ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-02

    ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قەبرە ياساش ئادەتلىرى توغرىسىدا - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قەبرە ياساش ئادەتلىرى توغرىسىدا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى

    ئىنسانىيەت ئۇزۇن دەۋىرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر قايسى رايون، مىللەت، ياكى ئىجتىمائىي توپلار ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان تۈرلۈك تۇرمۇش-ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگىچە بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بارا-بارا ئىنچىكىلىشىپ، قىلىپلىشىپ بىر ئومۇمىي توپنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلانغان. «ئۆرپ-ئادەت» ئاتالغۇسى ئەرەپچىدىكى «ياخشىلىق، ئادەت، بىلىش» دېگەن مەنىدىكى ئىككى سۆزنىڭ بېرىكىشىدىن كەلگەن بولۇپ، بىزدىكى توغرا ئىستېمال مەنىسى بولسا، «مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى بىلىش، ياخشىلىق كەلتۈرىدىغان ئۇدۇملىرىنى جارى قىلدۇرۇش»[①] دېگەنلىكتۇر.

       ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئادەم تۇغۇلۇشتىن تاكى ئۆلگىچە بولغان جەرياندا ئىلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھايات چۈشەنچىلىرى، تۇرمۇش ساۋاقلىرى، دىنىي ئېتىقاد-تېۋىنىشلىرى، ئۆزلىرى ياشاپ تۇرغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىچە تەسىرى قاتارلىقلار يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشۈنۈشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل بىر پۈتۈن تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن ئۇششاق ئادەتلەرنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم ئەلۋەتتە.

       ئۇيغۇرلاردىكى «قەبرە ياساش» دەل بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە يۇغارغان مەنالىرى بىلەن بىزنىڭ دىققىتىمىزگە ئەرزىيدۇ.

    قەبرە ياساش ئادىتى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋاللا ئۇيغۇرلاردا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردە كونكىرىت تەلەپ ۋە قىلىپلاشقان شەكىللىرى بولغان. ئەمما ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن رايۇنلار بىر قەدەر كەڭ، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئوخشاشمايدىغان ۋە يىپەك يولىنىڭ تەسىرىدە تۈرلۈك دىن، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغىنى ئۈچۈن ھەر قايسى دەۋىرلەردە يەنە بەزى ئوخشىمايدىغان قەبرە ئادەتلىرىنى ۋە تۈرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. تارىختا ئۇيغۇرلار «تاش-تۇپراق دۆۋلەنگەن قەبرە»، «بالبال ئورنىتىلغان قەبرە»، «سىنتاشلق قەبرە»، «خاتىرە تاشلىق قەبرە»، «مۇنار شەكىللىك قەبرە»، «ياغاچ قۇرۇلمىلىق قەبرە»، «ئۆي شەكىللىك قەبرە»، «بۆشۈك شەكىللىك قەبرە»، «گۈمبەزلىك قەبرە»، «دەربىجلىك(رېشاتكىلىق) قەبرە» قاتارلىق قەبرە تۈرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.[②] بۇلاردىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تەۋە دەپ قاراش مۇمكىن بولغان قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار يەنى «كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىكى بېشىغا ياغاچ تىكلەنگەن قولۋاقسىمان تاۋۇتقا قويۇلغان جەسەتلەر ۋە ئاخىرەتلىك ئوقيا، بۇغداي، تېرىق دانلىرى، ئادەم ھەيكىلى قاتارلىق ھەمدەپنە بويۇملار بايقالغان قەۋەتلىك قەبرىلەر، كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىدىن بايقالغان گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى قۇياش شەكىللىك قەبرىلەر توپى، نىلقا ناھىيە جىرىنتايدىن بايقالغان تاش تىزىلغان چەمبەرسىمان قەبرىلەر توپى» [③] قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە ئادىتىنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن دەۋىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى بولىشى مۇمكىن.

     قەدىمكى دەۋىرلەردە باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار چۈشەنچىسىدە قەبرە ئادەتتىكى بىر ئۆلۈكلەرنى كۆمىدىغان جاي بولماستىن بەلكى ئەجدادلارنىڭ روھى دائىم بار بولغان، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان جاي دەپ قارالغان. ۋە شۇنىڭدەك مانىزىملىق ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش قارىشى بويىچە كىشىلەر قەبرە بېشىغا كېلىپ ئەجدادلار روھىنىڭ مەدىتىنى، يۆلىشىنى تىلەيدىغان ئالاھىدە دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۇيغۇرلار ئوموميۈزلۈك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبرە ياساش ۋە قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتلىرىمۇ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۆزىنىڭ تارىختىكى بىر قىسىم ئادەتلىرى ۋە بۈگۈنكى ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاساستا مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم»دە قەبرە ياساش توغرىلىق ئېنىق چەكلەش ياكى تەشەببۇس بولمىسىمۇ، لېكىن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»دىكى ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق، چەكتىن ئاشماسلىق، نەرسىلەرگە چوقۇنماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك قاراشلىرى ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن مۇسلىم رىۋايەت قىلغان :«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىگە گەج ئىشلىتىشتىن، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ۋە ئۇنىڭغا قۇرۇلۇش قىلىشتىن، قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساشقا ئوخشاش ئىشلاردىن مەنئى قىلدى.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)[④] دېگەن قاراشلارنى ئۇيغۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ قوبۇل قىلىدۇ ۋە خەلقنى شۇ بويىچە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما خەلق قەبرە ياساشنىڭ ئىسلامدىكى تەۋھىد ئەقىدىلىرىگە زىت كەلمىگەنلىكى ۋە قەبرە ياساشنىڭ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرىلا مۇھىم بىر ئادەتكە ئايلانغىنىنىڭ تەسىرىدە قەبرە ياساشنى ئامال بار ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭدەك قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك قەبرە يوقلاش، قەبرىدىكى روھلاردىن مەدەت تىلەش، قەبرىگە تېۋىنىشتەك ئادەتلەرمۇ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلدى.

    بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئاساسەن تەڭرىتىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە ياساش ئادىتىدە جۇغراپىيەلىك رايۇن، يەرلىك ئۆرپ-ئادەت رايۇنى، ۋە شۇنىڭدەك مەمۇرىي ھەم ئىقتىسادىي تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلاردا پەرىقلىق ئادەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

    جۇغراپىيەلىك رايۇن تەسىرى دېگەندە، تاغلىق، قۇملۇق، ۋە بوستانلىق رايۇنلاردىكى قەبرە ياساش ئادىتى خىلى پەرىقلىق بولۇپ، تاغلىق رايۇنلاردا قەبرە سىرتى تاش-تۇپراق دۆۋلەنگەن قەبرە، رېشاتكىلىق قەبرىنى، ئىچى تىك تاشقى گۆرلۈك قەبرە ئاساسلىق ئومۇملاشقان. بوستانلىقلاردا قەبرە سىرتقى ھالىتى جەھەتتىن كېسەك ئارقىلىق قوپۇرۇلغان بۆشۈك شەكىللىك قەبرە، گۈمبەزلىك (كىچىك) قەبرە (شام گۆر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ، توپا دۆۋلەنگەن قەبرە ئومۇملاشقان بولسا، قەبرىنىڭ ئىچى جەھەتتىن بىر تىك ئويۇلغان تاشقى قەبرە ئىچىگە ئايرىم-ئايرىم بىر ياكى ئىككى ئىچكى گۆر تەييارلاپ دەپنە قىلىنىدىغان قەبرىلەر ئومۇملاشقان. قۇملۇق رايۇنلاردا بولسا ئاساسەن سىرىتقى ھالىتى جەھەتتىن كىسەكلىك گۈمبەزلىك قەبرىدىن كۆرە، رېشاتكىلىق قەبرە ياكى تاش-تۇپراق دۆۋلەنگەن قەبرە ياساش، ئىچكى جەھەتتىن تىك تاشقى گۆرلۈك قەبرە ياساش ئومۇملاشقان. ئەمما بۇ خىل ئادەتلەر مۇتلەق ئەمەس بولۇپ، ھەر قايسى رايۇنلاردىن يەنە باشقا خىلدىكى بىر قانچە خىل قەبرە تۈرلىرىنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن.

    يەرلىك ئۆرپ-ئادەت رايۇنى تەسىرى دېگەندە، بەزى جايلاردا مەيلى كىچىكرەك يېزا بولسۇن، ياكى بىر ۋىلايەت، ناھىيىلەردە بولسۇن، بىر خىل چىگرىسى مۇتلەق بولمىغان ئۆرپ-ئادەت رايۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئۆرپ-ئادەت رايۇنلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەتراپتىكى باشقا رايۇن كىشىلىرى بىلەن پەرىقلىق بولۇپ، بۇ خىل پەرىقلەر بەزى ھاللاردا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك كىچىك ھالقىلارغىچە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قەبرە ياساش ئادىتىمۇ بۇ خىل پەرىقلەر ئىچىدىكى بىر تەرەپ بولىشى مۇمكىن. مىسالەن ئېيىتساق، شىمالى شىنجاڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ، جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شەرىقى شىنجاڭنىڭ، قەشقەر شەھىرى بىلەن شەھەردىن سەل يېراق بولغان ئويتاغ (ئاقتۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر بازار) نىڭ، كورلا شەھىرى بىلەن لوپنۇرنىڭ قەبرە ياساش ئادەتلىرىدە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرىقلەر مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن.

    بۇلاردىن باشقا يەنە، مەمۇرى ۋە ئىقتىسادىي تەسىر دېگىنىمىزدە، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ يەر ئىھتىياجى ئوخشاشمىغانلىقى ئۈچۈن، شەھەرلەردە يەر باشقۇرۇش نىزاملىرى بىر قەدەر چىڭراق ئىجرا قىلىنىدۇ. يېزىلاردا بولسا ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن.(ئەلۋەتتە، يېزىلاردىمۇ خالىغان جايلارغا قەبرە قويۇشقا بولمايدۇ). ئۈرۈمچىدەك چوڭ مەركىزى شەھەرلەردە بولسا، ھۆكۈمەت قەبرىستانلىق دەپ بىكىتكەن جايلاردىن مۇۋاپىق تۆلەم بىلەن يەرلىك سېتىۋىلىش ئارقىلىق، قەبرە باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن پىلان-لاھىيە بويىچە قەبرە ياسىلىدۇ. يېزىلاردا ياسىلىۋاتقان قەبرە بىلەن شەھەرلەردىكى قەبرىلەر كۆلەم، يۆنىلىش ۋە باشقا تەرەپلەردىن پەرىقلىق بولىدۇ. ئىقتىسادىي پەرىقنىڭ تەسىرى دېگىنىمىزدە، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى ۋە ئىھتىياجى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىنمۇ قەبرە ياساش ئەھۋالىدىمۇ ئەلۋەتتە مۇئەييەن پەرىقلەر مەۋجۇت. يەنى يۇقىرى ئىقتىسادىي سەۋىيەدىكى قىسمەن سودىگەر بايلار، مەمۇرىي ئەمەلدارلاردا كۆلىمى چوڭراق، ئورنى ياخشى، قەبرە قۇرۇلىشى ئالاھىدىرەك بولغان قەبرىلەرنى ياساشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت.

    ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى رايۇنلاردا كەڭ ئومۇملاشقان قەبرە ياساش ئادەتلىرىنى سىرىتقى ھالەتلىرىگە قاراپ كىسەكلىك بۆشۈك شەكىللىك قەبرە، گۈمبەزلىك قەبرە، تاش-تۇپراق دۆۋلەنگەن قەبرە، رېشاتكىلىق (دەربىجلىك) قەبرە، خاتېرە تاشلىق قەبرە قاتارلىقلار تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

    كىسەكلىك بۆشۈك شەكىللىك قەبرە : بۇ خىل قەبرە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل قەبرە تۈرى بولۇپ، مەيلى شىمالى شىنجاڭدا بولسۇن، مەيلى جەنۇبى شىنجاڭدا بولسۇن، ۋە ياكى شەھەرلەردە بولسۇن قەبرە ياساشنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ خىل قەبرىنى ياساشتا، مېيىت يەرلىككە (ئىچكى گۆرگە) قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ پەلەمپەيلىك (بەزىدە پەلەمپەي چىقىرىلمايدۇ) سۇپا چىقىرىلىپ سۇپا ئۈستىگە «بۆشۈك» شەكىللىك قەبرە چىقىرىلىدۇ. بۇنى بەزىلەر «تۇغۇلغاندا بۆشۈكتە يېتىش، ئۆلگەندە ‹بۆشۈكتە يېتىش›نى ئىپادىلەيدۇ، ئاياللارنىڭ بۇ خىل قەبرىسىنىڭ قەبرە سۇپىسى ئۈچ پەلەمپەيلىك بولۇپ، ئۇ ئاياللارنىڭ ئىش تەقسىماتدىكى تاماق ئېتىش سايمانلىرى بولغان سۇپىرا، نوغۇچ، خېمىرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئىككى پەلەمپەيلىك بولۇپ، ئۇ ئەرلەرنىڭ خامان ۋە تۇلۇق(خامان تېشى)نى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭدەك مۇشۇنىڭغا قاراپ ئەر-ئاياللار قەبرىسى پەرىقلەندۈرۈلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.[⑤] چوڭلارنىڭ قەبرىسى ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 160~200 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، كەڭلىكى 80~100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ياسالسا، بالىلارنىڭ بويىغا ئاساسەن كىچىك قىلىپ ياسىلىدۇ. قەبرە ئىگىسىنىڭ ياش، جىنىس پەرقىگە ئاساسەن بۇ خىل قەبرىنى يەنە بالا قەبرە، ئاياللىق قەبرە ۋە ئەرلىك قەبرىگە ئايرىش مۇمكىن. مېنىڭچە بۇ خىل شەكىلدىكى قەبرە بىلەن لوپنۇر رايۇنىدىن كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان باشقا قەبرىلەرگە ئوخشىمايدىغان «تۇلۇقسىمان، بۆشۈكسىمان»  لاي-توپا قۇرۇلمىلىق ئالاھىدە قەبرىنىڭ ئوخشاپ قالىدىغانلىقى ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك.

    گۈمبەزلىك قەبرە : بۇ خىل قەبرە ئادەتتە، تاشقى گۆرنىڭ تۆت تەرىپىدىن تام قوپۇرۇپ، ئۇستىنى گۈمبەز شەكلىدە يېپىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، سىرىتقى كۆرۈنىشى بىر قەدەر ھەيۋەتلىكلىرىمۇ، گۈمبەز شەكلىدە كىچىكلىتىپ ياسالغانلىرىمۇ بار. چوڭ گۈمبەزلىك قەبرىلەر كۆپىنچە چوڭراق دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ياكى ئالاھىدە زاتلارنىڭ قەبرىسى بولۇپ، قىسمەن بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ جەمەت قەبرىلىرىمۇ بار. ئومۇملاشقىنى كىچىكلىتىپ ياسالغان گۈمبەز شەكىللىك قەبرىلەردۇر. تارقالغان رايۇنى بىر قەدەر كەڭ. بۇ خىل قەبرىلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى تاشقى گۆر ۋە ئىچكى گۆردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالدى بىلەن تىك شەكىلدە تاشقى گۆر كولىنىپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلرىدىن لەخمە شەكىلدە بىر قانچە ئىچكى گۆر تەييارلىنىدۇ. ئىچكى گۆرگە مىيىت سۇپىسى ۋە تەكچە ئويۇلغان بولىدۇ. بىر ئىچكى گۆرگە مېيىت قويۇلۇپ بىر قانچە يىللاردىن كېيىن ئۇ يەردىكى جەسەت سۆڭەكلىرى تەكچىگە يېغىۋىتىلىپ، قايتا مىيىت قويۇشقا بولىدۇ.مىيىت ئىچكى گۆرگە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىچكى گۆرنىڭ ئېغىزى كىسەك ۋە توپا بىلەن ئىتىلىدۇ. بۇ خىل قەبرىلەر كۆپىنچە جەمەت قەبرىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

    تاش-تۇپراق دۆۋلەنگەن قەبرە : بۇ خىل قەبرە مىيىت ئىچكى گۆرگە (ياكى تاشقى گۆرگە) قويۇلغاندىن كېيىن ئۈستىنى توپا بىلەن كۆمۈپ، تاش ياكى توپا دۆۋلەپ بەلگە قىلىنىپ ياسىلىدۇ. ياسىلىشى ئاددى، تەننەرخى تۆۋەن. ئەمما پەرىقلەندۈرۈش سەل قىيىن. بۇ خىل قەبرىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان.

    رېشاتكىلىق(دەربىجلىك) قەبرە : بۇ خىل قەبرە تاش گۆر ئۈستى يېپىلغاندىن كېيىن، قەبرە سۇپىسى قوپۇرۇشنىڭ ئورنىغا توپا دۆۋلەپ (بەزى ھاللاردا پاكارغىنە قەبرە سۇپىسى قوپۇرىلىدۇ) ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياغاچتىن ياكى تۆمۈر، سۇلىياۋ رىشاتكىلار ئارقىلىق قورىشىلىپ قەبرە بېشىغا كىچىك تاختايغا قەبرە ئىگىسىنىڭ كىملىكى، قاچان، قەيەردە ۋاپات بولغانلىقىدەك ئۇچۇر قالدۇرىلىدۇ. بۇ خىل قەبرە كۆپىنچە شىمالى شىنجاڭ رايۇنىدا، ۋە قىسمەن تاغلىق، قۇملۇق رايۇنلىرىدا، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە خىلى ئومۇملاشقان.

    خاتېرە تاشلىق قەبرە : بۇ خىل قەبرە ئادەتتە تاش-تۇپراق دۆۋلەنگەن قەبرىنىڭ بېشىغا قەبرە سۇپىسى تۇرغۇزۇلماي، يەرگىلا(قىسمەن ھاللاردا كىچىك سۇپىغا) مەرھۇمنىڭ ئىسمى، قاچان قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ۋە ۋاپات بولغانلىقىدەك ئۇچۇرلار خاتېرىلەنگەن خاتېرە قەبرە تېشى تۇرغۇزۇلۇپ ياسىلىدۇ. گاھىدا بۇ خىل قەبرە تېشى تۇرغۇزۇش بىلەن رېشاتكا ئورنىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. بۇ خىل قەبرە ياساش ئادىتى بىزگە خەنزۇ ياكى خۇيزۇلاردىن كىرگەن بولۇپ، ئومۇمەن، شىمالدىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەر رايۇنلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان.

    يۇقارقىدىن باشقا يەنە ئاز بىر قىسىم مۇنارلىق قەبرە ياساش، ياغاچ ياكى تۇغ قاداپ قەبرە ئىزى سېلىش، قوشقار، كالا مۆڭگۈزىنى قاداش، قەبرە بېشىغا ئۈجمە ۋە ياكى باشقا دەرەخلەرنى تىكىپ قويۇشتەك ئالاھىدە قەبرە ياساش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بېراق بۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر ئاز. بۇلاردىن تىپكرەكلىرىدىن قەبرە بېشىغا دەرەخ تىكىشنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت كۆپىنچە شىمالى ۋە شەرىقى شىنجاڭدىكى جايلاردا جۈملىدىن تۇرپان، قۇمۇل تەرەپلەردە ۋە يەنە خوتەندە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. كىشىلەرنىڭ قەبرە بېشىغا دەرەخ تىكىشتىكى مەقسەت، پەقەت قەبرىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قەبرە ئىگىسىنىڭ «بېشىغا كۈن چۈشۈپ قالماسلىقى» ئۈچۈن دەيدىغان قاراشنىڭ كۈچىدىن بولغان. شۇنىڭدەك بەزى ھاللاردا قەبرە بېشىغا دەرەخ تىكىلمىگەن بولسا، گۈل، بىدە تېرىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

