-
2011-02-13
مۇتەپپەككۈرشائىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىق خاتىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇتەپپەككۈرشائىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىق خاتىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .
بۈگۈن مىلادىيە 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرى ،تۈركىي تىللارنىڭ پاساھىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا تونۇتقۇچى ،تۈگىمەس مۇقاملىرىمىزنى ئۆز غەزەللىرى بىلەن بىيىتقۇچى شائىرىمىز، ئىلىم ئاسمىنىدا چاقنىغۇچى ئالىم بوۋىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىقى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھالدا تەبرىكلەندى. يىغىنغا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى مۇدىرى لىتىپ توختى ئەپەندىم، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر يىتەكچىسى ، پىروففىسور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ۋە باشقا ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەمدە بېيجىڭدا ھەر ساھەدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى. بۇ يىغىلىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىپ ،ئالىم بوۋىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەرخىل ئىلمىي ماقالىلەر يوسۇنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئەسلىدە پەقەت 2 سا'ئەت پىلانلانغان بۇ يىغىن بېيجىڭ ۋاقتى 3تە باشلىنىپ 5تىن 40 ئۆتكىچە داۋاملاشتى.
历史上的今天:
11 يىلدا يېزىلغان شېئىر 2012-02-13ﺷﯧﺌﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎگ 2011-02-13ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎش 2011-02-13ﺷﯧﺌﯩﺮدﯨﻦ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺶ 2011-02-13
评论