-
2010-09-26
تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (4) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
باتۇر ئەرلىرىنى ئايرىدىم،
ئۇنىڭ بوينىنى قايرىدىم،
ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئالدىم،
قوشۇنى كۆپ كىم ئۆتەلەيدۇ؟(480-بەت)
بىر جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:دۈشمەن قوشۇنلىرىنى پارچىلىۋەتتىم،بويۇنلىرىنى قايرىدىم،غەزىنىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئالدىم،دۈشمەن ئەسكىرى كىشى ئۆتەلمەسلىكتەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى.
تۈركەن خوتۇن قېشىغا مەندىن قوشاق يەتكۈز،
سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز يېڭى خىزمەت ئۆتۈنىدۇ،دېگىن.(487-بەت)
خاننىڭ خۇتۇنى ھۇزۇرىغا مەندىن(قوشاق) يەتكۈز،سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز يېڭى خىزمەتلەرنى ئۈمىت قىلىدۇ دېگىن.
(ئۇنىڭ)بۇلۇتى ئۈزۈلمەي يېغىۋاتىدۇ،
(ئۇنىڭدىن)ئېرىغ(ساپلا)ئالتۇن تېمىۋاتىدۇ،
ئۇنىڭ ئېقىنى ئاقسا،مېنىڭ تەشنالىقىم قاندى.(488-بەت)
ئايال پادىشاھنىڭ ئېھسانلىرىنى تەرىپلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:ئۇنىڭ ساخاۋەت بۇلتىدىن ساپ ئالتۇن ياغىدۇ،ئەگەر ئۇنىڭ سەل ئېقىنى بىزگە قاراپ كەلسە،شاتلىقىم تېشىپ،تەشنالىقىم قاناتتى.
كىم ئېيتىپ،(قانداق)قۇلاق ئىشىتكەنكى،
ئاينىڭ ئۆيى ئارتۇچ پۇچىقى،(دەپ).(489-بەت)
شائىر سۆيۈملۈكىنىڭ يۈزىنى ئايغا،بويىنى ئارتۇچ دەرىخىگە ئوخشىتىپ مۇنداق دەيدۇ:ئاينىڭ ئۆيىمۇ تۇرار جايىمۇ ئارتۇچ دەرىخىنىڭلا پۇتىقى دەپ كىم ئېيىتقان ۋە ئۇنى قايسى قۇلاق ئىشىتكەن؟
مېنىڭ ئايىغىم ئاغىردى،
يۇشۇرۇن توزاقنى كۆرمەي(ئىلىنىپ قېلىپ)،
ئاندى ئۇزاق ئاغرىق تارىتتىم،
سۆيۈملۈكۈم ئەمدى ئەملىگىن.(493-بەت)
يۇشۇرۇن توزاقنى كۆرمەي،ئۇنىڭغا ئايىقىم ئىلىندى،مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇزاق ئاغىردىم،ئەي سۆيۈملۈكۈم،ئەمدى مېنى ئۆزۈڭ ئەملىگىن.
مېھمان كەلسە،قۇت دەپ بىلەر ئەرلەر كەتتى،
قارا كۆرۈپ ئۆينى چۇۋار پەسلەر قالدى.(499-بەت)
مېھمان كېلىشنى بەخىت-سائادەت دەپ بىلىدىغان ئەرلەر دۇنيادىن ئۆتتى،يىراقتىن بىر قارا كۆرۈنسە،مېھمان كېلىپ قالمىسۇن دەپ كىگىز ئۆينى چۇۋۇپ كۆچۈپ كېتىدىغان پەس ئادەملەر قالدى.
قىزىل،سېرىق(چېچەكلەر)بىر-بىرىگە يۆلىنىپ،
يېشىل رەيھانلار كۆتىرىلىپ چىقىپ،
بىر-بىرىگە يۆگىشىپ تۇرماقتا،
ئىنسان ئۇنىڭغا تاڭ قالسۇن.(513-بەت)
قىزىل،سېرىق چېچەكلەر قات-قات ئېچىلىپ،يېشىل رەيھانلار بىر-بىرىگە يۆمىشىپ كەتتى.كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ تاڭ قېلىشتى.
تالاي باشلار تومۇلدى،
يېغا ئاندىن يۇۋاشلاندى،
كۈچى ئۇنىڭ ئاجىزلاشتى،
قىلىچ قىنىغا تەستە سىغدى.(516-بەت)
بىر جىڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:باتۇلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى،شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ،كۈچى ئاجىزلاشتى،قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلۈكىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.
ئەگەر خالىسام قوغلاپ بېرىپ،
قوشۇننى تارمار قىلىپ تۇتاتتىم،
ئەنسىز قىلىپ بېشىنى ياراتتىم،
ماڭا بار-يوق نېمىسىنى تۆلەم قىلىپ قويدى.(520-بەت)
يڭىلگەن بىر كىشى توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ.ئەگەر مەن خالىسام ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ،قوشۇنىنى تارمار قىلار ئىدىم ۋە ئۆزىنى تۇتقۇن قىلىپ،باش-كۆزىنى يارار ئىدىم؛لېكىن جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئامدىمغا نۇرغۇن مال قويدى،مەن ئۇنى قويۇپ بېرىپ ئۆزۈمدىن مىنننەتدار قىلدىم.
دۇنيا توزىقىنى قۇرۇپ ئۇنى ياردار قىلدى،
ئۇنىڭغا دورا-دارمان ئىزلىسە دورىنى سىزدىن تاپىدۇ.(530-بەت)
ئۆزىنڭ ھالىنى ئېيتىپ شۇنداق دەيدۇ:زامان مېنى جاپا مۇشەققەت توزىقىغا ئىلىندۇرۇپ،ياردار قىلدى،كېيىن چارىسىنى ئىستىدى ۋە سېنىڭ يېنىڭدا دورا-داۋا تاپتى.
ھارغۇزدى سېنى قىز،
بويى ئۇنىڭ تال،
يېيىلۇر ئۇنىڭ ئارتۇچى،
بۇرنى تېخى قىر بۇرۇن.(538-بەت)
بىر قىزنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:زىلۋا بويلۇق قىز سېنى ئالداپ كەتتى.ئۇنىڭ بويى خۇددى ئارتۇچ دەرىخىدەك ئېگىلەتتى؛بۇرنىمۇ قاڭشارلىق كېلىشكەن بۇرۇن ئىدى.
مۇز دانچىسىنى ئۇنچە ھېسابلىماڭ،
سوۋغاتنى مانچە دەپ سەزمەڭ،
ئېرىشمىگەن نەرسىگە سۆيۈنمەڭ،
بىلىملىك(كىشى)لەر ئۇنى ياقتۇرمايدۇ.(547-بەت)
سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدىغان ئۇششاق مۇز دانچىلىرىنى ئۈنچە-مەرۋايىت دەپ يۈرمە،سوۋغات قىلىنغان يېمەكنى ئىش ھەققى دەپ سانىما؛تاپالمىغان نەرسىگە سۆيۈنۈپ يۈرمە،مۇنداق قىلىشنى دانىشمەنلەر ياقتۇرمايدۇ.
بۇ جاھاننى ياشاپ بولماس چەكمەي جاپا،
ھالاۋەتنى كۆتمەي تۇرۇپ دۇنيا تۈگەر.(548-بەت)
بۇ دۇنيادا جاپا-مۇشەققەتسىز ياشاش ھېچ مۇكىن ئەمەس،ھالاۋەت كۆرگۈچە،دۇنيا(ئۆمۈر)تۈگەپ قالىدۇ.
قارچۇغا ئېلىپ،ئارقۇن(شالغۇت ئات)مىنىپ ئارقارغا يېتەر،
كېيىك ئوۋلار،تايغان قۇيۇپ تۈلكە تۇتار.(550-بەت)
قارچۇغىنى قۇشلىتىپ،ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ،ئارقار قوغلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتىۋالىدۇ؛ئۇزۇن قۇلاق،ئىنىچكە يەل تايغىنى بىلەن كېيىك ۋە تۈلكىلەرنىمۇ ئوۋلايدۇ.
تامغا سۈيى تېشىپ چىقىپ تاغدىن ئۆتەر،
ئارتۇچلىرى تىزگىن كەبى قاتار ئۆسەر.(553-بەت)
تارماق ئېقىم سۈيى تېشىپ،تاغ ئارىلاپ ئۆتىدۇ؛ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئارتۇچ دەرەخلىرى تىزگىندەك قاتار-قاتار ئۆسىدۇ.
قارغا(ئاچلىق-تەشنالىق)دەردىنى بىلسە ئۇ مۇز چوقۇيدۇ،
ئوۋچى يۇشۇرۇنۇپ ياتسا،توزاقتىكى دانغا يېقىنلىشىدۇ.(555-بەت)
قارغا ئاچلىق-تەشنالىق دەردىنى سەزسە،مۇزنى چوقۇيدۇ،يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ئوۋچىنى كۆرمەي،ئۇنىڭ توزىقىدىكى داننى يەيمەن دەپ بالاغا قالىدۇ.
بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ سۆزىنى ئىشىت،
پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.(558-بەت)
ئالىم،دانىشمەن ۋە ئاقىل كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل،ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا،ئەردەم(پەزىلەت)لىرىنى ئۆگەن،ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىش يۈزىدە كۆرسەت.
تۈن بىلەن باستۇق،
ھەر تەرەپتىن بۆكتۈرمە قۇردۇق،
ئاتلىرىنىڭ كوكۇلىلىرىنى كەستۇق،
مىڭلاق ئەرلىرىنى سويدۇق.(565-بەت)
ئۇيغۇرلار ئۈستىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇم توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ:بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېچىسى باستۇرۇپ باردۇق،ھەر تەرەپتىن مۆكۈپ كىرىپ،ھەتتا ئاتلىرىنىڭ كوكۇلىلىرىنى كەستۇق،مىڭلاق ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۇق.«مىڭلاق»بىر يەرنىڭ نامى.
ھەممە چېچەك يىغىلدى،
پوقاقلىنىپ پۈكۈلدى(غۇنچىلىدى)،
(خۇددى)تۆت بۈرجەكلىك تۈگۈن تۈگۈلدى،
ئېچىلىپ(بىر-بىرىگە)يۆگىلىشىۋاتىدۇ.(569-بەت)
يازنى تەسۋىرلەپ شۇندا دېيىلىدۇ:ھەرخىل گۈل-چېچەكلەر توپلاندى،غۇنچىلىرى خۇددى تۆت بۈرجەكلىك تۈگۈنلەردەك بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتتى ۋە ئېچىلاي دەپ قالدى.
قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان،
ياغاچنى ئەسكىسى ئازغان،
يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان،
خەلقنىڭ ئەسكىسى بارىسغان.(572-بەت)
قۇشلارنىڭ ئەك ئەسكىسى سېغىزخان بولسا،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئازغاندۇر.ئازغان-سېـ-
رىق ۋە ئاچچىق چېچەكلەيدىغان،ھالقىغا ئوخشاپ تۇرىدىغان قىزىل مېۋىسى بار بىر خىل ئۆسۈملۈك.بىزنىڭ تەرەپلەردە ئۇنى باغنىڭ چۆرىسىگە تېرىيدۇ.ئۇ ئوتۇن قىلىشقا يارىمايدۇ،چۈنكى كۆيگەندە ئۇچقۇنلىرى چاچىراپ كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي-بېساتلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.يەرنىڭ ئەسكىسى
ئويمان-دۆڭ ۋە پاتقاق يەر ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى مۇنداق يەرلەردە چېدىر تىككىلى ۋە زىرائەت تېرىغىلى بولمايدۇ.ئادەملارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بارىسغانلىقلاردۇر.چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇيى ئەسكى ۋە ئۆزلىرى بېخىل كېلىدۇ.
ئوغلۇم ئۈگۈت-نەسىھەت ئالغىن،بىلىمسىزلىكنى(ئۆزۈڭدىن)كەتكۈز،
كىمنىڭ تالقىنى بولسا،ئۇنىڭغا شىرنە قاتىدۇ.(574-بەت)
ئەي ئوغلۇم ئۈگۈت-نەسىھەتنى قۇبۇل قىل.ئۆزۈڭدىن نادانلىقنى نېرى كەتكۈز؛تالقىنى بولغان كىشى ئۇنىڭغا شىرنا قاتىدۇ.ئەقلى بولغان كىشى ئۈگۈت-نەسىھەتنى قۇبۇل قىلىدۇ.
قىقىراپ ئاتنى سالايلى،
قالقان-نەيزە ئۇرايلى،
قايناپ يەنە يۇمشايلى،
قاتتىق يىغا بوشىسۇن.(575-بەت)
دۈشمەننىڭ ئۈستىگە سۈرەن-شاۋقۇن بىلەن ئات سېلىپ باستۇرۇپ بارىمىز،قالقان تۇتۇپ،نەيزە بىلەن زەربە بېرىپ،قاتتىق ئېلىشىمىز.كېيىن دۈشمەن يارىشىشنى سورىسا،ئاندىن توختايمىز.شۇنداق قىلساق قاتتىق دۈشمەن بوشايدۇ.
ئەگەر تەركەنىم كەلسە،
تور كۈنۈم ئوڭشىلىدۇ،مەنبە: گۈلىستان مۇنبىرى
历史上的今天:
ئاداققى ئاۋغۇست 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (3) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (2) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (1) 2010-09-26"چىڭگىزنامە" دىن پارچە 2010-09-26