    ئۇيغۇرلاردا قەبرە ياساش كەڭ ئومۇملىشىپلا قالماي، يەنە قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەرمۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇلاردىن بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىرىدىن قەبرە يوقلاش، قەبرىگە تېۋىنىش، قەبرىگە تۇغ قاداش، قەبرىگە چېراق يېقىش، قەبرە ئىگىسىنى مەيلى تونىسۇن ياكى تونىمىسۇن قەبرە بېشىدا دۇئا قىلىش، قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇش، قەبرىنى قولىدا چىنەپ كۆرسەتمەسلىك، قەبرىگە دەسسىمەسلىك، قەبرە بېشىدا ئولتۇرماسلىق، قەبرە بېشىدا ئۈنلۈك ۋارقىرىماسلىق، ناخشا ئېيىتماسلىق، ئاياللار قەبرە يوقلاشقا چىقىشنى مەنئىي قىلىش، قەبرە بېشىدا ھازا ئاچماسلىق، قەبرە ياساشتا ئوتتىن چىققان نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، قەبرە بېشىغا دەرەخ تىكىش، قەبرە بېشىغا بېدە، گۈل تېرىش، دان چېچىپ قويۇش، قەبرە ئىگىلىرىدىن مەدەت تىلەش، قەبرە ئەتراپىدىكى مەلۇم نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاش دېگەندەكلەر بار. لېكىن بۇ خىل قاراشلارنىڭ بەزىلىرى خىلى كۈچلۈك ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزىلىرى قىسمەن رايۇن، قىسمەن كىشىلەردە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

    ئۇيغۇرلاردىكى قەبرە ياساش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا دىنىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە ياساش ئادەتلىرىدە قىسمەن نامۇۋاپىق مەسلىلەر ساقلانماقتا. بۇ خىل مەسلىلەرنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

    ئۆرپ-ئادەتكە يات مەسلىلەر : بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە ياساش ئادەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغان بەزى ناچار خاھىشلار مەۋجۇت. يەنى قەبرە ياساشتا ھەشەمەتچىلىك قىلىش، ئالاھىدە بولىۋىلىش، ئەتراپىدىكى ئومۇملاشقان ئادەتلەرنى بۇزۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بۇنىڭ مىسالى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قەبرە ياساشتا ئۇيغۇرلار ئارتۇق ھەشەمەت قىلىشنى، ئىسراپچىلىق قىلىپ قەبرە ئىگىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، قېرىنداشلىرىغا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىسىم  سېلىشنى، ئەتراپتىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە بولىۋىلىشنى ئادەتكە خىلاپ دەپ قارايدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئەھۋاللار بولۇپمۇ، قەبرە ياساشتىكى ھەشەمەتچىلىك بىر قىسىم بايلار ۋە ئەمەلدارلار جەمەتىدە خىلى ئومۇملىشىپ قالدى. گەرچە بۇ ئۆلگۈچىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتى يۈزىسىدىن بولىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىق ئوتتۇرا قاتلام ياكى تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ۋە روھىي بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ. جەمئىيەتتە مۇشۇ سەۋەبتىن ئىككى قۇتۇپلۇق بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى كىلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.

