ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-13

    «بەخىتسىزلەر» رومانى ھەققىدە - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    «بەختسىزلەر» رومانىنىڭ بەدىئىي قاتلاملىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

     

    مۇھەممەتجان ئەيسا

          يېقىندا ياش يازغۇچى يۈسۈپجان قىيۇمنىڭ تۇنجى رومانى «بەخىتسىزلەر» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «بەخىتسىزلەر» رومانىدا بۈگۈنكى زامان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرىپ-ئادەت، تۇرمۇش خۇسۇسىيەتلىرى، مىللىي پىخسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىستىتىك ئادەتلىرى، كىشلىك قىممەت قاراشلىرى بەدئىي تەپەككۇر ئارقىلىق بىر قەدەر چوڭقۇر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىدىيىۋى مەزمۇن ياخشى ئىپادىلەنگەن، مەزمۇن بىلەن شەكىل ماس ھالدا بىرلىككە كەلگەن. روماننى بىر قانچە قېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىلا، روماننىڭ دەل بۇ خىلدىكى تېما ئالاھىدىلىكىنىڭ رومانىنى قايغۇلۇق ھەم ھاياجانلىق تۈسكە ئىگە قىلغانلىقىنى، ۋەقەلىك باشلىنىشى بىلەن ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ دولقۇنسىمان ئۆرلەپ باردىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز. ئەسەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەردىكى پىرسۇناژلارغا بولغان نەپىرەت ھەم مۇھاببىتىنى قوزغايدىغان، ئۇلارنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ، تەپەككۇر ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدىغان ئۇلارنىڭ تەغدىرىگە ئىچىندۇردىغان نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلار بولۇپ، ئەسەر دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاخىرلىشىدۇ، ھەمدە نۇرغۇن يەكۈنلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەھلىل، مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشىغا قالدۇرۇلىدۇ.

    1.  روماننىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ھەققىدە:

        مەلۇمكى بىرەر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن شۇ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۇبىكتى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تەسرۋىرلەش ئوبىكتى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىز يەنى ئىجتىمائىي جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر خىل تەبىقە، ھەر خىل ئىجتىمائىي توپلارغا مەنسۇپ بولغان ئادەملەر، ئادەملەرنىڭ زىددىيەت كۈرەشلىرى، روھى ھالەتلىرى، ئىدىيىۋى ھىسياتلىرى قىسقىچە ئىنسانىيەت تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شۇ ئەسەر مەزمۇنىنىڭ چىن بولۇشى، ئەسەردىكى پىرسۇناژلار تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قاتلاملىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

        ياش يازغۇچى يۈسۈپجان قىيۇم ئىلىنىڭ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا چوڭ بولغان، بالىلىقىدىن تارتىپ، ئىلى يېزىلىرىدىكى پەزىلەتلىك، ساددا، ئىشچان دېھقانلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇنىڭ بىر قانچە يىللىق سەنئەت ھەم يېزىقچىلىق ھاياتى ئۇنى ئىلىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاياتىغا، شۇ ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قايناق، ئەڭ مۇل تەرەپلىرىگە باشلاپ كىرگەن.

        ئاتاقلىق روسى يازغۇچىسى، ئى، س، تورگىنۋ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى تۇرمۇش چىنلىقى ئۈستىدە توختالغاندا «مىنىڭ ھازىرقى خېلىلا ياخشى نەرسىلىرىمنى تۇرمۇش بەرگەن، مەن ئۇنى ئىجات قىلىپ چىققان ئەمەس» دىگەن ئىدى. شۇڭا ئەدەبىيات تارىخدىكى نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ماتىرىياللىرى توپلاش، قايتا-قايتا ئويلۇشۇش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان. يۈسۈپجان قىيۇم ئۆزىگە ئىجتىمائىي تۇرمۇش بەرگەن نەرسىلەرنى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەرەققىياتنىڭ دىئالىكتىكىسىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەچكە مانا بۇ روماننى يېزىپ چىقالىغان.

        ئەسەرنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق شۇئارى بولغان «تەبىئەت ھەمىمىزنىڭ ئانىسى» بولۇپ، تەبىئەتتە خۇددى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۇنىڭدا ئۆسكەن ھەر بىر تال گىياھ، ھەر بىر ھايۋاننىڭ ياشاش ھوقۇقى بار. گىياھلارمۇ ئۆز-ئارا پىچىرلىشىپ سۆزلىشەلەيدۇ. ھايۋانلارمۇ سۆزلىشەلەيدۇ. ئۇلارنىڭمۇ تەبىئەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتى بار. شۇڭا ئادەم بىلەن ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر، ئانا تەبىئەت ئۇلارغا بەرگەن، ھەممىسى ئورتاق ھوقۇققا ئىگە دىگەن ئىدىيىدۇر. مانا مۇشۇ ئىدىيىلەر ئەسەردىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلاردىن ھىكمەت بىلەن لالە، يانداش پىرسۇناژلاردىن نىياز، زاكىر، ئابدىرھىم، رەيھان قاتارلىقلارنىڭ سەمىمىي چىن مۇھاببىتى، ئورتاق غايە ئىنتىلىشلىرى، ئادىمىيلىك ئەخلاق پەزىلىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

         روماننىڭ ۋەقەلىكى، پۈتكۈل ئىلى تەۋەسىدىلا ئەمەس بەلكى مۇبارەك نامى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغىمۇ تارقالغان. ئىلى-خەلق ناخشلىرىنىڭ ئوتلۇق شېئىر-كۈيلىرىگە پۈتۈلگەن، ئىلى ۋادىسىدىكى مىليۇن مۇ يەرنىڭ ھاياتلىق قىنى بولغان ئاق ئۆستەڭ ھەم ئۇنىڭ بويلىرىدىكى كوچۇم-كوجۇم مەھەلىلەردىن باشلىنىدۇ.

    ئاپتۇر روماننىڭ باشلىنىشىلا ئاقئۆستەڭنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دەپ يازىدۇ:

        «ئاقئۆستەڭ بوستان مەھەللىنىڭ شىمالى قىسىمىدكى دۆڭلۈكتىن ياقلاپ ئۆتىدۇ. بۇستان مەھەللە قارىماققا ئاشۇ دۆڭلۈككە بېشىنى قويۇپ كۈلۈمسىرەپ ياتقان پەرىزاتقا ئوخشىسا، بەزىدە ئۇ ئاقئۆستەڭ قۇچىقىغا ئېلىۋىلىپ ئەركىلتىۋاتقان بالىغا ئوخشىتىپمۇ قالىدۇ» (بەخىتسىزلەر رومانى 1-بەت).

         روماندا ئاقئۆستەڭ بويىدىكى مەھەللەرنىڭ بىرى بولغان بوستان مەھەللىسى بەدىئىي تەسۋىر ئارقىلىق قەلەمگە ئىلىنىدۇ، ئاقئۆستەڭ بويىدىكى يالغۇز قەۋرىگە، مەيلى قىش- زىمىستان، نەۋباھار، ياز، ئالتۇن كۈز ئايلىرى بولسۇن، چاچلىرى چاڭگا-چاڭگا بولۇپ كەتكەن، لىكىن ئەينى چاغدىكى گۈزەللىكى مانامەن دەپ چىقىپ تۇردىغان بىر قىزنىڭ گۈل سانجىۋاتقانلىقى ئالا-تاغىل ۋارقىراۋاتقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئارقىدىنلا 60ياشلار چامىسىدىكى زىيالى سۈپەت بىر ئادەمنىڭ 20ياشلاردىكى بىر قىز بىلەن بۇ يالغۇز قەۋرىنى يوقلاپ كەلگەنلىكى، 20ياشلىق قىزنىڭ «بۇ قىز بىردەردمەن ۋاپادار ئاشىقنىڭ مەشۇقى، ئۇقىز ھەققىدە كېيىن ساڭا كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن تېخى» دەپ بۇۋايغا جاۋاپ بېرىشى بىلەن «راست، تەسرىلىك ئاشىق-مەشۇق ھىكايىسى» (رومان 11-بەت) بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ تەسرىلىك بولغان ۋەقەلەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ. نەتىنجىدە بىز بۇ روماننىڭ شەكىل جەھەتتە ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوپنىڭ رومان-پوۋسىتلىرىدىن «قىيامەت» «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» قاتارلىقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

    2-روماندا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى:

         بۇ ھەققىدىكى خاسلىقى يورۇتۇلغان، ھەمىمىزگە مەلۇم ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولغان ئىكەن. ئۇنىڭدا ھەر قايسى مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ خاس مەزمۇنى ئۈستىدە توختالغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوبراز تۈزۈلۈشى، تىپ يارتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە خاس ئالاھىدىلىك يەنى مىللى خارەكتىر، پىسخىك سۈپەت، زوقلۇنۇش ئادەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مانا بۇلارنى ئەسەردىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلاردىن بولغان ھىكمەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سەنئەتكە بولغان شەيدالىق بىلەن، مۇھەببەتتىكى ۋاپادارلىقتىن، لالەنىڭ ئۆز ئەقىدىسىگە بولغان سادىقلىق بىلەن، تۇرمۇش خارەكتىردىكى شەرمىي-ھايالىقتىن، رەيھاندىكى يېزا دېھقان ئاياللىرىغا خاس ئەمگەكچان، تىرىشچان ساددا پەزىلەت بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاتا قىلغان چوڭقۇر ئانىلىق مېھرى مۇھاببەتتىن، زاكىرنىڭ تېنىنىڭ ئۈگە-ئۈگىسىگە سىڭىپ كەتكەن گۇمانخۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق بىلەن كېيىنكى ھاياتىدىكى ئۈكۈنۈش ھەم پۇشايمانلىرىدىن روشەن كۆرۈپ ئالالايمىز. يەنە يانداش پىرسۇناژلاردىن سادىر بىلەن تولۇنئاي، گۈلسۈم بىلەن ناسىرنىڭ مۇھاببەتلىك كەچۈرمىشلىرى ھەمدە سۈرەت بىلەن يولتۇزئاي، قۇرۋان دۇتتار قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە خاسلىق ھەم ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مول پىسخكا تىندۇرمىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بىر خىل مىللى روھىنى كۆرەلەيمىز.

    3- روماننىڭ تىل ئالاھىدىلىكى:

        «بەخىتسىزلەر رومانى پۇئىزىيە تىلغا باي بولۇپ، ئىخچام، ئاددىي ۋە گۈزەل سۆز ئىبارىلەردىكى ئىلى شىۋىسى روماننىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرغان، بۇ روماننى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يېقىنلاشتۇرغان، روماندا بىز ئۇچراتقان «غۇرۇ» «ئۇبۇكتا» «ساقام» «پيەنچوك» «قاراۋۇي» «زابۇي» «تاپسا» قاتارلىق نۇرغۇن سۆزلەر ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا خاس يەرلىك تارانچى شىۋىسى بولۇپ، روماننىڭ 342-بېتىدىكى قىياپەت تەسۋىرىدىن كۆرۈپ ئالالايمىز.

    -ئەخمەتجان بۇ ئالەمگە تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم ئايال زاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھىسيات قاينىمىدا چاپقالغاندى. ئۇ قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، سەپسىلىپ قارىدى، قىز رەسسامنىڭ قولىدىن ئېۋەنسىز پۈتۈپ چىققان رەسمىدەك شۇنچە گۈزەل ئىدى.

    -ھەي ئۇكاھۇي، تاقرى دۆڭنىڭ جىنى تەگمىگەندۇ ساڭا-ھە، نىمە بۇ پاقا تېشىۋەتكەن سويمىدەك تىكىلىپلا ئولتۇرسەن. (رومان 43-بەت)

    -ھېكىمەت غۇرۇ تۈۋىدە تىنىچلا بېىشنى تۇتۇپ تۇراتتى. بايا ئارقا-ئارقىدىن باسقان پاختىنىڭ تەسۋرىدە بولسا كېرەك، قان توختاپ قالغاندى.

    مانا بۇ تەسۋىرلەردىكى «ئېۋەنسىز» «ئۇكا ھوي»، «غۇرۇر» دىگەنلەر ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك شىۋىرلىرى بولۇپ، بۇلارنى «بەخىتسىزلەر» رومانىدا كۈيلەپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

    4- ئىجادىي رىۋايەتلەر، ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق روماننىڭ بەدىئىي رەڭدارلىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان.

        روماندىكى بىر نەچچە ۋەقەلىك شاخلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان. رىۋايەت-چۆچەكلەر ئىجادىي قوشۇلۇپ، روماننىڭ بەدىئىي رەڭدارلىقىنى ئاشۇرغان بولسا، ماقال-تەمسىل-ئىدىيۇملار بىردەك ئۆز ئورنىنى تېپىپ، ئوقۇرمەنلەردە بىر خىل ئىستىتىك ھەۋەس پەيدا قىلغان.

        رومانغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق بۇ خىلدىكى ماقال-تەمسىللەرنى كۆپلەپ ئۇچۇرتىمىز، مەسلەن:«كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماپتۇ»، «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ»، «ئۇلۇغ بالىغا خۇدايىم ئۈچ قېتىم ئامەت بېرىدۇ»، «ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق، ئونبەشى قاراڭغۇ»، «پاقالچاق قىچىشسا قونچىنى قاشلاپتۇ»، «دىۋانىنىڭ قانىتى ئىشەك دەپتىكەن كونىلار» ئىدىيۇملاردىن «تاقىر دۆڭنىڭ جىنى تەگمىگەندۇ ساڭا» دىگەندەك.

       مەلۇمكى ماقال-تەمسىل ئىدىيۇملار، بىر مىللەت ئەقلى-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ھاياتلىق پەلسەپەسىنىڭ ئەقەللى يەكۈنى، ئەقىل-ئىدىرەكنىڭ بۇلىغى بولۇپ، يازغۇچى ئۆز ئەسىرىدە ماقال-تەمسىللەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ دەل جايدا ئىشلەتسە، ئۇنداقتا بۇ ماقال-تەمسىللەر پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى ئېچىپ بېرىشتە، سىيۇژتلاردىكى ۋەقەلىكلەرنى جانلاندۇرۇشتا، ئەسەرنىڭ تەربىيىۋى رولىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ھەمدە شۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەر شۇنچە سەمىمىي، شۇنچە چىن، شۇنچە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ.

         «بەخىتسىزلەر» رومانىدا ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ ئۆزىگە خاس لەقىمى بار. مەسلەن: «ئابلىز بۇقا»، «نىياز تۇڭ»، «تۇرغان داڭگال»، «سدىق ياۋاش» قاتارلىقلار. شۇنىسى ئىنىقكى «بۇقا» ئابلىزنىڭ تەن-تۇرقىغا قاراپ، «توڭ»، «ياۋاش»لار نىياز بىلەن سىدىقنىڭ مىجەز-خارەكتىرىگە قاراپ قويۇلغان. بىز يەنە بۇ روماندا «ھاشىم تەتۇر»، «ھىمىت قاۋان»، «ئەدىھەم تىرتەك» قاتارلىق لەقەملەرنى كۆپلەپ ئۇچۇرتىمىز. بۇ لەقەملەر مۇنداقلا قويۇلۇپلا قالغان لەقەملەر بولماستىن بەلكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى مۇساپىلەر داۋامىدا بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر، جانلىق قىسمەتلەر، ئامەت ھەم ئاپەتلەرنىڭ بىر-بىرىسى بىلەن جىپسلىشىپ، ئادەم پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، تۇرمۇش ئادىتىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يۇمۇرىستىك خاس مىجەزىنى يېتىشتۈرگەنلىكدۇر. يۇقۇرىدا بىز ئىيتقان ماقال-تەمسىللەر، خاس لەقەملەر، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چاقچاق سورۇنلىرىدا، مەشرەپلەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ بۇ خىل خاسلىقنى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى، كىشىنى زوقلاندۇرۇشتىكى جانلىقلىقىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىدۇ. بىز روماننىڭ 48-49-بەتلىرىدىكى ئاددىيى بىر سورۇندىكى مۇنداق چاقچاقلارغا نەزەر سالايلى.

    -قىنى قۇرۋانكا، بۇلبۇلۇڭ دانلاپ بولغۇچە، ئاۋۇ چومۇچىڭنى دىرىڭشتىپ تۇرمامسە- دىدى، يۇمشاق چىملاردا يانپاشلاپ ياتقان مەرۇپ «چاقچاق».

    -سازلىمايلا چالدىغان دىۋانىنىڭ ساپايىسى ئەمەس ئۇ-دىدى، قۇرۋان يېنىدا قۇرۇت شۈمۈپ ئولتۇرغان «دىۋانە» لەقەملىك سونۇرغا قاراپ.

    -دىۋانە بىلەن ساپايىسى بولمىسا، بۇ كەمگە ئاچلىقتىن ئۆلەتتىڭ سەن گۇيلار،- دىدى سونۇر خالتا ئۈستىدىكى پارچە-پۇرات نانلارنى كۆرسىتىپ.

    -سونۇر، ئاڭلىسام دىۋانچىلىقتا چۈشكەن پارچە-پۇرات نانلارنى كەپشەردە پۈتۈنلىگلى بولىدۇ، دەيدىغۇ راستمۇ؟ بىز يەنە بۇ چاقچاقلارنىڭ كەينىدىلا مەرۇپنىڭ بوش كەلمەي چاقچاقنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى، سونۇرنىڭ ھازىر جاۋاپلىقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

    ر


    收藏到:Del.icio.us