ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-12-24

    مەن شائىر بۇغدا ئابدۇللانى قانداق تۇنۇدۇم؟ - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    مەن شائىر بۇغدا ئابدۇللانى قانداق تۇنۇدۇم؟

    ھەبىبۇللا مىجىت

    ھەر قېتىم:

    شىئېرىيەت تاجىنى قىلمىدىم تەمە،

    بولغۇم كەلدى دالىدىكى سېرىق چېچەك.

    ئىنسانىي سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيدۈم،

    مەيلى كىچىكىپ كەلسۇن كېلىچەك.

    دىگەن مىسرالارنى ئوقىغىنىمدا، شىئېرىيەت خىلمۇ-خىل مۇددىئا، شەخسىي غەرەزلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىپ ئۆز ئاۋازىنى، سۈلكىتىنى يوقىتىپ قۇيىۋاتقان، شىئېرىي تېخنىكىلارنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقان ھازىرقى دۇنيادا، بىر مەسئۇلىيەتچان، ساپدىل يۈرەكنىڭ ئىنسانىيەتكە بۇلغان چەكسىز مۇھەبىتىنى، سەمىمىي شىۋىرلىشىنى ئاڭلىيالىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمىلىمەن. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، شائىر بۇغدا ئابدۇللا شىئېرىيەتكە بولغان سەمىمىي مۇھەبىتى، پىداكارانە روھى بىلەن، خەلقىمىزنىڭ مۇڭلىرىنى، ئىنتىلىشلىرىنى  ئۆزىگە خاس ئاھاڭدا، رېتىمدا ئالەمگە جاكارلاپ كەلدى ھەمدە ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر شىئېرىي دەۋىرنى ياراتتى.

     بەزىدە بىر شائىرنى تۇنۇش ئۈچۈن بىر نەچچە ئەسىر كىتىشى مۇمكىن، بۇلۇپمۇ شائىرلارغا بولغان چۈشىنىش، شىئېرلارغا بولغان قىزىقىش تۇلىمۇ كەمچىل بۇلىۋاتقان ھازىرقىدەك دەۋىردە، تېخىمۇ شۇنداق. شائىرنىڭ پىشانىسىغا ئەزەلدىنلا روھى سەرسانىچلىق پۈتۋېتىلگەن. ئۇنى نۇرغۇن نەرسىلەر تېخىمۇ تەنھالىققا قىستايدۇ،  بىراق ئۇ ئۈزىنى ئىپادىلىمىسە، ئۆز ئاۋازىنى ئاۋازىنى ئاڭلاتمىسا بولمايدىغان يەرگە كەلگەندە، ھىچنەرسىگە پەرۋا قىلماي يەنە قۇلىغا قەلەم ئالىدۇ. ئۇ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان كىشىنىڭ ھامان بارلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدۇ.

    شائىرلارنىڭ ئىسمىغا قارىماي قۇلۇمغا ئۇچرىغانلا شىېئرلارنى قارا-قويۇق ئۇقۇپ يۈرگەن بالىلىق ھاياتىمدا:

    چىك، چىك،  چىك،

    ئويغان بالىجان.

    تەييارلىدى چاي،

    ساڭا ئانىجان.

     

    چىك، چىك،  چىك،

    مەكتەپكە يول ئال.

    تىرىشىپ ئۇقۇ،

    ئۇستاز سۈزى بال.

     

    دىگەن شىئېرنى بىرلا ئۇقۇپ يادلىۋالغىنىم ئىسىمدە. بۇ قىسقىغىنە شىئېر نىمىسى بىلەندۇ مىنى ئۆزىگە مەھكەم باغلىۋالغان ئىدى. كىيىن ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «چوغلۇق باللادىسى» نى ئۇقۇغىنىمدا، بۇ داستانغا شۇ قەدەر مەپتۇن بۇلۇپ قالدىمكى، ئۇقۇغانچە ئۇقۇغۇم كېلەتتى ھەم شۇ چاغدا ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئاغزىدىن مەن تولىمۇ ئامراق بۇ شېئىرلارنى «بۇغدا ئابدۇللا» ئىسىملىك بىر شائىرنىڭ يازغانلىقىنى بىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. ئەمدى ئويلىسام بۇ شئىېرلارنىڭ تىلى خەلق تىلىغا چەكسىز يېقىنلىقى، بالىلىق ئادىتىمىزگە ۋە پىسخىكىمىزگە ماس كەلگەنلىكى، زۇرۇقۇش، شۇئارۋازلىقتىن خالىيلىقى، خەلق قوشاقلىرى ئۇسلۇبىدا يىزىلغانلىقى، يادىلاشقا ئەپلىكلىكى..قاتارلىق بىر قاتار خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن مىنى ئۆزىگە چەكسىز مەپتۇن قىلىۋالغانكەن. دىمىسىمۇ شۇ چاغلاردىكى بالىلار شىئېرىيىتىمىزدە يەتتە ياشلىق ئۆسمۈرگە 50نەچچە ياشلىق ئادەمنىڭ كىيىمىنى كەيدۇرۈپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار تولىمۇ ئېغىر ئىدى. مەن شۇندىن كىيىن شائىرنىڭ ئۇچرىغانلا شىئېرلىرىنى ئۇقىدۇم. ئۇقىغانسىرى شائىرغا بولغان غايىۋى ھۆرمىتىم قوزغىلىپ، «بۇغدا ئابدۇللا»دىگەن بۇ ئىسىم بالىلىق قەلبىمدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدى. كىيىن شائىرنىڭ يەنە نۇرغۇن شىئېرلىرىنى ئۇقۇش شەرىپىگە ئىرىشتىم، بۇ شىئېرلار بەزى ئاتالمىش شائىرلارنىڭكىدەك تۇيغۇمىزغا ۋە شىئېردىن زوقلىنىش ئادىتىمىزغا ئاسىيلىق قىلىدىغان قۇرۇق رەڭۋازلىقتىن خالىيلىقى، ئاخىرى بىر دۆۋە قەسەم-ۋەدىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىرادىنامىلەردىن تۈپتىن پەرقلىندىغانلىقى، كىشى قەلبىدە ئىزگۈلىك، گۈزەللىك، ئۈمىد ھىسلىرىنى ئويغىتالايدىغانلىقى بىلەن، مىنى ھەقىقىي شىئېرنىڭ قانداق بۇلدىغانلىقى ھەققىدە دەسلەپكى تۇنۇشقا ئىگە قىلدى. ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلىسەم، شائىر شىئېرلىرىنىڭ بىر ئاددى ئۇقۇرمىنى بۇلالىغىنىمدىن، ئۇنىڭ شىئېرلىرى ئارقىلىق ئۇنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالىغىنىمدىن قەلبىم ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا لىق تۇلىدۇ.

    مەن شائىر بۇغدا ئابدۇللانى تۇنجى قېتىم «چىك، چىك، چىك»، «چوغلۇق باللادىسى»ناملىق شىئېرلىرى ئارقىلىق غايىۋانە تۇنۇغان بولسام، كىين يۈز تۇرانە كۈرۈشۈش، شائىرنىڭ شىئېرىيەت توغرىسىدىكى ئۆزگىچە تەلقىنلىرىنى ئاڭلاش، ئەدىبىياتقا ، بۇلۇپمۇ شىئېرىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىنى بىۋاستە چۇڭقۇر ھىس قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ تۇنۇدۇم.

    ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق، چۇڭقۇر مۇھەببەت مىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ ئۈتۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلدى. تۇنجى قېتىم شائىرنى كۆرگىنىمدە، شىئېرلىرىدىن بۇرۇن چوڭ بۇلۇپ كەتكەن بۇ ئاتا شائىرنىڭ ئارقىسىدىن ئەيمىنىش، ھۆرمەت، قايىللىق ئىلكىدە قاراپ قالغانلىرىم ئىسىمدە. مەن شائىرنى بالىلار شىئېرلىرى ئارقىلىق تۇنۇغاچقىمۇ، ئۇنى ئۈزۈمگە تەڭتۈش ھىساپلايتىم. بىراق ئەمدى كۆرسەم ئۇ چاچلىرىنى بۇغدا چوققىسىدەك قار باسقان بىر «بالا» ئىكەن. كىيىن شائىر بىزگە يىزىقچىلىق نەزىرىيىسىدىن دەرس بەردى. شۇ چاغدا شائىرنىڭ دەرس سۆزلەشلىرىگە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كەتكىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە. مۇئەللىم بۇغدا ئابدۇللا دەرس مۇنبىرىدە ئولتۇرىدۇ، شائىر بۇغدا ئابدۇللا بولسا يىراق بىر يەردە تۇرۇپ شىۋىرلايدۇ. ئۇستازنىڭ دەرس سۆزلەشلىرىدىنمۇ بىر خىل شائىرانە كامالەتنىڭ،  تۇيغۇنىڭ پۇراقلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. شائىر مىسال ئالغاندا، سۆرەتلەۋاتقان مەنزىرە تىڭشىغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدا سۆرەتتەك ئەينەن نامايەن بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئانا تىلنىڭ قايماقتەك ئىبارىللىرىدىن پايدىلىنىپ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان، پەقەت تۇيغۇ بىلەنلا ھىس قىلىشقا بۇلىدىغان غايەت زور بىر ماي بوياق رەسىمىنى سىزىپ چىقىدۇ. ماڭا شائىر ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئۇلۇغ مائارىپچى بۇلۇپ تۇيۇلدى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا  مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ دەرسىنى كۆپ قېتىم ئاڭلاش، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئەسرالىشىش جەريانىدا، يۇقارقى قارىشىمنىڭ توغىرلىقىغا تېخىمۇ شەكسىز ئىشەندىم.

    بىر قېتىم شائىرنىڭ دەرس ئۈتىۋېتىپ: «بىز مۇنبەر ئالدىدا تۇغۇلدۇق. مانا مۇشۇ مۇنبەر ئالدىدا جان بىرىمىز» دىگەن سۈزى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان ئىدى. شۇنداق، مائارىپىمىزغا بولغان ئوتتەك مۇھەببەت، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت، ئۇنى مۇنبەر ئالدىدا مۇھەببەت بىلەن قايتىدىن تۇغۇلۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. ئۇ ئالىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ سېستىملىق تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇز نەچچە يىل جان كۆيدۈرۈپ، نەچچە مىڭلىغان ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە ئۆز ھەسىسىنى قۇشتى ۋە قۇشۇپ كەلدى.

     ئۇ ئاشۇ شائىرلىق تالانتى، كەمتەرىن، ئىسىل پەزىلىتى بىلەن، ئۆمرى بور بىلەن تەڭ تۈگەيدىغان بۇ جاپالىق كەسىپتىن باشقا ساھەگە يۆتكىلىمەن دىسە، تامامەن يۆتكىلىپ كىتەلەيتى. ئەمما شائىر ئالىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەردىن، ئىمتىيازلاردىن ئۇن-تىنسىزلا ۋاز كەچتى.

     مەن شائىرنى دەرس مۇنبىرىدە بىر ئۇلۇغ پىداگۇك سۈپىتىدە تۇنۇغان بولسام، ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى، تەپەككۇر يوللىرىنى ئىچكىرلەپ ئىگەللەش جەريانىدا، ئۇنى تېخىمۇ تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

    شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئون ئۈچ يېشىدا تۇنجى شىئېرىنى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۇيغۇر شىئېرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى، دۇنياغا تۇنۇلۇشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلدى ھەمدە ھېلىھەم بۇ ساھەدىن قۇلىنى ئۈزگىنى يوق. بازار ئىگلىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يۇپۇرۇلۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە، ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرمۇ ئىقتىسادىي قىممەت بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان، بىر مەزگىل خەلقىمىز ياقتۇرغۇدەك ئەسەرلەرنى يازغان بەزى ئەدىبلىرىمىزمۇ «بىر كېچە يازغان ئەسەرگە بىر قاپ تاماكا كەلمەيدىكەن» دەپ بۇ ساھەدىن ئاستا ئۈزىنى تارتىۋاتقان، نەشىرىيات ئۇرۇنلىرىمۇ ئىقتىسادىي قىممەتنى قوغلىشىپ شىئېر توپلاملىرىغا يېنىچە قاراۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا، بېشىغا تالاي قىسمەتلەر كەلگەندىمۇ قۇلىدىن قەلەمنى تاشلىمىغان شائىر بۇغدا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭ شىئېرىيتمىزگە بارلىقىنى بېغىشلاش روھى، بىز ياشلارغا بىر قىممەتلىك ئۆرنەك، ئەلۋەتتە.

    شائىر بۇغدا ئابدۇللا يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت ھاياتىدا، يېڭى دەۋىر شىئېرىيىتىمىزنىڭ ھەر بىر تىنىقىغا تىنىقداش، ھەسرىتىگە مۇڭداش بۇلۇپ كەلدى. شائىر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەزىز يۇرتىمىزنى، باتۇر، ئەمگەكچان خەلقىمىزنى چەكسىز ئىپتىخار، سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن كۆيلىدى، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك، چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىدى. ئۇ شىئېرلىرىدا ھەم ئۇيغۇر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھەم ئۇمۇمىي ئىنسان پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، چەكلىك شىئېرىي مۇھىت ئىچىدە چەكسىز شىئېرىي كەڭلىك ۋە چۇڭقۇرلۇق ياراتتى.  بىر مەسئۇلىيەتچان شائىرغا خاس پەزىلىتى بىلەن، شىئېرىيەتتە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، شىئېرىي ھىكمەتنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ھەقىقىي شىئېرىي قىممەتكە، قۇدرەتكە ئىگە شىئېرىي دىتاللارنى قېزىپ چىقىپ، بىر شائىر ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى. شۇڭا ئۇنىڭ شىئېرلىرى ھەر خىل مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سۈيۈپ ئۇقۇشىغا ئىرىشتى، خەلقىمىز تەرىپىدىن قەدىرلەندى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ مۇڭلۇق كەچمىشلىرىنى، ئارمان-ئىنتىلىشلىرىنى،  ئۇدۇم-ئېتىقادلىرىنى، گۈزەللىك قاراشلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تالاي ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىللىرىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەمدە بىر شىئېرىي بەدىئىي كارتىنىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇل ئەپسانىۋىي-رىۋايەتلەر بىلەن تۇيۇنغان بىر قەدىمىي مىللەتكىلا خاس بولغان ئۇدۇم-بىشارەتلەر، ئىسىل ئۆرنەكلەر نەپىس شىئېرىي تىل، گۈزەل ئوبرازلار، ئىماگلارنىڭ ياردىمىدە تىگىشلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بىز شائىر شىئېرلىرىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ تالاي ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىنى يۇرۇتۇپ بىرىشتىن ئىبارەت بىر ئىدىيە ئىزچىللىقىنىڭ گاھى ئۇچۇق، گاھى غۇۋا ھالەتتە شائىر شىئېرلىرىغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۋىتىلگەنلىكىنى، شائىر شىئېرلىرىنىڭ ئۇق يىلتىزنى تەشكىل قىلغانلىقىنى كۈرىۋېلىشىمىز ئانچە  تەس ئەمەس.

    شائىر ئۈچۈن تەبىئىي تالانىتلا بۇلۇپ، ئۆزىنى شىئېرىيەتكە يۈكسەك دەرىجىدىكى بېغىشلاش، ئىزدىنىش روھى بولمىسا، ئۇنداق شائىرنىڭ يۈكسەك پەللىلەردە ئۇزۇنغىچە تۇرالىشى ناتايىن. شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيەت ھۇرۇنلۇقىدىن تولىمۇ يىراق شائىر. بۇ خىل مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، شائىرنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇمۇمىي ئېتراپقا ئىرىشكەن شائىرغا ئايلىنالىشىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

    بىز شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ مەيلى ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يىزىلغان «چوغلۇق باللادىسى»نى ئۇقۇيلى ياكى كىيىنكى مەزگىللەردە يىزىلغان «كىرورانغا قايتىش» ناملىق شىئېرىنى ئۇقۇيلى، ھازىرمۇ ئوخشاشلا ھاياجانلىنىمىز. شائىرنىڭ شىئېرىي دىتاللارنى    تاللاشتىكى، بىر تەرەپ قىلىشتىكى  ئەستايىدىللىقى، شىئېرىي ئوبرازلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىكى ماھىرلىقى، بىزنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ.  شائىر شىئېرلىرىدىكى بىزنى ھاياجانغا سالغان نەرسە-دەل شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆلمەس قىلىش ئۈچۈن نەقەدەر زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىدە. نىمىنى يىزىشنىلا ئەمەس، قانداق يىزىش مەسلىسىنىمۇ ياخشى  بىر تەرەپ قىلغانلىقىدا.

    -2004يىلى مارت ئايلىرىدا، شائىر توقسۇ ناھىيىسىدە بىر ھەپتە ئۆپچۆرىسىدە تۇرمۇش ئۆگەندى. شائىر توقسۇ ناھىيىسىدىكى مىڭ ئۆيلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچىمىز بىلەن بېرىپ كۈرۈپ باقماقچى بولدى، بىز چۆلتاغ ئىتىكىنى بويلاپ، يول باشلىغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە بىر كونا جىپتا مىڭ ئۆيلەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق، تاغ باغرىدا يول بولمىغاچ، مىڭىشىمىز تولىمۇ قىيىنغا چۈشتى، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا ياشانغان شائىرنىڭ چاندۇرمىغىنى بىلەن، قانچىلىك قىينالغىنىنى سىزىپ تۇراتتۇق، چۈشۈپ توختاپ دىگۈدەك  تۆت سائەتتە بارماقچى بولغان مەنزىلگە يەتتۇق. شائىر مەنزىلگە بارغاندىن كىيىن مىڭ ئۆيلەرنى كۈرۈپ، تارتقان جاپاسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك كەيپىياتى ناھايىتى كۆتىرەڭگۈ ئىدى. كىيىن بۇ ھەقتە شائىر «تېجىك قۇرۇل شەھىرى»، «توغراق ئېقىن قەدىمقى شەھىرى» ناملىق ئىككى پارچە شىئېر يىزىپ، يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ جەۋھىرى بولغان«كومزەك كۆتۈرگەن قىز» غا كىرگۈزدى. مەن بۇ قېتىمقى ماتىرىيال ئىزدەش سەپىرىدىن، شۇندىلا شائىر شىئېرلىرىنىڭ نىمىشقا شۇنچە ئالقىشقا، ئۇمۇمىي ئېتىراپقا ئىرىشەلىشىدىكى سىرنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ بۇ خىل يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان روھى، ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپمۇ شىئېر دىگەننى قاتۇرۋىتىدىغانلار بىلەن رۆشەن سېلىشتۇرما ئەلۋەتتە.

    مەن بۇ يەردە شائىرنىڭ ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قىلغان ئادىمىيلىك پەزىلىتى، ھەققانىيلىق تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن. پەقەت تەتقىقاتچىللىرىمىز سەمىگە سېلىپ قۇيىدىغىنىم شۇكى، بۇغدا ئابدۇللا تەتقىقاتى ئەمدى جەزمەن كۈنتەرتىپكە قۇيۇلۇشى، بۇ ھەقتە سالماقلىق ئەمگەكلەر ئىشلىنىشى كېرەك. ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقانلارنىڭ بۇ ئىشقا سەل قارىمايدىغانلىقى ئېنىق.

    -2005يىل مارت، توقسۇ

     

    بۇ ماقالە «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق1-سانىدا ئېلان قىلىنغان

     

    分享到: