ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    (ساڭا بىر)كىشى كەلسە،ئۇنىڭ(يۈزى)گە ئۆرتەيدىغان
    كۈل چاچما،ئۇنى ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى كۈتىۋال.(174-بەت)
    ساڭا بىر كىشى كۈلۈمسىرەپ كەلسە،ئۇنىڭ يۈزىگە ئىسسىق كۈل چاچما،ئۇنى ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى كۈتىۋال.
    تۇلپارىم يۈگرۈك بولدى،
    يۈگرۈك بولۇشنى مۇناسىپ كۆردى،
    بۇلۇت چىقىپ كۆك(ئاسمان)قاپلاندى،
    تۇمان تۇرۇپ،تولا ياغدى.(188-بەت)
    شوخ ئېتىم تېزلىك بىلەن چاپتى،بەيگىدە ئۈزۈپ چىقتى،شۇنداق قىلىشنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆردى،چۈنكى بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ،تۇمان توپلاندى،تولا(مۆلدۈر)ياغدى.
    ئوتتۇز(ئۈچ قېتىم ئۈچتىن)ئىچىپ قىقىرايلى،
    يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
    ئارىسلاندەك ھۆركىرەيلى،
    قايغۇ قاچتى سۆيىنەيلى.(193-بەت)
    ئۈچ قېتىمدىن ئىچەيلى،ئورنىمىزدىن تۇرايلى،ئارىسلاندەك ھۆركىرەيلى،قايغۇنىڭ بىزدىن قىراق كەتكەنلىكىنى كۆرسىتەيلى.
    بۇزراچ يەنە قۇترىدى،
    باتۇرلىرىنى تاللىدى،
    قوشۇنىنى يەنە قايرىدى،
    كەلمەك بولۇپ توپلىنىۋاتىدۇ.(196-بەت)
    ياباقۇ قەبىلىسىنىڭ بېگى بۇزراچ يەنە ئەسكەرلىرى بىلەن قايىتتى،باتۇرلىرىنى تاللىدى،كېلىش ئۈچۈن توپلاندى.
    ئامانەت ئېلىپ زېرىكمىدى،
    ئېلىشى بار(كىشى)نى كۆرۈپ ھارمىدى،
    ئاداشلىقتا تۇرمىدى،
    نۇرغۇن ئادەم توپلاشماقتا(202-بەت)
    بىراۋنى مەسخىرە قىلىپ ئېيتىلىدۇ؛ئامانەت ئېلىشتىن توختىمىدى،ئېلىملارنى قايتۇرۇشنى ئويلىمىدى،دوسىتلۇققا رېئايە قىلمىدى،ئەمدىلىكتە ئەسكىرىنى توپلاپ ئۈستۈمگە يۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
    ئۇسسىتىدىغان قۇياش قاپسىدى،
    ئومۇنغان(ئۈمىت قىلغان)ئاداش(قوشۇننى)تارىتماقچى بولدى،
    (
    دۈشمەن)ئېرتىش سۈيىنى كەچمەكچى بولدى،
    شۇڭا خەلق ئۈركۈشىۋاتىدۇ.(211-بەت)
    يازنىڭ ئاپتىپى بىزنى قاپسىدى،ئۈمىت قىلىنغان ئاداش-دوسىت بىزگە ھەسەت قىلدى،دۈشمەن ئېرتىش سۈيىنى كەچمەكچى بولۇۋاتىدۇ،شۇ سەۋەپتىن خەلق ئۈركۈپ كەتتى.
    (
    زاماننىڭ )ئادىتى زادى مۇشۇنداق،
    مۇندا باشقا سەۋەپمۇ بار تېخى،
    دۇنيا چەنلەپ ئوق ئاتسا،
    تاغلارنىڭ بېشى كەرتىلىدۇ.(217-بەت)
    زاماننىڭ ئادىتى شۇنداق،بۇنداق باشقا بىر مۇنچە قورقۇنۇچلۇق سەۋەپلەرمۇ بار.زامان تاغ بېشىنى چەنلەپ ئوق ئاتسا،تاغ بېشىمۇ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
    كەينىدىن بېرىپ كۆپ ئالدىرىدىم،
    جىق ئاۋارە بولۇپ،كۈچىنى ئازايىتتىم(ھالسىراتتىم)،
    ئېتىم بىلەن يېتىشىۋېلىشقا ئازلا قالدىم،
    مېنى كۆرۈپ تۈكلىرى ھۈرپەيدى.(226-بەت)
    بۆرە ھەققىدە ئېيتىلىدۇ؛ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئالدىرىدىم،قوغلاۋېرىپ ھالىدىن كەتكۈزدۈم،ئېتىم بىلەن ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدىم،مېنى كۆرۈپ تۈكلىرى ھۈرپەيدى.
    قىش ياز بىلەن توقۇنۇشتى،
    قىڭغىر كۆز بىلەن قاراشتى،
    تۇتۇشقىلى يېقىنلاشتى،
    (
    بىر-بىرىنى)ئۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ.(230-بەت)
    قىش بىلەن ياز بىر-بىرى بىلەن ئۆچەكىشىپ سوقۇشقىلى تۇردى،بىر-بىرىگە يامان كۆز بىلەن قاراشتى،بىر-بىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن يېقىنلاشتى،بىر-بىرىنى ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
    قاقاسلىقلار پۈتۈنلەي كۆلگە ئايلاندى،
    تاغلارنىڭ بېشى(كۆزگە)ئىلىندى،
    دۇنيانىڭ تىنىغى ئىلىندى،
    تۈرلۈك چېچەكلەر تىزىلدى.(242-بەت)
    سۇلار كۆپىيىپ،ئويمانلىقلار كۆللەرگە ئايلاندى،تاغلارنىڭ چوققىلىرى غۇۋا كۆرۈندى،دۇنيانىڭ تىنىغى ئىلىدى،دەرەخلەر كۆكەردى،جانىۋارلار جۈپلەشتى،گۈل-چېچەكلەر كەينى-كەينىدىن بىخ ئۇردى.
    باتۇر ئەرلەر(بى-بىرىنى جەڭگە)قىچىرىشتى،
    قىڭغىر كۆز بىلەن قاراشتى،
    ھەممە قورال بىلەن تۇقۇنۇشتى،
    قىلىچ قىنىغا تەستە سىغدى.(247-بەت)
    يىگىتلەر بىر-بىرىنى جەڭگە چاقىرىشتى،قىڭغىر كۆز بىلەن قاراپ ھومىيىشتى،ھەممە قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇرۇشتى،قىلىچلىرى قاننىڭ كۆپ ئۇيۇپ كەتكەنلىگىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.
    قار،مۇز تامام ئېرىشتى،
    تاغلار سۈيى ئېقىشتى،
    كۆكۈش بۇلۇت(لار)ئۆرلەشتى،
    قېيىق بولۇپ ئايلىنار.(251-بەت)
    يازنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:قار ۋە مۇزلارنىڭ ھەممىسى ئېرىدى،تاغ سۇلىرى ئاقتى؛كۆكۈش بۇلۇتلار ھاۋاغا ئۆرلەپ چىقتى،ئۇلار خۇددى قېيىقلار سۇدا ئۈزگەندەك ئاسماندا ئۈزمەكتە.
    ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلىشىپ،
    ياقا يىرتىپ ۋارقىرىشىپ،
    ئۈنىنىڭ بارىچە چىرقىراپ،پەريات چېكىپ،
    ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلەر.(255-بەت)ئادەملەر ئافراسياپنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ،بۆرىلەردەك ھۇۋلاشتى،ئاھ ئۇرۇپ ياقىلىرىنى يىرتىشتى،بەزىدە مۇڭلۇق نەغمە ئاۋازىدەك ئۈنسەپ پەريات چېكىشتى،كۆپ يىغلاپ،كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ كەتتى.
    ئۇنىڭ يارىسى ئەدىدى،
    قېنى جىق ئېقىپ ئۇيىدى،
    يارلىنىپ تاغقا چىقىۋالدى،
    ئەمدى ئۇنىڭغا كىم يېتەر؟(258-بەت)
    قېنى توختىغان ياردار ھەققىدە شۇنداق دېيىلىدۇ:ئۇنىڭ يارىسى بۇزۇلدى،يارىسىدىن قان كۆپ ئېقىپ،ھالى ئېغىرلاشتى،ئۇ تاغقا چىقىۋالدى،ئەمدى ئۇنى كىم تاپار؟
    خاننىڭ چېدىرى قۇرۇلدى،
    تۇغ تىكىپ(دۇمباق)ئۇرۇلدى،
    (
    دۈشمەن)قوشۇنى ئوتتەك ئۇرۇلدى،
    ئۇ نەگە قاچسا تۇتۇلار.(262-بەت)
    جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:خاننىڭ قاتتىق ئىسسىقتىن ۋە قار-يامغۇردىن ساقلايدىغان يىپەك چېدىرى تىكىلدى،تۇغلار قادالدى.دۇمباقلار چېلىندى،دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئوت-چۆپتەك ئۇرۇلدى،ئەمدى ئۇلارنىڭ چوڭى مەندىن قانداق قېچىپ قۇتۇلار؟
    ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغاندى،
    كېيىن تولا ئۆكۈندى،
    ئەل بولۇشقا ئىكەندى،
    ئۇنداق ئادەمنى كىم يېڭەر؟(270-بەت)
    دۈشمەن ئەمدى ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى،ئەل بولۇشتىن باش تارىتقانلىقىغا كۆپ پۇشايمان يېدى،ئۇنداق ئادەمنى مەندىن باشقا كىم يېڭىدۇ؟
    تابدۇ ماڭا ئەسىر چۈشتى،
    جاپا-مۇشەققەت چېكىپ تولغاندى،
    قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى،
    ئۇ تۇتقۇن بولۇپ قىيلىنىۋاتىدۇ.(276-بەت)
    دۈشمەن ماڭا ئەسىر چۈشتى،بېشىغا كەلگەن جاپا-كۈلپەتتىن قىينالدى،ھەتتا جېنىدىن تويدى،قىلمىشىغا پۇشايمان يېدى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلىدى،بۇرۇن ئەركىن ئۆتكەن ئادەمگە بۇ ئىشلار بەك ھار كېلىۋاتىدۇ.
    يەتكۈز مېنىڭ سۆزۈمنى بىلىم ئەھلىلىرىگە ئېيىت،
    تاي ئات بولۇپ قالسا،بايتال تىنىدۇ.(278-بەت)
    ئەرىكلىك بېرىپ بوشاتتىم،
    تۆلەم مالنى توشۇتتۇم،
    ئەر گۇناھىنى ياپتۇردۇم،
    يۈكنى پۈتۈنلەي ئۆزى چىگدى.(282-بەت)
    قولغا چۈشكەن بىر ئەسىر توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ:«ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشقا تۆلەملىك مال كەلتۈر»دەپ ئۇنى بوشاتتىم،كەلتۈرگەن مېلىنى ئۆزىگە توشۇتتۇم ۋە ئۇنى ئۆز گۇناھىنى ئۆزى يۇيۇشقا بۇيرۇدۇم،ھەتتا ئۇلارنىڭ چوڭىمۇ يار-يۆلەكسىز قېلىپ،ئۆز يۈكىنى ئۆزى تاڭدى.
    قۇلان تۈگەل قوزغالدى،
    ئارقار-كىيىك توپلاندى،
    يايلاق تامان تەلپۈندى،
    تىزىلىشىپ سەكرىشەر.(287-بەت)
    باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:باھار كېلىپ قۇلانلار ئويناقلاپ كەتتى،ئارقارلار،كېيىكلەر توپلىنىشتى،ئۇلار يايلاققا قاراپ مېڭىشتى،ئۇلار قاتار-قاتار تىزىلىپ سەكرەشمەكتە.
    ھەددىدىن ئېشى

     

    مەنبە : گۈلىستان مۇنبىرى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us