ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-12-24

    ئاسىمجاننىڭ دۇنياسى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئاسىمجاننىڭ دۇنياسى

    ھەبىبۇللا مىجىت

    ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم ئىجادىيەتتىكى خاسلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تارىنى ئۆزلۈكسىز چىكىۋاتقان ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى  تۇيغۇدىكى يارقىنلىق، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى خاسلىق، شېئىرىي شەكىلدىكى ئەركىنلىك، مەنىلەر سەپىرىدىكى چۇڭقۇرلۇق بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىم ئاسىمجاننىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىمدا، كۆز ئالدىمغا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان چاغلار ئىسىمگە كىلىدۇ. مەن ئاسىمجان بىلەن ئەسەرلىرىدىن بۇرۇن تۇنۇشقان دىسەم، بىر ئاز سەمىمىي بولغان بۇلىمەن. 1996-يىلى 10-ئاي مەزگىلى بولسا كېرەك. بۇ مىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ 2-يىللىققا چىققان ۋاقتىم. بىر دوستۇم قول ئېلىشىشلىرىدىن دوستانىلىقى، قىزغىنلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان، ئۇچۇق مىجەز، ئانچە تارتىنىپ كەتمەيدىغان بىر بالىنى ياتىقىمغا باشلاپ كىردى ھەمدە «ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم بولىدۇ» دەپ تۇنۇشتۇردى. شۇنداقلا ئاسىمجاننىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىر مۇنچە ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۈزۈم سەل يۇۋاش بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئىچ مىجەز بولغاچ، تۇنجى كۈرۈشۈشتە بەك قىزغىن بولۇپ كىتەلمىدىم. ئەمما مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلغانلارغا باشقىچە ھەۋەس قىلغاچقىمۇ، ئۇنىڭغا قايىل بولغانلىقىمنى يۇشۇرالمىدىم. ياتىقىمىز يېقىن بولغاچ شۇندىن كىيىن پۇرسەت تاپساقلا ئىزدىشىپ يۈردۇق. كەچلەردە ياتاقلارغا يىغىلىپ ئاسىمجاننىڭ يېڭى-يېڭى شېئىرلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىپ يۈردۇق. ئاسىمجاننىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىغان«نۇرلۇق دېرىزەم»، «ۋەتەن يارنىڭ خېتى»، «لى بەي غەزىلىگە تەخمىس»، «ئېتىز»، «سىنتەبىردە كۈرۈشەلمەيمىز»...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى ۋە داستانى، «شائىرلىق ئەركىنلىكى قەيەردىن-قەيەرگىچە» دىگەن يىرىك ماقالىسى، ئەنە شۇ سىتودىنىتلىق مەزگىللىرىدە يىزىلغان ھەمدە سۆھبەتلىرىمىزنىڭ مەركىزىي تېمىسى بولغان ئىدى. مىنىڭ نەزىرىمدە ئاسىمجاننىڭ قەلەم قۇۋۋىتى شۇ چاغدىلا پىشىپ قالغان بولۇپ، بىر يەرگە يىغىلغانلارنىڭ ئالدى ئىدى. بىز قايسى ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى بىلمەي قارا-قۇيۇق ئوقۇپ يۈرگەن چاغلاردىلا، ئۇ نەدىن باشلاپ، كىمنىڭكىنى تاللاپ ئوقۇشنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەتتى. ئۇ زامانىمىزدىكى  شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش بىلەن كۇپايىلىنىپلا قالماي، كىلاسسىكلارنىڭكىنىمۇ، قەدىمقى ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىمۇ، مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىمۇ قېتىرقىنىپ ئوقىدى. چەتئەل شائىرلىرىنىڭ ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرىنى ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئىزدەپ-سوراپ كۆردى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلىنىپلا قالماي، ھەر قايسى ئىلمىي ژۇرناللاردىكى مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەرنىمۇ كۈرۈشنى قولدىن بەرمىدى. مەن ھەر قېتىم شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ 1-قەۋەتكە جايلاشقان كونا كىتاب-ماتېرىياللارنى كۈرۈش بۈلۈمىگە كىرسەملا، ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم. سىتودىنىتلىق ھاياتىدا ئىگەللىگەن مۇشۇ بىلىملەر، ئۇنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىدا تازا ئەسقاتتى. ئاسىمجاننىڭ ئىجادىيىتىگە باشقىچە رەڭ بەردى. ئۇنىڭ ئىزدىنىش روھىغا باشقىچە قايىل بولغانلىقىمنى ھازىرمۇ يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. مىنىڭ بۇ يەردە بۇلارنى تەپسىلىي تىلغا ئېلىشىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولۇش ياكى باشقىچە غەرەزلەرنى كۆڭلۈمگە پۈككەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى «نىمە ئۈچۈن ئاسىمجاننىڭ شېئىرلىرى مۇنچە ئومۇمىي ئېتراپقا ئىرىشەلىدى؟» دىگەن سۇئالنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشىنى قىزىققۇچىلارغا سۇنۇش ئۈچۈن.

    مەلۇمكى شېئىرىي ئىجادىيەت باشقا ئىجادىيەتلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. سىز پىروزا بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر مەزگىل قەلەمنى تاشلاپ قويغاندىن كىيىن، قولغا قايتا قەلەم ئالسىڭىز يەنە يىزالىشىڭىز مۇمكىن. ئالايلۇق، يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر سەككىز يىلغا يېقىن قولىغا قەلەم ئالمىغاندىن كىيىن، تۇساتتىنلا يەكەن دەرياسىغا ئوخشاش كۈۋەجىلىنىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە «دۇلقۇنلۇق تارىم»، «تۆتىنچى ئىراغا سەپەر»گە ئوخشاش ھېكايىلەر توپلامىنى، رومانىنى يىزىپ چىقالىدى. ئەمما شېئىرىيەت بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. سىزدە ئالدى بىلەن تالانت بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىزدىنىدىغان، بېغىشلايدىغان پىداكارانە روھ، ئىزچىللىق بولۇشى كېرەك. شېئىرىيەتتە بىر كۈن قەلەمنى تاشلاپ قۇيۇش، بىر يىللىق چىكىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىسى ھەقىقەت. شائىر بولماق بەسى مۈشكۈل. شۇڭا تۈركىيىنىڭ داڭلىق ھەجۋىيات يازغۇچىسى ئەزىز نەسىنمۇ «ئۈزۈمنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ماقالىسىدە (مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك تەرجىمىسى، «تارىم» 2003-يىللىق 7-سان)« شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىم تۈپەيلىدىن شېئىر يىزىشنى تاشلىدىم....شېئىرنىڭ بۈيۈك سەنئەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر شائىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۈيۈك يازغۇچى بولۇشقا مەجبۇر بولغان...» دىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر مۇنەۋۋەر شېئىرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى، شائىردىن  نۇرغۇن قان-تەر تەلەپ قىلىدۇ. شېئىرىي تىلدىكى ئوبرازچانلىق، شېئىرىي مەنىدىكى چۇڭقۇرلۇق ۋە شائىرنىڭ خاسلىقى تىنىمسىز ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىممۇ ئەنە شۇنداق جاپالىق ئىزدىنىش بەدىلىگە بۈگۈنكى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ياش شائىرغا ئايلىنالىدى. ئاسىمجاننىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ بېرىشى، شېئىرلىرىدىكى مەنىلەر سەپىرىگە چەكسىز سىغىمچانلىق بەخىش ئەتتى. مىنىڭچە ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرىدىكى ئىزدىنىشنىڭ تولىمۇ ئۇتۇغلۇق بولۇشىدىكى سىر مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك ئەتىمالىم!

     

    مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us