ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-21

    سەن گويا جاللاتقا ئايلاندىڭ ئەركەم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    سەن گويا جاللاتقا ئايلاندىڭ ئەركەم

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    بىر نەپەس توختىماي ئۆتتۈڭ يېنىمدىن،

    نىگاھلار شۇنچىلىك سوغۇق شۇقەدەر.

    چېھرىڭدىن نېمىنى كۈتكەن ئىدىم ھە؟

    يۈرىكىم بەتلىرى تىتىلدى بەتەر.

     

    ئاشۇ دەم دەرەخلەر خازان تاشلىدى،

    گۈللەرنىڭ بەرگىدە مۇزلىدى شەبنەم.

    قولۇڭدا قوش پىچاق تىلدىڭ يۈرەكنى،

    سەن گويا جاللاتقا ئايلاندىڭ ئەركەم.

    分享到: