ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-11

    چۈش ئۆرۈشنى بىلەمسەن گۈلۈم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    چۈش ئۆرۈشنى بىلەمسەن گۈلۈم

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    چېچەكلەرنىڭ مەڭزىگە ساقىپ

    ھېكايىلەر سۆزلەر زىل شەبنەم.

    سۆيۈپ تۇرۇپ سېنىڭ مەڭزىگە،

    ئۆلۈپتىمەن چۈشۈمدە ئەركەم.

     

    شۇ دەم باھار ۋايىغا يېتىپ،

    شېرىن قۇشلار قىلغانمىش خەندان.

    ئۆلىمىمدە بايرام بولۇپتۇ،

    يۇلتۇزىمغا تولۇپتۇ ئاسمان.

     

    تۇتقانمىشمەن قولۇڭنى مەھكەم،

    ھاياتىمىز تەختىدە ئاخىر.

    ئايرىيالماي ئارىنى ئۆلۈم،

    سىرلىق بىر ھال بولۇپتۇ سادىر.

     

    سەن سۆيگەندە مەڭزىمگە دىلبەر،

    ئويغىنىپتۇ تىنىقىڭدىن جان.

    كۈلۈمسىرەپ كۆزۈمنى ئاچماي،

    ھىدلاپتىمەن بويۇڭدىن رەيھان.

     

    يەڭگىل تارتىپ قولۇمدىن شۇ پەيىت،

    بۇلاق تامان باشلاپ كېتىپسەن.

    ئېقىنلارنىڭ بويىدا ئەركىلەپ،

    ئوچۇم – ئوچۇم سۇلار چېچىپسەن.

     

    شۇ سۇلاردىن سەگىپ ئويغاندىم،

    چۈشۈم ئىكەن، بۇ سەرخۇش ئۆلۈم.

    تىڭشاپ باققىن، ساڭا ئېيىتقۇم بار

    چۈش ئۆرۈشنى بىلەمسەن گۈلۈم؟!

     

    2011.1.10

    分享到: