان «مۇھەببەت» دەپ سوقۇپ كەلدى.

       بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭ بىر ئېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانا مۇھەببىتى، ئۇرۇق – تۇغقان مۇھەببىتى، ۋەتەن – ئانا يۇرت مۇھەببىتى، يارغا ئاتالغان مۇھەببەت، كەسىپكە، ئىلىم – ھۈنەرگە بولغان مۇھەببەت، دوسىت – يارانغا بولغان مۇھەببەت ... لەرگە ئوخشىغان تارماق ئېقىنلىرى بار. ئەدەبىياتىمىز دەل مۇشۇ مېھىر – مۇھەببەتلىك ئېقىنلاردىن ئۆزىگە قۇۋۋەت ۋە مەنا تېپىپ كەلدى.

       ئەسىرلەردىن بۇيان، «مۇھەببەت» ئەدەبىياتتىكى ئاساسلىق، ئۆلمەس تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، قەلەمكەشلەرنىڭ قايتا – قايتا قەلەم تەۋرىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى. كىلاسسىكلىرىمىزدىن مەيلى لۇتفى، مەيلى نەۋائىي، ۋە مەيلى نىزارىلار بولسۇن،  ۋە ياكى دەۋرىمىز شائىر - يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمىدە بولسۇن، ئوخشىمىغان بەدئىي سەنئەت، ئوخشىمىغان رەۋىشتە بۇ تېما تەكرار ۋە تەكرار ئەكىس ئەتتى. لېكىن ئوقۇرمەن قەلبى مۇھەببەتكە ھامان قانمىغانلىقى، ھامان مۇھەببەتكە تەلپۈنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەرنى قەدىرلەپ سۆيۈپ ئوقۇپ كەلدى.

       مانا يېقىندا، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» گۈلشەنىدە، مۇھەببەت توغرىلىق ئېيتىلغان مۇڭلۇق بىر يېڭى ھېكايىنى يۈرىكىم بىلەن تېڭشىدىم. تېڭشىدىميۇ، يۈرىكىمنىڭ ئاچچىق ئېچىشىۋاتقانلىقنى ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ ئاچچىق ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، تەسىرات بەتلىرىگە قۇرلار تېزىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ دەل شائىرە رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «مۇھەببەت» ناملىق داستانى ئىدى.

       داستاندا، زامانىۋىي جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت توغرىلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ بارغانسېرى غۇۋالىشىپ، تۇمانلىشىپ كېتىۋاتقانلقىنى، شۇ سەۋەبتىن رېئال جەمئىيىتىمىزدىكى مۇھەببەتلىك بىر جۈپ ياشنىڭ ئاچچىق ھايات قىسمىتى ئىبرەت ساۋاقلىرىمىز قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىدەك مۇھەببەت پاجىئەسى شېئىرىي بايان، كۈچلۈك ھېسىيات، لىرىك ئوبرازلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

       داستاندىكى ھاللىق ئائىلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەت بىلەن نامرات ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پەزىلەتلىك قىز باھارنىڭ سەبىي مۇھەببىتىنىڭ، يۈرەكلىرى مال – دۇنيا، ھوقۇق – مەرتىۋە، شان – شۆھرەتنىڭ چاڭ – توزانلىرى ئاستىدا قالغان يىگىت ئاتا – ئانىسىنىڭ توسقۇنلىقى بىلەن ۋاقىتسىز خازانغا ئايلانغانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق بىزگە، بىر قانچە ئەسىرلەر ئىلگىرىلا نىزارى ھەزرەت قەلىمىدىن سىرىغىغان قانلىق مىسرالارنى ئەسكە سالىدۇ. ئوخشاش بىر پاكىز ئىستەك - مۇھەببەت، ئوخشاش بىر قارا كۈچ - شۆھرەتپەرەسلىك، ئوخشاش بولمىغان زاماندا تەكرارلىنىۋاتاتتى.

       شائىرە داستاندا، داستان تىلىنىڭ ھېسسىياتلىق، لېرىكىلىق بولىشىغا ئالاھىدە كۈچىگەن بولۇپ، داستاندىكى ئىستىلىستىكىلىق ماھارەتلەر بىلەن ماسلاشقان «كۈي»، «ئۇپۇق»، «باھار»، «گۇگۇم»، «تولۇنئاي»، «شەپەق»، «كېچە»، «كەپتەر»، «ئەتىرگۈل» .... لەرگە ئوخشىغان ئىماگلار شېئىرىي مىسرالارنىڭ ئويناق، يارقىنلىقىنى، ھېسىياتقا تويۇنغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ يەردىكى «كەپتەر» داستاندىكى ئۆزگىچە بىر مۇھىم ئىماگ بولۇپ، ئۇ شائىرەنىڭ غايىۋىي مەنزىلى بولغان ئەركىن مۇھەببەتنىڭ تىمسالى. بىز بۇ ئىماگنىڭ شائىرە ۋە ئەسەردىكى لىرىك قەھرىمانلارنىڭ ئىنتىلىشىنى، غايىسىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى بىلەن سىمۋول دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ بىزگە بۇنىڭ كىلاسسىك داستانلىرىمىزدىكى «قىزىلگۈل»، «بۇلبۇل»، «كاككۇك»، «زەينەپ»كە ئوخشىغان سىمۋوللۇق ئوبرازلارنىڭ شائىرە قەلىمىدىكى ئىجادىي ئىش قوشۇشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.

       بۇ يەردە ئوبراز تىلغان ئېلىنغاندا، داستاننىڭ يەنە بىر مۇۋاپپەقىيىتى بولغان ئوبرازلىرى توغرىلىقمۇ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر كىچىك داستان بولۇپ، بۇ تەرەپتىن ئېيىتقاندا، كىلاسسىك داستانچىلىقىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقان. بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىزدا يېزىلغان داستانلانىڭ كۆپىنچىسى سىيۇژىتى بىر قەدەر ئىخچام، ھەجىمى قىسقىراق بولۇپ، بۇنى دەۋرىمىزدىكى زامانىۋىي داستانچىلىقىمىزنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى دەپ قاراش مۇمكىن.

    رۇقىيە خانىمنىڭ بۇ داستانىمۇ ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ئالتە بۆلەكتىن، جەمئىي 75 كۇپلىتتىن تەركىب تاپقاندۇر. لېكىن داستان ھەجىمىنىڭ كىچىك، سىيۇژىتىنىڭ چاققان بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭدىكى ئوبرازلارمۇ خېلى مۇۋاپپەققىيەتلىك يارىتىلغان. بىز ئاشىق يىگىت مۇھەممەت، مەشۇق قىز باھارلار ئوبرازىنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىمىز. داستاندىكى بىر جۈپنىڭ مۇھەببەت يولىدىكى تىرىشچانلىقى، بىر – بىرىگە بولغان چىن ئەقىدىسى، ئاتا – ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى، ھەتتا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئارزۇ – تەلەپ، ھەق – ھۆرمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا بويسۇنۇپ باشقىلار بىلەن توي قىلىشى، لېكىن يەنىلا مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ ئۆلۈم يولىنى تاللىشى دېگەندەك دىتاللار بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان قايىللىقىمىزنى، ھېسىداشلىقىمىزنى قوزغايدۇ. بېراق، مەن بۇ ئوبرازلارنىڭ پۈتۈنلەي چىن، پۈتۈنلەي مۇۋاپپەقىيەتلىك يارىتىلدى دەپمۇ قارىمايمەن. گەرچە ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان سادىقلىقى مېنى قايىل قىلسىمۇ بېراق، ئۇلاردا زامانىمىز ياشلىرىغا خاس ئىسىيانكار، ئۆز بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان خاراكتېرنىڭ كەملىكى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى. يۈز يىللار ئاۋاللا خېلى جۈرئەتلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن «رابىئە - سەئىددىن»دەك ئوبرازلارنىڭ يەنە شۇ پېتى، يەنى چىقىش يولى يوق ئۆلۈمنى تاللىشىنى تازا قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيمەن.ئوبرازلارنىڭ بۇنداق يارىتىلىشىنى ئۆز نۆۋىتىدە بەلكى شائىرەنىڭ رېئاللىقىمىزدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئاچچىق قىسمەتلەردىن كىشىلەرنى «ئۆلۈم يولى» بىلەن ئېچىندۇرۇپ، ئىبرەت ئېلىشقا يېتەكلەشتەك ئىددىيىۋىي نىشانى سەۋەبىدىن شۇنداق يارىتىلغان دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.

    ئەسەرنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك تەرىپى دەل ئۇنىڭ ئىددىيۋىيلىكىدۇر. شائىرە داستاننىڭ بېشىدىلا گەپنى زامانىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ «مۇھەببەت قارىشى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىكى روھىي ئېغىشقا قارىتا مۇنداق رەدىيە بېرىدۇ:

          بەزىلەر دەر شۇنداق : زامان ئوخشىماس،

          ئۇ چاغلار يوق ئىدى ئەركىن مۇھەببەت.

          تاۋلىغاچ ھىجراننىڭ دەشتى – سەھراسى،

          بولغانكەن سۆيگۈسى ئۈزۈلمەس ئەبەت.

         

          ياشىسا گەر پەرھاد ئۇچۇر دەۋرىدە،

          شېرىنچۈن قازالماس ئىدى بىر ئېرىق.

          تاھىر ھەم زۆھرەسى ئۈچۈن ئۆزىنى

          قۇربان قىپ يۈرەلمەس ئىدى بۇ ئېنىق.

     

          مەن دەيمەن، ھەققىمىز يوقتۇر ئۇلارنى

          بۈگۈنگە تارتقۇشلاپ قارا چاپلاشقا.

          ھاياتنىڭ يىلتىزى نېمە؟ بىلەلمەي،

          مۇھەببەت ئۆلدى، دەپ قۇرۇق باتناشقا.

    شائىرەنىڭ بۇ خىل مۇھەببەت قارىشى جەھەتتە ئېغىپ كەتكەن، مۇھەببەتنى ئۆزىنىڭ ئاجىز ياشاش مەنتىقىسىگە بويسۇندۇرغان كىشىلەرگە قارىتا كەسكىن قارشى ئىددىيىۋىي مەيدانىنى يالغۇز يۇقارىقىدەك ئوچۇق بايانلاردىنلا ئەمەس بەلكى، پۈتكۈل مېسرالاردىن، ئەسەردىكى چوڭقۇر كەيپىياتتىن، شائىرە قەلىمىدە يارىتىلىغان، بىزنى ھاياجانغا سېلىۋاتقان لېرىك ئوبرازلاردىن، ئەسەردىكى لىرىك مۇھىتتىن باشتىن – ئاخىرى كۈچلۈك ھېس قىلالايمىز. داستاندا شائىرە ئىزچىل توغرا بولغان، ساپ، ئەركىن مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ. ئۇنى مەدھىيلەپ، ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق نەتىجىسىگە چوڭقۇر ھېسىداشلىق قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى توغرا بىر ئىددىيىۋىي مەنزىلگە باشلاپ، مۇھەببەتتىكى ئەركىنلىكنى، ئىنسانىي چىن سۆيگۈنىڭ ۋىسالىغا يېتىشىگە يول قويۇش، ئۇنى قوللاشتەك تەشەببۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا شائىرەنىڭ ئىرىشكەن مۇۋاپپەقىيىتى ئالاھىدە بولغان.

       مېنىڭچە داستاننىڭ ئاخىرلاشتۇرىلىشىدا ئازىراق سەۋەنلىك ساقلانغان. يەنى شائىرە ئەسەر سىيۇژىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئەسەرنىڭ يېشىمىنى پاجىئەلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەسەرگە بىر خىل تىراگىدىك تۈس بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تىراگىدىك گۈزەللىكىنى ئاشۇرماقچى بولغان. گەرچە بۇ يەردە يەنە فانتازىيەلەشتۈرۈپ، بىر خىل فانتازىيەلىك سېھرىي مۇھىت ئىچىدە، بىر جۇپ ئاشىق – مەشۇقنى كەپتەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەردىكى مۇھەممەد بىلەن باھار مۇھەببىتىنىڭ توغرا يولىنى يەنى مۇھەببەتنى قوغداش، ۋىسالىغا يېتىشىنى يەنىلا پاجىئەنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھەممەد ۋە باھارغا ئوخشىغان قىسمەتتىكى زامانىمىز ياشلىرىغا ھەقىقىي بىر چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەن. كىلاسسىك مۇھەببەت داستانلىرىمىزدا دائىم قوللىنىدىغان بۇ خىل «مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى» شائىرە قەلىمىدە ئىجادىيلىققا يۈزلىنەلمىگەن.

       شائىر دۇنياغا ھامان دۇنياغا ئۈمىد بىلەن تىكىلگۈچى. ئۇ شۇ ئۈمىدلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلىرىگىمۇ ھەم شۇنداق بىر ئۈمىدۋار روھنى يەتكۈزگۈچىدۇر. خۇددى شائىر ئەي چىڭنىڭ ئېيىتقىنىدەك :«شېئىر ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە بەرگەن بەلگىسىدۇر؛ شېئىر ئىنسانلارغا غايىگە تەلپۈنۈش جاسارىتىنى بېغىشلايدۇ.»(ئەي چىڭ : «شېئىرىيەت توغرىسىدا»، ياسىن ھاۋازى تەرجىمسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىلى نەشرى، 94-بەت). ئۇنداقتا، يۇقارقىغا ئوخشىغان زامانىمىزدىكى بۈگۈنكى رېئال مەسىلىلىرىمىزنىڭ يېشىمىنىمۇ يەنە فانتازىيەگە تاپشۇرۇش تازا ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەمما، شائىرەنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەسەرنىڭ تىراگىدىك گۈزەللىكىنى قوغلىشىش ۋە كىشىلەرنى ئىبرەت ئالدۇرۇشتەك ئىددىيىۋىي نىشانى ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن. گىپىمنى يىغىنچاقلىسام، ھەممىمىز مۇھەببەتتىن كەلدۇق، مۇھەببەت ئۈچۈن ياشايمىز، مۇھەببەت ئۈچۈن سۆزلەيمىز. ئاخىردا شائىرەمىزنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ ئۇتۇق، يەنىمۇ ئېسىل گۈل دەستىلەر تىلەش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

     

    تامام

     

    ئاپتۇر : ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ئادرىسى : شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى 


    [①]  بۇ داستان «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

     

    分享到: