ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-12-24

    ھەقىقىي لىرىكا پەردازغا مۇھتاج ئەمەس - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

     

    ھەقىقىي لىرىكا پەردازغا مۇھتاج ئەمەس

     

    ياش ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غالىپ مۇھەممەت قارلۇق بىلەن سۆھبەت

     

    ئاپتۇر ئېلاۋىسى: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان ئاتاغلىق شائىر بوغدا ئابدۇللا بىلەن شېئىر ھەققىدىلا ئەمەس، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، فولكلور، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەر ھەققىدە پاراڭلاشسىڭىزمۇ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىپلا قالماي، بۇ مويىسپىتقا بولغان ھۆرمىتىڭىز ئاشىدۇ، ئۇنىڭ تالانتىغا، ئىقتىدارىغا قايىل بولىسىز، ئەدەبىياتقا بولغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىدىن سۈيۈنمەي قالمايسىز.

    مەن بۇ پىشقەدەم شائىر بىلەن ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى مەسىللەر ھەققىدە پاراڭلاشقانىدىم، ئۇنىڭ شېئىر ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرى يەنىلا ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ.

    قارلۇق: بىز تۈر، ئۇسلۇب، مەزمۇن جەھەتلەردە ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزگە قانداق ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ جەھەتتە قانداق بوشلۇق مەۋجۇت؟

    بوغدا ئابدۇللا: ھەر قانداق زامان تەرەققىيات ئۈستىدە تۇرىدۇ، كلاسسىك شېئىرىيەت، ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى دىگەنلەرمۇ شۇنداق. سىز تىلغا ئېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت كلاسسىك شېئىرىيەتنى كۆرسىتىۋاتقان بولسا كېرەك. كلاسسىك شېئىرىيەتتىن ئۆگىنىش، پايدىلىنىشتا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىنلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە كلاسسىك شېئىرىيەت ئەنئەنە دىگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى شېئىرىيەتنىڭ روھىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بىزگە ئەنئەنىمۇ؟ كلاسسىك شېئىرىيەت دېسە بىر تۈركۈم ئادەملەر ئىنتايىن ساددا ھالدا10-ئەسىردىن بۇيانقى شېئىرىيەتنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. مەيلى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ياكى ئاۋالقى شېئىرىيەتتە بولسۇن، شۇ شېئىرىيەتنى يارىتىۋاتقان روھ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شەكىلنى ھەر قانداق زامان زورلىيالمايدۇ. شائىر ئۆز تېمىلىرىنى يورۇتۇشتا قايسى شەكىلنى تاللىسا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى مەلۇم شەكىل مەلۇم ۋاقىتلاردا مەلۇم تېمىلارنى يورۇتۇپ بېرەلىشى مۇمكىن، لېكىن مەلۇم شەكىل ھەر قانداق زامان، ھەر قانداق شارائىتتا مۇئەييەن تېمىنى يۇرۇتۇپ بېرەلەيدۇ دېيىلسە، بۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

    مەن بەزى سورۇنلاردا بەزى تەنتەكلىرىمىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزدىكى بەزى شەكىللەرنى يوققا چىقارماقچى، ئىسلاھ قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمەن. مېنىڭچە، بۇنى ئادەم ئەمەس، دەۋىر بەلگىلەيدۇ. شۇڭا شەكىل توغرۇلۇق گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىزنىڭ ئارۇز ۋەزىنىمىز ناھايىتى ياخشى ۋەزىن، ئۇنىڭدىن جەۋھەر، مېغىزلارنى تېپىش ۋە ئۇنى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بەك مۇھىم. ھازىر بىزدە بەزى نەرسىلەرنى چەتتىن كىرگەن دەپ قاراپ، ئەسلىدىنلا ئۆزىمىزگە تەۋە نەرسىلەرنى يوققا چىقىرىشتەك ئەخمىقانە ئىش بار. مەسىلەن، تىلىمىزدىكى «نۇرۇز» دىگەن سۆزنى پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن دېگەندەك تەنتەكلىكلەر خېلى بار. دەرۋەقە ئۇيغۇرلار ئەرەب-پارس تىللىرىدىن نۇرغۇن سۆزلەرنى مىڭ يىللاردىن بۇيان يۇغۇرۇپ ئۆزىگە خاسلاشتۇرۋەتكەن. ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت پارسلاردىمۇ بار، پارس شائىرلىرىنىڭ بەزىلىرى غەزەلنى ئاساس قىلىدۇ، ئۆمەر ھەييام روبائى يازدى. «پارس شائىرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى غەزەل يازغان» دەپلا، ئۆمەر ھەييامنى «غەزەل ياز!»دېسە بولمايدۇ-دە. ئۆمەر ھەييام ئۈچۈن غەزەل روبائىدەك ئىپادىلەشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ بولالمايدۇ. دېمەك، كلاسسىك شېئىرىيەت دىگەندە ئۇنى سېپىل قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇنى دەۋىرگە تاشلاپ بېرىش كېرەك. مۇھىمى، شەكىل ئىنكارچىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر قانداق ئادەمدە ئەدەبىياتقا نىسبەتەن زورلاش كۈچى بولمايدۇ، بۇ بىر بىلىمسىزلىك.

    كلاسسىك شېئىرىيەتتە تۈر، ئۇسلۇب، مەزمۇن دېدۇق. مەزمۇن ئاساسلىق نەرسە. ھەر بىر زامان ئۆز مەزمۇنىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كلاسسىك مەزمۇنلار بىلەن ھازىر ئەسەر يازىمەن دېسە ھەم تەس، ھەم بولمايدۇ. شۇڭا مەزمۇنمۇ ئۆزگىرىدۇ. بىز ۋارىسلىق قىلىش دىدۇق، گەپ قانداق ۋارىسلىق قىلىشتا. بۇ جەھەتتە بىزگە ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلامدۇق ياكى مەزمۇنىغىمۇ، ئوبرازىغىمۇ ياكى تىلىغىمۇ دېگەنلەر نائېنىق. بۇ يەردە بىز ئۇنى كلاسسىك سىيما دېسەك بولىدۇ. شۇڭا گەپ كلاسسىك سىيمالاردىن قانداق پايدىلىنىش مەسلىسىدۇر. ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزدە ئاجىزلىق كۈرۈلدى دېسە، مۇشۇ كلاسسىك شېئىرىيەتتىن، يەنى كلاسسىك سىيمالاردىن خەۋەردار بولالمايۋاتقانلىقىمىزدىن چىقىدۇ، يەنە كىلىپ مۇشۇ خەلق شېئىرىيىتىدىن بىخەۋەرلىكىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ. بىزدە داستان يازىدىغانلار ئاز، بىزدە داستانچىلىق تۈگەپ كەتسە بولمايدۇ، داستانچىلىقنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. داستانچىلىقمۇ شېئىرىيەتتىكى مۇھىم تۈر.

    قارلۇق: دۇنيا شېئىرىيىتى كۆپ خىللاشقان شېئىرىيەت، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كەم بولوۋاتقان تۈرلەر قايسى؟

    بوغدا ئابدۇللا: توغرا، دۇنيا شېئىرىيىتى كۆپ خىللاشقان شېئىرىيەت، يەنە كىلىپ، ئۇ ئالدى بىلەن كۆپ تىللىق شېئىرىيەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلغار مىللەتلەرنىڭمۇ، تەرەققىي تاپمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ، كەمبەغەل ھالەتتە ياشاۋاتقان خەلقنىڭمۇ شېئىرىيىتى بار. ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىقتىساد شېئىرنى بەلگىلىمەيدۇ. شېئىر ھەر قانداق مىللەتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بىر خىل بەدىئى پەرۋاز. ئۇ ھېسىياتنى ئىپادىلەشتە پەقەتلا ئۆز قانىتىغا تايىنىدۇ، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

       -20 ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدىن كىيىن، شېئىرىيىتىمىز تەرجىمە ئارقىلىق دۇنيا شېئىرىيىتى بىلەن تونۇشتى. ئىلگىرىكى كلاسسىكلىرىمىزمۇ تۇنۇشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيامۇ كلاسسىكلىرىمىز بىلەن تۇنۇشقان. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قوشنا بولغاچقا، رۇس ئەدەبىياتى، ئۆزبېك، قازاق، تاتار ئەدەبىياتلىرىنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولدى. ئاشۇ ئەدەبىيات20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىكى ئەدەبىياتىمىزنى يېتىشتۈردى. بىز ئاشۇ ئەسەرلەرنى ئۆز تىلىدا ئەمەس، بەلكى تەرجىمە ئارقىلىق كۆردۇق. ھازىرمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئۆز تىلىدا ئەمەس، تەرجىمە ئارقىلىق كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا بىزنىڭ تېتىيالايدىغىنىمىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەسلىي ھۇزۇرى ئەمەس، بەلكى2-قول ھۇزۇرىدۇر. بۇ يەردە شۇنى دەپ قۇيۇش كېرەككى، مەيلى قايسى ئەلنىڭ بولۇشىدىن، شېئىرىيەت، پرۇزا، دراما بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى كۆپ ئوقۇغاننىڭ پايدىسى كۆپ. ئامال بولسا ئۆز تىلىدا ئوقۇش كېرەك. مەن بەزى ئۆزبېكچە شېئىر توپلاملىرىنى كۆرۈپ، ئۆز تىلىدا ئەسلىسى بۇيىچە ئوقۇشنىڭ ئاجايىپ ھۇزۇرلۇق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى شائىر قايسى تىلدا يازغان بولسا، شۇ تىلدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغان، بۇ بەك ياخشى ئىش. شۇنداق قىلغاندا ئەسەرگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇددىئا بولسا ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىغاندا، بۇنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا لازىملىق بولۇشى كېرەك.

    دۇنيا شېئىرىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كەم بولۇۋاتقىنى دېيىلسە، بەزىلەر سونىت دىگەندەك شەكىللەرنى تىلغا ئېلىشىدۇ. مەنمۇ بەزى سونىتلارنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالىمەن. سونىت ياۋرۇپا شېئىرىيىتىدىكى كلاسسىك شەكىل. بۇنى شۇ خەلقنىڭ تىلى، شېئىرىي رېتىمى بەلگىلىگەن. بىز قارىغۇچىلارچە قوغلىشىپ ئۇنى شېئىرىيىتىمىزگە ئەكىرىشكە زۇرۇقساق بولمايدۇ. چۈنكى بىزدە بۇنداق شەكىل بولمىغان، بىزدە ناھايىتى گۈزەل، تەبئى شەكىللەر بار. بىز ئۆزىمىزنىڭكىگە تېخى يىتىشىپ بولالمايۋاتىمىز، ئەلۋەتتە بۇ يەردە مەزمۇن ھەممىدىن مۇھىم. قانداق شەكىلدە يېزىشتىن قەتئىنەزەر، مەزمۇنى پۇچەك بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

    قارلۇق: شېئىرنى ئاۋامغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

    بوغدا ئابدۇللا: خەلقىمىز شېئىردىن ئايرىلمايدىغان خەلق، شۇنداقلا شېئىرنى چۈشىنىدىغان، ساقلايدىغان خەلق. شېئىرنى خەلققە يېقىنلاشتۇرىمىز دېسەك، خەلقنىڭ يۈرىكىنىڭ، تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى بىلىش كېرەك. شېئىرنى شائىرلار ئىجاد قىلىدۇ، خەلقنىڭ ئۆزىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ. يازما شېئىرىيەتنى بەلگە قىلغان زامانىۋى شېئىرىيەت ئەرشىئەلادا لەيلەپ قالسا بولمايدۇ. شېئىر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە يىتىپ بېرىشى كېرەك. خەلق شېئىرىيىتى غەزەل، قوشاق، داستانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلاردىمۇ ناھايىتى گۈزەل پىكىر ئۇچقۇنلىرى بار. شائىر خەلققە يېقىنلىشىشتا مۇشۇ پىكىر ئۇچقۇنلىرىنى تۇتۇشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ ھەم خەلققە نۇر بىرەلەيدۇ. بىز تاپالمىغاننى خەلق تېپىپ بىرىدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايىتى زور ئېستېتىك كۈچكە ئىگە چوڭ بايلىق. شۇڭا شائىر خەلقنىڭ ئىچىدىن كېلىۋاتقان مۇشۇنداق نۇر بىلەن ئۆزىنى يۇرۇتۇپ تۇرۇشنى بىلىشى كېرەك.

    بىز ئادەتتە لىرىك شېئىر دەيمىز، ھەقىقىي لىرىك شېئىر بىزدە ئەمەس، خەلقتە. ئەگەر بىزدىكى بۇخىل ھېسىياتتا چەكلىمە بار دېسەك، بۇنداق چەكلىمە خەلقتە بولمايدۇ. ئۇ ئۆز لىرىكىسىنى ئىپادىلەشتە بىز ئەيمىنىدىغان ھەم ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدىغان ئۇقۇملارنى ئىشلىتىشكە تەييار. ئۇلار مۇشۇنداق لىرىكىلارنى ياراتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەپىسلىكى، راۋانلىقى، تەبئىيلىكى، ھەتتا ئورنىغا چۈشۈپ كەتكەن بىرەر بەدىئى ئۇقۇمدىن كۈلۈپ كېتىمىز ھەم ھۇزۇرلىنىمىز، چۈنكى، ھەقىقىي لىرىكا پەردازغا مۇھتاج ئەمەس.

     

     

    «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»2007-يىل18-ئاۋغۇست سانىدىن

     

    分享到: