ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    ئاداققى ئاۋغۇست - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

      
    كولدۇرما ئاۋازى ئەسلەتتى يىللار،
    ھاياتنىڭ دەسلەپكى تىنىقلىرىنى.
    ئولتۇرۇپ باقىمەن ئەسلىمە بىلەن،
    خىيالىم كۆلىنىڭ بېلىقلىرىنى.
    مېھىردىن ئويغۇنۇپ ھاياتقا باققان،  
    قېنى ئۇ تايتاڭلاپ يۈرگەن شۇ بوۋاق.   
    بالىلىق مەھەللەم ئېقىنلىرىدا،  
    سۇ كەچكەن بىر مەھەل بولۇپ يالاڭياق.

    بىز كىرگەن باغلاردا ئەمدى شاپتۇل يوق،
    قۇرىغان يىللارنىڭ تومۇرلىرىدا.
    نان ياقسا جىققىدە يۇلتۇز كۆرگەنمەن،
    ئانامنىڭ چېھرى ھەم تونۇرلىرىدا.

    بەزىدە بىر تاتلىق كۆممە پۇرايدۇ،
    چۈشۈمنىڭ بېغىدا يېقىلسا گۈلخان.
    نامازشام پەيىتلىرى شۈكلەپ بالىلار،
    ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان ئېيتىلسا ئەزان.
    '  
    چىلانلىق دائىملىق ئويۇن سەيناسى،  
    ياز بويى كىيملەر يېرتىلغان بېراق.
    بارمىدىم <چوڭ بولدۇڭ> دېگەندىن بۇيان، 
    توپىلىق شۇ يوللار قالدى بەك ئۇزاق.  

    يىگىرمە بەش باھارنىڭ يىگىرمە بەش قۇشى،
    يىنىمدا توختىماي ئۇزىدى تەكرار.
    ئاداققى ئاۋغۇستتا شېئىر ئىچىدە،
    يىگىرمە ئالتىگە كىردى بۇ باھار.

    خەير يىگىرمە بەش ياش.
    2010-يىلى 31-ئاۋغۇست.

    收藏到:Del.icio.us