ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-13

    11 يىلدا يېزىلغان شېئىر - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    11 يىلدا يېزىلغان شېئىر

     {ئىلاۋە}: شائىرلىق ئاجايىپ جەريان. بەزى شېئىرلار بىردەملىك ھاياجاننىڭ تاشقىنىدىن پەيدا بولسا، بەزى شېئىرلار شائىرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىچىنى تىڭشاش، ھاياتىنى تەلقىنلەش جەريانىدا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتا روياپقا چىقىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەن ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان شائىر ساداقەتجان ھاجى (كەتمەنباي)نىڭ ئازغىنە كەم 11 يىلدا يېزىپ چىققان شېئىرى. شېئىردا شائىرنىڭ پاكىزلىككە ئىنتىلگەن، ئۆزىنى ھەقىقەت مەيدانىدا تۇرۇپ سوراقلىغان سەمىمىي قەلبى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شائىرىمىزنىڭ ئىجادىغا يېڭى مەنزىللەرنى تىلەش بىلەن بىرگە مەزكۇر شېئىرنى بىلوگىمدا ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

     

    قەلەم سۇندى
    ساداقەتجان ھاجى

    ئاھ، مەجنۇن بولۇپ شېئىر سەۋداسىدا،
    نەچچە يىل ياشاپتىمەن قەلەم تۇتۇپ.
    ئۆتۈپتۇ ئۆمرۈم قەلەم غەۋغاسىدا،
    گاھى خۇش بولۇپ، گاھى ئەلەم يۇتۇپ.

    خىيالىم دەرياسىدا ئۈزۈپ ئويناپ،
    ئىلھامىم دۇرلىرىنى سۈزۈپ ئويناپ،
    قەلىمىم يورغىلاپتۇ ھەر مۇقامغا،
    سازىمنى ھەر پەدىگە تۈزۈپ ئويناپ.

    ئىزىغا قاراپ بۈگۈن قەلىمىمنىڭ،
    ھىس قىلدىم ھەقىقەتتىن ئازغىنىمنى.
    نەپسىمنىڭ ھالاۋىتى، ھوزۇرىكەن،
    كۆزۈمنىڭ نۇرى دېسەم يازغىنىمنى.

    كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ تۇرغان بىلەن،
    كۆڭلۈمنى باسقان ئىكەن غەپلەت مېنىڭ.
    يار ئۈچۈن تىلىمدا ئاھ ئۇرغان بىلەن،
    دىلىمدا يوقكەن ياۋغا نەپرەت مېنىڭ.

    يازغىنىم يالغان ئىكەن، ئازغان ئىكەن،
    گۈلدەستە تىزماپتىمەن زەردىن تېخى.
    دوپپامنى كۆككە ئېتىپ يۈرگەن بىلەن،
    تاپىنىم ئاجرىماپتۇ يەردىن تېخى.

    داۋان دەپ ياماشقىنىم بىر دۆڭ ئىكەن.
    دەريا دەپ سەكرىگىنىم ئېرىق چىقتى.
    باياۋان ئىكەن ئەسلى باغ دېگىنىم.
    بۇغداي دەپ تېرىغىنىم تېرىق چىقتى.

    مىنگىنىم تۇلپار ئەمەس، ئىشەك ئىكەن.
    بۈركۈت دەپ ئۇچۇرغىنىم توخۇ چىقتى.
    ئالتۇن دەپ تاۋلىغىنىم كېسەك ئىكەن.
    ساراي دەپ پۈتتۈرگىنىم ئوقۇر چىقتى.

    يۈزۈمنى قارا قىلىپ يالغانچىلىق،
    بەردى كۆپ دەككىلەرنى، ساۋاقلارنى.
    ئۇيالدىم بەزمىلەردە ئالتۇن جام دەپ،
    ماختاشتىن ئەمدى ساپال تاۋاقلارنى.

    ئۇيالدىم نىمە كەلسە شۇنى يازغان،
    مەيدانى، مىزانى يوق بۇ قەلەمدىن.
    سۇندۇردۇم ئۇنى ئاخىر قۇتقۇزاي دەپ،
    ئۆزۈمنى بۇ نۇمۇستىن، بۇ ئەلەمدىن.

    دىمەككى، دەردى بارۇ، دەرمانى يوق
    «قېنىمدۇر-سىياھ» دىگەن قەلەم سۇندى.
    خىيانەت قىلىپ ئىمان-ئەقىدەمگە،
    ئىنساننى ئىلاھ دىگەن قەلەم سۇندى.

    دىمەككى، قېيىپ كەتكەن قەلەم سۇندى.
    ھەق يولدىن تېيىپ كەتكەن قەلەم سۇندى.
    نە قەلەم سۇندى؟ قەدرىم سۇندى مېنىڭ،
    «قۇرئان»دا ئەيىپ ئەتكەن قەلەم سۇندى.

    دىمەككى، ۋىجدانى يوق قەلەم سۇندى.
    ئىشقى يوق، ئىمانى يوق قەلەم سۇندى.
    نە قەلەم سۇندى؟ روھىم سۇندى مېنىڭ،
    ئۆزۈمگە ئېتىلدى ئوق! قەلەم سۇندى...

    قەلەم سۇندى، تەۋبە قىلدىم ئەي ئاللاھىم.
    ئەپۇ قىلغىن كۆپ بولسىمۇ گەر گۇناھىم.
    «قەلەم تۇتتۇم» دەپ بىر ئوتنى تۇتۇپتىمەن،
    ئۆرتىنىمەن يۈرىكىمدە قايناپ ئاھىم.

    ئوتنى تۇتتۇم، كۆيدى قولۇم، كۆيدى جانىم.
    كۆيدى ئىززەت، كۆيدى ھۆرمەت، كۆيدى شانىم.
    ياندى ئىچىم، ياندى تېشىم، ياندى ئاخىر
    ئۇخلاپ قالغان شۇ ۋىجدانىم، شۇ ئىمانىم.

    كۆيۈپ-كۆيۈپ مەندە ئاخىر ھەسرەت قالدى.
    ھەسرەت ئۆرتەپ يۈرىكىمنى نەپرەت قالدى.
    نەپرىتىم بار نەپسىمگە ھەم ھەۋىسىمگە،
    مەندە نىچۈن غەزەپ تۈگەپ غەپلەت قالدى؟

    غەپلەت ئارا كەتكىنىم يوق لېكىن سولۇپ،
    قەلبىم قاينار يۈرىكىمگە ئۈمىد تولۇپ.
    سۇنماس قەلەم بەرگىن ماڭا ئەي ئاللاھىم!
    ئىشقىم ئىسيان ئېتەر شۇدەم بىدار بولۇپ.

    ★★★★★
    2001-
    يىلى 6-ئايدىن باشلاپ يېزىلدى.
    2012-
    يىلى 1-ئايدا تامام بولدى.
    ★★★★★

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

     

     

    分享到: