-
2010-09-26
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﯩﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ - [سەنئەت تەتقىقاتى]
ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا نەۋائىينىڭ 1253 مىسرا شېئىر- غەزەل تېكىسىت قىلىنغان بولۇپ، مۇقام ئومۇى تېكىستىنىڭ 70% قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. ئوقۇرمەنلەر سەمىگەشۇنىڭدىن ئازغىنە بىرقىسمى تاللاندى.
<نەۋائىي دۇردانىلىرى>دىگەن كىتاپتىنبىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلەرى خۇمارىنى.ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقۇ مەن،
تۆت كۆرۈشكەندە سەلۇلەر خەنجەرى تەييارىنى.بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزىگە خالۇ جانغا دۇر،
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قاپىزۇ ئەرۋاھىنى.يەتتە ئىقلىمدا كۆرمىدىم سىنىڭدەك نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇچماقتا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.توققۇز ئاي بولدى نەۋائى يارىدىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي بىريىل ئىچرە كۆرمىدىم غەمخارىنى.<2>
باغ ئىچرە ساڭا ساچتى گۈلئاقۇ قىزىل ياپراق،
شاھ باشىغا ئانداق كىم، ئەل ئاقۇ قىزىل يارماق.نى يارلىغ ئولغەيكىم، ھەر كېچە تاڭ ئاتقۇنچە،
سەن ئەيىش ئىلە ئۇيقۇدا، مەن رەنجى بىلەن ئويغاق.كۆز مەردۇمى كويۇڭنىڭ گەردىن تىلەبەن باردى،
قانىكى ئاقار ئانى قان تارتتىيۇ يا تۇفراق.كۆرگەچ ئانى ھەيرەتتىن ئىلىكىمنىكى تىشلەبمەن،
بارماققا باتىپ بۇ رېش تىلنى كىسبان تىرناق.جان نەقدىن ئەجەل بىرلە ھەجرىڭ ئىككى بولمىشلەر،
ئانداقكى تاپىپ سودى ئايىغان ئىكى ئورتاق.كويىڭ كىرەك ئۇجماغ يوقكىم ئۇجماغۇ كويۇڭدا،
ئول نەۋئ تەفاۋۇتدۇر كىم تامۇغ ئىلە ئۇجماغ.ھەم دەھر بەقاسىزدۇر ھەم ئۆمىر ۋاپاسىز دۇر،
خۇشتۇر ناپەسى ئۆزىن ئەھباب ئىلە خۇش تۇتماق.يەتمەكلىك ئېرۇر مۈشكۈل مەقسەتكە نىدىنكىم، بار
كۆز خىرەۋۇ تۈن تىرە، ئات ئاقساقۇ يول تايغاق.دەپسەنكى، نەۋائىينى كەلگۈم داغى ئۆلتۈرگۈم،
ئول ئۆلدى بۇ ھەسرەتدىن، كەل تەڭرى ئۈچۈن پاتراق.مەنبە: گۈلىستان مۇنبىرى
历史上的今天:
ئاداققى ئاۋغۇست 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (4) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (3) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (2) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (1) 2010-09-26