    دىنغا مۇخالىپ مەسلىلەر : بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا خىلى چوڭقۇر ئىسلامىي ئىشەنچلىرى بىلەن ياشاپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئىسلام ئەھكاملىرى بويىچە دەپنە ئىشلىرىنى ئىلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ۋە شۇنداقلا، دىنغا ئىشەنگۈچى ئاممىنى شۇ بويىچە يېتەكلەپ كەلمەكتە. ئەمما خەلق ئارىسىدا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلامغا يات بولغان بەزى قەبرە ياساش ياكى قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن : قەبرە ياساشتا ئارتۇقچە ھەشەمەت قىلىش، گۈمبەز ياساش، قەبرىگە گۈل، نەقىش ئويدۇرۇش، مۇنار تىكلەش، قەبرىنى ياساشتا ھاك، سېمۇنت، چاق-چۇق قاتارلىق چېرىمەس ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش(ئەسلىدە بۇ خىل ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى قەبرىگە ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ قايتا ئىشلىتىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقىمۇ پايدىلىق ئىدى)، قەبرىستانلىقنى باغچا كەبى ياسىۋىتىش (بۇمۇ ئىسلام قاراشلىرىغا زىت. يەنى ئىسلامدا قەبرىستانلىقنى كىشىلەرنىڭ يوقلاپ بارغىنىدا كىشىلەرنىڭ ھامان ئاخىرەتنىڭ بارلىقىنى، ئۆلۈمنى ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشى ئۈچۈن دەرەخ تىكىپ بوستانلىق، باغچىغا ئايلاندۇرىۋىتىش خاتا دەپ قارىلىدۇ)، قەبرە يوقلاپ بارغانلار ھازا ئېچىپ يىغلاش، ئاياللارنىڭ قەبرە يوقلىشى، قەبرىگە چېراق يېقىش، قەبرىگە تېۋىنىپ تىلەك تىلەش دېگەندەك دىنغا مۇخالىپ ئىش ئادەتلەر مەرجۇت.  بۇ خىل ئادەتلەرنىڭ بەزىسى يېڭى دەۋىردە مەيدانغا كەلگەن بولسا، بەزىسىنىڭ يىلتىزى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دىنىي چۈشەنچىلەرگە باغلانغان. گەرچە، بۇ خىل دىنغا مۇخالىپ قىلمىشلارنىڭ يىلتىزىنى ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئامما ئۆزىمۇ تازا بىلپ كىتەلمىگەن ياكى كونىچە ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ئىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل ئادەتلەر دىنغا ئىشەنگۈچى ئامما ئارىسىدا تالاش-تارتىش، بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقى، ئىتتىپاقلىقىغا مۇئەييەن تەسىر ياكى خىرىس ئىلىپ كەلمەكتە.

    ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى قەبرە ياساش ۋە قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتلىرىنى چۈشۈنۈش بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشۈنۈشنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، ئەخلاق، پەلسەپە، سەنئەت بىر گەۋدىلىشپ كەتكەن ھايات چۈشەنچىلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ، يېڭى دەۋىردىكى جەمئىيەت ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلىرىنى جەمئىيەتشۇناسلىق، ئۆرپ-ئادەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆرسىتىپ بېرىش، ۋە چۈشەندۈرۈپ يېشىپ بېرىشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئۇنىڭدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كىلىدىغان، خەلققە پايدىلىق، توغرا، ئۆرپ-ئادەتكە ۋە خەلقنىڭ توغرا بولغان دىنىي ئەقىدىسىگە ماس كىلىدىغان نورمال تەركىپلەرنى تەكىتلەپ، ئۆرپ-ئادەتكە، توغرا دىنىي ئەقىدىگە يات، ناچار، زىيانلىق تەركىپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش، شۇنداقلا ئۇنى چەكلەشنى تەشەببۇش قىلىش ئەلۋەتتە ئوخشاشلا مۇھىم بىر مەسىلە.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار :

    1.      ئەنۋەر تۇرسۇن :«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى

    2.      «نۇزھەتۇل مۇتتەقىين» (‹ياخشىلار باغچىسى›دىكى مۇتتەقىيلەرنىڭ سەيلىسى) مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە نەزىرە مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىل نەشىرى

    3.       ئەنۋەر سەمەد قورغان : «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل 1-نەشرى

    4.      ئەنۋەر سەمەد قورغان : «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل 1-نەشرى

    5.      ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا : «ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 1-نەشرى 2-بېسىلىشى

    6.      刘学堂 :“新疆史前宗教研究” 北京:民族出版社, 2009年7月第1版

    7.      «مىراس» ژورنىلى، «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلى 1990-يىلدىن كېيىنكى سانلىرى


    [①]  ئەنۋەر تۇرسۇن :«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى 9-بەت

    [②] ئەنۋەر تۇرسۇن :«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى 9-بەت

    [③]  刘学堂 :“新疆史前宗教研究” 北京:民族出版社, 2009年7月第1版 第87,109, 254~263页

    [④]  «نۇزھەتۇل مۇتتەقىين» (‹ياخشىلار باغچىسى›دىكى مۇتتەقىيلەرنىڭ سەيلىسى) مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە نەزىرە مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىل نەشىرى 826-بەت

    [⑤]  ئەنۋەر تۇرسۇن :«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر

    分享到: