ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-26

    ئۇيغۇر يېزىقىنى ترانسكىرىپسىيەلەش ئۇسۇلى - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    ئۇيغۇر يېزىقىنى ترانسكىرىپسىيەلەش ئۇسۇلى

     

    ھەممەيلەنگە مەلۇم يېقىندا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يېڭى نۇسخىسى (2 مىڭ سوملۇق نۇسخىسى) چىقتى. بۇ نۇسخا مۇقاۋىسى چىرايلىق بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا 80 - يىلى نەشىر قىلىنغان كونا نۇسخىنى ئەينەن كۆچۈردى.  كونا نۇسخىنىڭ تىرانسكىرىپسىيەسى ئۈچۈن ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (پىنيىن) ئىشلىتىلگەن ئىدى.  يېڭى نۇسخىدا خەلقئارالىق ئۆلچەملىك تىرانسىكىرىپسىيەنى ئىشلىتىش، يەنى بۇرۇنقىنى ئۆلچەملىك تىرانسىكىرىپسىيەگە ئالماشتۇرۇشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ، شۇ پېتى نەشىر قىلدى. ئىلگىرى ئۇيغۇرچە قەدىمكى ئەسەرنى لاتىن يېزىقىدا تىرانسكىرىپسىيە قىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولمىغاچقا، ھەربىر تەتقىقاتچى ئۆز ئالدىغا ھەرپ بەلگىلەرنى ئىشلىتىپ، تولىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئىدى. ھازىر بىرلىككە كەلگەن ئىككى لايھە بار. بۇنىڭ بىرى ئالتاي تىللىرىنى تىرانسكىرىپسىيە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان خەلقئارالىق ئالتاي تىللىرى تىرانسكىرىپسىيەسى: يەنى تۆۋەندىكى جەدۋەل
    بۇ تىرانسكىرىپسىيە ئالتاي تىللىرىنى خاتىرلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك بەلگىلەر بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

    چۈشۈرۈش (46.76 KB)

    2012-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:01



    يەنە بىرى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، تۆۋەندىكى جەدۋەل

    بۇ يېزىق پەقەت ئۇيغۇر تىلى دائىرسىدە ئوقۇشلۇق خاراكتېرىدە نەشىر قىلىنماقچى بولغان قەدىمكى ئەسەرلەرنى خاتېرىلەش ياكى چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشتا قوشۇمچە قوللىنىلىدۇ.
       
    ئەمما قەدىمكى ئەسەرلەرنى تىرانسكىرىپسىيە قىلشتا، خەت بېسىش جەھەتتە ھەر ئىككىلا لايھە ناھايىتى قولايسىز، چۈنكى قاشقىسى ياكى چېكىتى بار ھەرپلەرنى كىرگۈزۈش بىر ئاز ئاۋارىچىلىق. شۇڭا بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس كىرگۈزگۈچلەر چىقتى. مەخسۇس كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ باقتىم. يېزىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدىكەن. ئاۋال ئۇيغۇر ھازىرقى يېزىقىدا يېزىۋېلىپ، ئاندىن ULY غا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئەسلى ئۆلچەملىك تىرانسكىرىپسىيە بەلگىلىرىگە ئايلاندۇرسىمۇ، پۈتۈن كىتابنى قايتا بىر كۆرمىسە بولمايدىغان ئاۋارىچىلىق توغۇلىدىكەن. چۈنكى ULY دىكى ng ھەرىپى كەلگەن ئورۇنلاردا «ۋەتەنگە، تەنگە، ....» دېگەندەك «ن» بىلەن «گ» ھەرىپى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدىغان سۆزلەردىكى بۇ ئىككى ئارقىمۇ-ئارقا ھەرپنى بىراقلا «ڭ» نى ئىپادىلەيدىغان بەلگىگە ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەن.
    يېقىندا بىر قەدىمكى ئەسەرنى لاتىن يېزىقىدا تىرانسكىرىپسىيەلەش ئېھتىياجى تۇغۇلغان ئىدى. ئۇندا ئويلاپ، بۇندا ئويلاپ، كاۋاپمۇ، زىقمۇ كۆيمەيدىغان بىر لايھەنى تاپتىم.
    يەنى ئاۋۇ ئالتاي تىللىرىنىڭ ئۆلچەملىك تىرانسكىرىپسىيە جەدۋىلىدىكى قاشقىسى ياكى چېكىتى بار، ئېنگلىز تىلى ئېلىپبەسىدىكى 26 نىڭ ئىچىدە يوق بەلگىلەرنى تومۇرداش ھەرپلەرنىڭ ئارقىغا v ھەرپىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى. يەنى تۆۋەندىكىدەك:
    č = cv     ğ = gv    ŋ= nv    š=sv   ž=zv
    ë = ev     ö= ov    ü= uv
    يۇقىرى لايھە بويىچە ھەرقانداق چوڭ ئەسەرنى ناھايىتى تېزلا تىرانسكىرىپسىيە قىلىۋالغىلى بولىدىكەن. چۈنكى v نى قوشۇپ ئىشلەتكەندە، كونۇپكا تاختىسىدا يوق ھەرپنى كىرگۈزۈش ئاۋارىچىلىقى بولمايدىكەن.
    ئاشۇ شەكىلدە كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، word نىڭ ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ، cv نى č  غا  (ۋە باشقىلىرىنى ئوخشاش ...) ئايلاندۇرساقلا، ناھايىتى تېزلىكتە ئۆلچەملىك تىرانسكىرىپسىيەگە ئىگە بولىدىكەنمىز.
    v
    ھەرىپى ئۇيغۇر يېزىقىنى خاتېرلەشتە ھېچقانداق ئورۇندا ئىشلىتىلمىگەچكە، تىرانسكىرىپسىيەلەنگەن ئەسەرنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىدا خاتالىق كۆرۈلۈش نىسبىتى نۆل پېرسەنتكە يېتىدىكەن.

     

    مەنبە: بىلىك كۇلۇبى

    分享到: