ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تۈمەن چېچەك تىزىلدى،
    تۈگۈنچەكلىرىدىن ئۇ يېزىلدى،
    (
    يەر ئاستىدا)تولا يېتىپ قىينالدى،
    يەردىن قوپۇپ ئايرىلىشار.(311-بەت)
    يازنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:تۈرلۈك-تۈمەن چېچەكلەر تىزىلدى،غۇنچىلار پورەكلەپ ئېچىلدى،ئۇلار يەر ئاستىدا ئۇزاق ئېتىپ ئېزىلگەن ئىدى،ئەمدى بۆسۈپ چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلماقتا.
    چاقماق قارسىلداپ چاقتى،
    تۇمان تۇرۇپ ئوتتۇرىلاندى،
    ئايغىر-بايتال كىشنىدى،
    ئۇيۇر بولۇپ ئوقرۇقلىشار.(314-بەت)
    باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:ھەممە ياقتا تۇمان ئۆرلەپ چاقماقلار چاقتى،باھار كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ،ئايغىرلار بىلەن بايتاللار زوقلىنىپ،كىشنەپ ئوپۇر بولۇشتى،بىر-بىرى بىلەن جۈپلەشتى.
    باتۇرلار(بىر-بىرىنى)شىددەت بىلەن يوقىتىشار،
    كۈچ(نى)بىر قىلىپ(بىر-بىرىگە)يار-يۆلەك بولۇشار،
    بىر-بىرىنى ئالقىشلىشار،
    پەرۋا قىلماي ئوق ئاتار.(316-بەت)
    جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:باتۇرلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى،كۈچىنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى،مەدەت بېرىپ بىر-بىرىنى ئالقىشلاشتى،ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.
    قۇچاقلىشىپ ياتسا(قاراپ)ئۇنىڭ يۈزىگە،
    ئالدۇرار ئەقلىنى ئۇنىڭ سۆزىگە،
    مىڭ كىشى پىدا بولۇپ(ئۇنىڭ)ئۇزلۇقىغا(گۈزەللىكىگە)،
    بەرگۈسىىدۇر ئۆزىنى(جېنىنى)ئۇنىڭ كۆزىگە.(324)
    ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ يۈزىگە قاراپ ياتقان كىشى ئۇنىڭ نازى ۋە سۆزلىرىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويىدۇ،مىڭ جېنى بولسىمۇ،ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە پىدا قىلىۋېتىدۇ.
    كۆڭلۈم ئىچى(يۈرەك-باغرىم)نى ئۆرتىدى،
    پۈتكەن يارىنى تاتلىدى،
    كەچكەن(ئۆتكەن)ئۈدۈك(ئىشىق)نى ئىزدىدى(ئەسلىدى)،
    كېچە-كۈندۈز ئىزدىنەر.(326-بەت)
    بىر كىشىگە مەرسىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلىدۇ:ئۇنڭ مۇسىبىتى ئىچىمنى كۆيدۈرىۋەتتى،پۈتكەن يارامنى
    تاتلاپ ئېچىۋەتتى،ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەتتى،زامان ئۆتكەنسېرى كۆڭۈل ئۇنى ئىزلەيدۇ.
    تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە،خۇتۇن ئوغۇل تۇغقاندەك بولار،
    تاڭدا بۇلۇت ئۆرتەنسە،ئۆيگە يىغا كىرگەندەك بولار.(333-بەت)
    كەچقۇرۇن بۇلۇت قىزارسا،خوتۇنى ئوغۇل تۇغقاندەك بولىدۇ،تاڭدا بۇلۇت قىزارسا ئۆيگە يىغا كىرگەندەك بولىدۇ.تۈركلەر كېيىنكىسىنى ياخشىلىققا جورۇمايدۇ.
    قاغا كۈچتە ۋە ئۇچۇشتا ئۆزىنى غازغا ئوخشاتسا،پۇتى سۇنىدۇ.بۇ ماقال كىشىنى ئۆز ھالىغا بېقىپ ئىش قىلىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
    ئاي قوپۇپ قوتانلىنىپ،
    ئاق بۇلۇتلار ئۆرلىشىپ،
    بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلىنىپ،
    سۈيى چېچىلىپ شارقىرار.(342-بەت)
    ئاي چىقىپ قوتانلىنىش بىلەن ئاق بۇلۇتلار كۆتىرىلىپ،بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە مىنگىشىدۇ-دە،شارقىراپ سۈيىنى تۆكىدۇ.ئاي قوتانلانغاننى تۈركلەر«يامغۇر ياغىدۇ»دېگەنگە جورۇيدۇ.
    يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ،
    مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ،
    قۇلان-كىيىك ئوۋلىتىپ،
    بايرام قىلىپ ئاۋۇنايلى.(348-بەت)
    سەيلە-تاماشانى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ،مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ،ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ،بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.
    كەينىدىن يىغلاپ ئادىدىم،
    باغرىم يارىسىنى تاتلىدىم،
    قاچقان بەخىتنى ئىزلىدىم،
    (
    كۆزۈم)يامغۇردەك قان چاچار.(360-بەت)
    سۆيگۈنۈمنىڭ كەينىدىن يىغلاپ ئادا بولدۇم،پۈتۈپ بولغان باغرىم يارىسىنى يېڭىۋاشتىن تاتلاپ ئېچىۋەتتىم،قاچقان بەخىتنى ئىزلىدىم،كۆزۈمدىن يامغۇردەك قانلىق ياش قۇيۇلدى.
    يىلقا يازدا ئات بولار،
    ئوتلاپ يۈرۈپ ئەتلىنەر،
    سۆيۈنۈپ ئۇيۇر چىشلىشەر.(376-بەت)
    باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:كۆكلەم-يازدا چارۋا ماللارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ،،ئوتلاپ يۈرۈپ ئەت ئالىدۇ.شۇڭا،بەگلەرنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سېمىز ئاتلار تەييار بولىدۇ،ئۇيۇر بولۇپ يۈرگەن ئاتلار خۇشاللىقىدىن بىر-بىرىنى چىشلەپ ئوينىشىدۇ.
    ئۇنىڭ تۈزلۈگى(گۈزەللىكى)بىلەن كۆڭلۈم ئوۋلىنىدۇ،
    ئۇنىڭ(ئاياق)توزىنى بىلەن كۆزۈم ئەملىنىدۇ.(389-بەت)
    شائىر سۆيۈملۈكىى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:ئۇنىڭ ھۆسىن-جامالى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى
    ئوۋلىۋالىدۇ،ئۇنىڭ ئايىغىدىن چىققان توزان بىلەن كۆزۈم ئەملىنىدۇ.
    بېگىم ئۆزىنى دالدىغا ئالدى،
    پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشنى دەل ۋاقتىدا قىلدى،
    ئۇلۇغ تەڭرى ئەزىزلىدى،
    شۇنىڭ بىلەن بەخىت-سائادىتى تۇغۇلدى.(395-بەت)
    تاڭغۇت بېگىنىڭ دۈشمەندىن يۇشۇرۇنىشىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلگەن:بېگىم پۇرسەت كۈتۈپ،ئەسكەرلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ يۇشۇرۇندى،تەڭرى ئۇنى غەلبە بىلەن ئەزىز قىلدى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بەخىت-دۆلىتى يۈكسەلدى.
    تاڭغۇت قۇشۇنىنى ئۈششۈپ تۇرغاندا باستى،
    ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى مەسخىرە قىلدى،
    ئەرلىرىنى،ئاتلىرىنى غەنىيمەت ئالدى،
    (
    تاڭغۇتلار)ئەسىر بولۇپ،بېشىنى ئەگدى.(404-بەت)
    چىنغا يېقىن بولغان تاڭغۇت ئېلىنىڭ قوشۇنى غەلبە قىلالمىسۇن دەپ،قاتتىق سوغوقتا،ئۇلارغا كېچىسى ھۇجۇم قىلىندى،ئۇلارنىڭ خۇتۇن-قىزلىرى مەسخىرە قىلىندى،ئۇلار ئات ۋە ئەرلىرىنى بىزگە سوۋغا قىلدى،غەم-قايغۇغا پېتىپ بېشىنى تۆۋەن سالدى.
    ئۆزىنى ماختاپ كۆرەڭلىدى،
    يىراق يەرنى گەزلەپ كەلدى،
    ئاتنى دېۋىتىپ ھۇررا سالدى،
    رەسۋا بولۇپ تۆپە ئاشتى.(406-بەت)
    ئۆز ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بىر باتۇرنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:ئۇ كۆرەڭلەپ،ھەددىدىن ئاشتى.ئۆزىنى سالاپەتلىك كۆرسىتىپ خۇددى يەرنىڭ تاناۋىنى تارتىدىغاندەك ئات بىلەن ھەملە قىلىپ كلېىۋىدى،ئاخىرەت شەرمەندە بولۇپ،دۆڭدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتتى.
    بۈك-باراقسان سۆگەتكە قۇش قونار،
    چىرايلىق قىزغا سۆز كېلەر.(419-بەت)
    بەخىت-دۆلەت بەرسە ئىگەم قۇلىغا،
    كۈندە ئىشى يۈكسىلىپ يۇقىرى ئۆرلەر.(421-بەت)
    ئېرتىش سۈيى (بويىدىكى)يەمەكلەر،
    بىلەكلىرىنى شىمايلاۋاتىدۇ،
    (
    ئۇلار)يۈرەكلىرىنى قاپتەك قىلىشىپ،
    كەلگىلى توپلىنىشماقتا.(426-بەت)
    يەمەك- قىپچاقلارنىڭ بىر ئايمىقى.شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن:ئۇلار بىلەكلىرىنى چىڭ تۈرۈپ،قاتتىق غەزەپ بىلەن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىشكە توپلانماقتا.
    يېشىل چەش(ئاسمان)ياراتتى،
    (
    ئۇنىڭغا)ئاق قاشتېشىنى چاچتى،
    قارا قۇش(مىزان يۇلتۇزى)تىزىلدى،
    تۈن كۈنگە يۆگىلىدۇ.(432-بەت)
    ئاسماننى تەسىۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:تەڭرى ئاسماننى چەش رەڭگىدە ياراتتى،ئۇنى ئۈزۈككە كۆز قىلىنىدىغان يۈرۈڭ قاش(تاش)تەڭ يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدى؛مىزان يۇلتۇز(تۈركلەر ئۇنى«قارا قۇش»دەيدۇ)تىزىلدى.كېچە بىلەن كۈندۈز بىر-بىرىنى يۆگىدى،ئورىۋالدى.
    كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
    كەنىتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق،
    بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
    بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.(448-بەت)
    ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىنغان جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلكۈندەك ئېقىپ باردۇق،شەھەرلىرىگە باستۇرۇپ كىردۇق،بۇتخانىلىرىنى بۇزدۇق،بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە
    چىچتۇق.مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق،كاپىرلارنىڭ يۇرىتغا بېسىپ كىرگەندە،ھاقارەتلەش ئۈچۈن
    ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بېشىغا تەرەت قىلىدۇ.
    قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،
    خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ،
    بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق كېتىدۇ،
    بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.(457-بەت)

    مەنبە: گۈلىستان مۇنبىرى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us