-
2011-02-27
خىيال كېچىسى - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئاي نۇرىدا رەڭلەنگەن ياتاق،
ئاق ئىستەككە تويۇنغاندۇر لىق.
يار غېمىدە سوقار بىر يۈرەك،
خىياللارغا ئەسرار بوپ تاتلىق.
پىچىرلايدۇ رۇجەككە بېقىپ،
يار چېھرىنى ئايغا ئوخشىتىپ.
بۇ كارۋاتتىن ئۇيقۇ قاچقاندەك،
يىگىت ئويغاق تەكرار ئۇھسىنىپ.
ماي ئون بىرى خىيال كېچىسى
تومۇرىدا ئاققىنى ئازاپ.
دۇنيا ئەسلە مۇندا يالغۇزنى،
ئاق ئىستەكلەر بولمىسۇن خاراپ.
ۋىسال پەيتى بولسۇن ئۇشبۇ كەچ،
خەيىرلىك چۈش تىلە ھەممىگە.
سۈبھى كەلگىن تۆتقۇلاق تېرىپ،
ئاشىقلارنىڭ ئارزۇ بەختىگە.