ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-10

    ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى

     


     

    {ئىلاۋە} :- 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈچ يىرىم يىلدىن بېرى ياشاپ تۇرغان ئۈرۈمچىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن تاشلاپ يۇرتۇم قەشقەرگە قايىتتىم. بۇ قېتىمقى قايتىشىم ئىلگىرىكى ھەر قانداق قايتىشىمغا ئوخشىمايتى. چۈنكى بۇ قېتىم قايتىشىم مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنىڭ، خىزمەت تاللىشىمنىڭ قەشقەردە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى. ئۈرۈمچىدە مېنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقان ئورۇنلارنى قالدۇرۇپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئۈرۈمچىدىن قايىتماق بولغىنىمدا، بۇ يەردىكى پىكىرداش دوستلىرىمغا، ئىلمىي ھاياتقا، كەسپ جەھەتتىكى پۇرسەتلەرگە تازا قىيالمىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئايرىلىش قەدىردان دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئەزىز دوستۇم، پىكىردىشىم ئابدۇمىجىت مۇھەممەتنىڭ مەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان شېئىرى ئىكەن. شېئىردا دوستۇم بىلەن بولغان پاكىز دوستلۇقىمىز ۋە ئىزگۈ ئۈمىدلىرىمىز ئىپادە قىلىنغان ئىكەن. مۇنبەردە كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئاللاھ ئىگەمگە مۇشۇنداق ئەزىز دوستلارنى ھەمدەم قىلغىنىغا كۆڭلۈمدە تەشەككۈر ئېيىتتىم. پات – پات ئوقۇپ تۇرۇپ، دوستلىرىمنىڭ ماڭا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ۋە ئۈمىدىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇ شېئىرنى بىلوگىمغا يۆتكەپ كەلدىم.  

                                : - بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

    ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى

     

    (پىكىردىشىم، دوستۇم  ئابدۇرەشىت مۇھەممەتئىمننى قەشقەرگە ئۇزۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن)

     

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەد

     

    بۈگۈن كېچە ئۈرۈمچى تىمتاس،

    ئەتىراپ سوغۇق كۆرۈنمەيدۇ ئاي.

    روزا تۇتقان ئەمەسمەن لېكىن،

    ئىچكىم كەلمەس بىرپىيالە چاي.

     

    قەدىم جايلار، قەدىم پاراڭلار،

    بۈگۈن تەنھا كىملەرنى ئەسلەر؟

    ئاھ، تاش شەھەر ئۈرۈمچى دېگەن،

    كېمنى سۆيۈپ كېملەرنى يەكلەر؟

     

    ئۇنتۇلىدۇ بىر بۇردا ناندەك،

    ھاراق ئىچىپ بەرگەن ۋەدىلەر.

    بۇندا يانار ئەكسىگە تىلەك،

    تاھارەتسىز قىلغان دۇئالار!

     

    ياشلار تۆكسەم دوستلىرىم دېمەس،

    -مىجىت كىمگە تۇتىسەن ماتەم؟

    -ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى،

    دېدىم-قەشقەر ئىلكىدە ئايەم.

     

    -بەس، بۇ ئازاب، پاجىئە دېدى.

    «بۇلاق كۆلى» بويىدا «جاڭگال».

    «خوجا» تېكىسىت يازىمەن دېسە،

    مۇزىكىغا سالاتتى «ئۆزھال».

     

    «بۇغدا» سەبىر تىلىدى قالدى،

    «چوغلۇق» تەنھا قالدى يىغلىدى.

    ئاينور قايدا، رەنالار قايدا!...

    «گۈلساي» موڭلۇق، يىغا-زار سالدى.

     

    مۇنبەر جىمجىت، چاناقتا كۆزياش،

    كۆپ سورۇنلار بىر ئەرسىز قالدى.

    «چوغلان»، «بەگيار»، «كۆك بۆرە» كەلسە...

    نىمە دەيمەن؟- دىلدا غەم قالدى...

     

    «بەگزات» ئويدا، «تۈرگۈن»لەر يولدا،

    تىلىم قىسقا، مىسىرالار كوتا...

    بىزدە ئەمەس، زاماندا گەپ بار...

    دېدى «بەرقى» چوڭقۇر بىر ئويدا...

     

    2012-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى

    分享到: