ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-26

    ئابدۇقادىر جالالىدىن : دوستلارغا سۆز - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    دوستلارغا سۆز

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

     

    شۇنچە يىل مىسرالارنى يېزىپ باقتىم،

    بىر سۆز بار تېخى ئۇنى يازالمىدىم.

    قانچىلاپ لۇغەتلەرنى قېزىپ باقتىم،

    لاھىيە، بىر تەۋسىپنى تاپالمىدىم.

     

    تەۋەككۈل قىلىپ شۇنچە ئېزىپ باقتىم،

    بىتەلەي بولۇپ چىقتى ئازغۇنلىقىم.

    دوست ئىزدەپ سورۇنلارغا بېرىپ باقتىم،

    بىلىندى ئادىمىيلىك يالغۇزلىقىم.

     

    ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ ئاي،

    ئاۋات بىر ئاستانىنىڭ ئاسمىنىدا.

    پەسىللەر كېلىپ كەتسە قالدىم تۇيماي،

    دەرەخلەر رەستىلەردىن قاچقىنىدا.

     

    چاچلىرىم قىرو بولدى ئوقىيالماي،

    قولۇمغا ئېلىپ يوچۇن ئېلكغەبەنى.

    ھەسەلنى ھەجىلەپلا يۈردۈم تىنماي،

    تىلىمدىن قېچىپ كەتتى ھەسەل تەمى.

     

    ئانا يەر غازاڭلارغا دېدى نىمە،

    شاخلاردىن كۆزى قىيماي تۆكۈلگەندە.

    شائىرنىڭ يۈرىكىدە قالار زىدە،

    دىگەندەك دىمەي قەددى پۈكۈلگەندە...

     

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر شېئىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2012-يىلى يېڭى يىللىق ئەنجۈمەندە ئوقۇغان شېئىرى بولۇپ، شائىر ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندى تەرىپىدىن تورغا يوللانغان.

    مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

     

    分享到: