ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-13

    رىسالەت مەردان شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     

     رىسالەت مەردان شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

    ( رىسالەت مەرداننىڭ ‹ شېئىر بولۇپ قايتىمەن ئاستا › ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن )
    ھەلىمە تۇردى

    مەن بىر شېئىرىيەت ھەۋەسكارى ،دائىم شېئىر ۋە شېئىرلار ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلارنى ئوقۇپ تۇرىمەن.ئوبزور ئوقۇش تولىمۇ پايدىلىق. ئۇ شېئىرنى يەنە بىر قەدەم چۈشىنىشىمىزگە، ئاپتۇرنىڭ ئىدىيىسىدىكى شېئىر بىلەن تەنقىدچىنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىكى شېئىرلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ شېئىرلارنى ياخشى تونۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ بىر پىكىر تاۋلاش ،ئۆز ئارا  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى. مەن ئىلگىرى ئوقۇغان شېئىرلىرىم توغرىسىدا كاللامدا پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرغان بولساممۇ،بىراق،ئەمدى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،ماڭا تەسىر قىلغان ۋە ياققان شېئىرلار توغرىسىدا سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى.

           مەن شائىر رىسالەت مەرداننىڭ شېئىرلىرىنى ئىزچىل ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن قانداقتۇر بىرخىل يېقىملىق باھار شامىلىدەك تۇيغۇ يۈرىكىمنى سىيپاپ ئۆتكەندەك بىر ئالاھىدىلىكنى ھېس قىلغان بولساممۇ،بىراق بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئوچۇق دەپ بىرەلمەيتتىم. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2010-يىللىق 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى «ئەدەبىيات گۈلزارى»سەھىپىسىدىكى «شېئىر بولۇپ قايتىمەن ئاستا»ناملىق شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،رىسالەت مەردان شېئىرلىرىنىڭ نىمىشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتقانلىقىنى بىلگەندەك بولدۇم.

    1.ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر ھېسسىيات
    ئادەتتە ئۆزىمىزنى شېئىرنى چۈشىنىمىز دەپ ئويلايمىز، لېكىن بۇ چۈشىنىش بىلەن تۇيغۇنىڭ ئورتاقلىقى پەرىقلىنىدىغان ئۇقۇمدۇر. شائىر ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرىنى دەبدەبىسىز، مۇرەككەپ سۆز جۈملىلەرسىز ئىپادىلەپ، ئۆزىگە خاس شېئىرىي ئۈنۈم ياراتقان.

           كەينىڭگە قارا

    بۈگۈن ئەجەپ غەمكىنسەن جېنىم

    يۈرىكىمنى يېدى غەم ئوتى

    ياق ئەنسىرەشنىڭ بىرتوپ قۇرۇتى

    .....

    قاراقارا

    دېرىزىدىن قاراپ يولۇڭغا

    ئامان بول دەپ پولاڭلاتتىم قول

    ئاھ،شۇ چاغ ئېغىر غەم بىلەن،

    ئىشىك تامان ئالغان ئىدىڭ يول.

    مەن قولۇمنى ئۇزاتتىم ساڭا

    مېھرىڭ بىلەن تۇتۇۋال ئۇنى

       بۇ مىسرالاردا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يېقىملىق بىرمۇھەببەت مېلودىيىسى ياڭراپ تۇرۇپتۇ.بىراق،بۇ كۈي،دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئەمەس،بەلكى ئىنتايىن ئاددى ،ئەمما،شئىرىي تۇيغۇغا تويۇنغان مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.

               سەن ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتكەندە،

    تاغلار يېرىلمىدى،تىترىمىدى يەر.

    پەقەت كۆك ئاسماندىن تۆكۈلدى ئاق قار

    مەن غەمكىن تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ،

    سېنى كۈتتۈم ،كۈتتۈم غەمكىنلىك بىلەن

    ياشمۇ تۆكمەي ئاخىرغا قەدەر .

    قاراڭ،بۇ مىسرالارغا!ئەگەر «تاغلار يېرىلدى،تىترىدى جاھان»...«ياشلىرىم تۆكۈلدى كەلكۈن كەبى»...دەپ يازغان بولسا بەلكىم،ئانچە چوڭ بەدئىي ئۈنۈم يارىتىلمىغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتكەن قەدىردانى سالامەت قايتىپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇ سۈكۈت ئىچىدىكى كۈتۈش ناھايىتى ئېنىق، يارقىن ئىپادىلەنگەن.

    2.شېئىرىي تىل،شېئىرىي تۇيغۇغا ئىنتايىن باي.

    شېئىرىي تىل –شېئىرنىڭ يولخېتىدۇر، شېئىرىي تۇيغۇ بولسا شېئىرنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكىدۇر، ئەگەر بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى ھازىرلانمىسا، شېئىرلاردىن ئالىدىغان ئىستىتىك زوقىمىز تۈۋەنلەپ كەتكەن بولاتتى.
    رىسالەتنىڭ شېئىرلىرىدا مانا موشۇ خىل شېئىرىي تۇيغۇ، شېئىرىي تىل ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
    مۇزىكىنىڭ يۇمشاق قوللىرى
    پەپىلەيدۇ مېنى توختىماي
    قوللىرىڭنى چىڭ سىققۇم كەلدى
    ساڭا يۆلىنىپ كۆنۈپ قاپتىمەن
    بىرەر قېتىممۇ تىڭشاپ باقمىدىم
    قەلبىمدىكى جىمجىت چوقاننى
    بۇنى ئوقۇساق شۇنداق ئاددىي ھەم ئىللىق بىر سىزىم ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سالىدۇ، قانلىرىمىزنىڭ ئىسسىققنە شورۇلداپ ئېقىۋاتقانلىقىنى، جىمجىت بىر ھاياجاننىڭ يۈرىكىمىزنى ئېرىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. مانا بۇ شېئىرىي تۇيغۇ، مانا بۇ شېئىرىي تىلنىڭ بىزگە بەرگەنلىرى. بۇ مىسىرالاردا ‹‹مۇزىكىنىڭ قولى ››‹‹قەلىبتىكى جىمجىت چوقان ›› قاتارلىق شېئىرىي سۆز بىرىكمىلىرى شائىرەنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خىل تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە قادىر بولالىغان.
    3. ئاممىبابلىقى
    قارىماققا پۈتۈنلەي مۇرەككەپ بولغان يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق، رىسالەتنىڭ شېئىرلىرىدا ئاممىبابلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئادەمنىڭ زېھنىدىن ھالقىپ كىتىدىغان، چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەر يوق،  بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بۇ خىل پەلسەپىۋىي پىكىرنى، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئاياللارغا خاس بولغان ئىنچىكە كۈزىتىش ئارقىلىق، تونۇش شەيئىلەرنى شېئىر مىسىرالىرىغا سىغداپ،  شېئىرلىرىنى چوڭلارمۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ، شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ۋە شائىرلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان ئۇسلۇبنى ياراتقان.
    ئايال، ئايال
    بالكۇندىن قاراپ
    ساقلايدۇ ئېرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى
    بالكۇندىن قاراپ
    كۈتىدۇ سائەتنىڭ توشۇشىنى
    خىمىر يوغۇرۇلۇپ بولدى،
    كاللىدا ھەممە نەرسىلەر ھەل بولدى
    توغرالغان كۆكتاتلار بەئەينى ئىلھام
    شېئىر مىسىرالاردا ياتار سوزۇلۇپ
    بەخىرامان
    چىلىنىپ ئەقىدە ئاپتىپىغا
    لەغمەن پىشتى، بىر تەخسە لەغمەن
    بىر ئايالنىڭ مۇھەببىتىدەك
    بۇ شېئىردا ئاددىي ھەم ئۇلۇغ بىر مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن، ئادەتتە ھەممە ئائىلىدە ئۈچ ۋاقلىق تاماق ئېتىلىپ تۇرۇلىدۇ، شائىرە بۇ ئاددىي كۆرۈنۈشنى شېئىرىي تۇيغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، مۇھەببەتلىك بىر ئائىلە، كۆيۈمچان ئايال،بۇ شېئىردا تېخى پەيدا بولمىغان بولسىمۇ، ئايالنى شۇنچە مۇھەببەتكە سازاۋەر قىلغان مەردانە ئەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، بۇ شېئىرنى ئوقۇغاندا، بىز خۇددى، شۇ لەغمەن ئېتىش جەريانىغا قاتناشقاندەك، مۇھەببەت، كۆيۈم، مەسئولىيەتتىن پىشقان بىر تەخسە لەغمەننى ئۇلار بىلەن بىللە يەپ، ئۇلارنىڭ بەختىگە ئورتاقلاشقاندەك بولىمىز.
    يىغىپ ئېيىتقاندا، رىسالەت مەردان ئاددىيلىق ئىچىدىكى گۈزەللىكنى، جىمجىت تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشنى  ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ  قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭ  ‹‹شېئىر بولۇپ قايتىمەن ئاستا›› ناملىق شېئىرلىرى ئارقىلىق، بۇ ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىر پەللە يوقىرى دەرىجىدە نامايەن قىلغان.

    بۇ ماقالە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى ›› 2011-يىلى 22-يانىۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان. 

     


    收藏到:Del.icio.us