ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-27

    روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (3) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت داستانلىرىدا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك».روزى سايىت 《تاڭ شەجەرىسى》داستانىدا تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: داستاننىڭ 1–بابىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

    بۇلۇتلۇق كۆكتە ئويناشقان چېغى قۇزغۇن قىلىپ سەيلى،

    قاۋانلار ھۆكمىگە مەھكۇم ئىدى باغلاردا گۇل–لەيلى.

    تىنىپ چەشمە، قۇرۇپ دەريا، تۇمەنمىڭ غونچىلار سۇلدى،

    غازان قىلغاچ چىمەنزارنى باھارغا ئوچ زامان پەيلى.

    ھوقۇشلار، تۇن خۇمار جىنلار قۇرۇپ بەزمە كورەڭلەشتى،

    ئىدى قاندىن شاراپ ئىچمەك ئۇلارنىڭ ئىختىيار–مەيلى.

    جەسەتلەر تاغىدىن قات–قات ياساپ تەختىرىۋان، زۇلمەت —

    سېلىشتى ئەلگە كوپ جەۋرى، قىلىشتى ھەم بوزەك –خەيلى.

    شەپەرەڭ ئىتكاپ ئىچرە ئۇلۇغلاپ ماختىدى تۈننى،

    ئۆزىچە چىقىراپ ئېيتتى:" باھارنى، تاڭنى كۆرمەيلى..."

    ...................

    قەپەزدىن بەك بىزار جانلار ئازاتلىق ۋەسلىنى ئىزلەپ،

    ساباغا تەلمۇرۇپ،نالاپ،يۇرۇپ تاڭ پەسلىنى ئىزلەپ.

    تالاي مەرت پەھلىۋانلار ئوغلان جاھاد مەيدانىغا چىقتى،

    بېقىپ چولپانغا، تاقەت–تاق، ھەقىقەت ئەسلىنى ئىزلەپ.

    ...................

    ئۇمىدچولپانلىرى ياندى قەدىم مەشرىقتە بولستاننىڭ،

    قۇياش پارلىدى جۇڭخۇانىڭ قۇچىغىدا گۈلۈستاننىڭ.

    پايانداز سالدى تارىمنىڭ چىمەن باغرى مۇبارەكلەپ،

    جېنى قاقشايدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلدى زىمىستاننىڭ.

    مەۋج ئۇردى سۇيۇپ قىرغاق ئەزىم چاڭجىياڭ بىلەن خۇاڭخې،

    چېلىندى دۇمبىغى جەڭنىڭ، يېقىلدى مەشئىلى شاننىڭ.

    قىساسنىڭ خەنجىرى چىقتى غىلاپتىن ،چاچرىتىپ ئۇچقۇن،

    تېگىگە كەتتى دەز مەشئۇم زامانە –كونادەۋراننىڭ.

    ..............

    داستاننىڭ 3–بابىدا زۇلۇمغا بولغان كۇرەش تەنتەنىسىنى مۇنۇ مىسرالار بىلەن نەزمىگە قاتقان.

    نە قىلماق كىرەك، زۇلمەت باسسۇنمۇ ئالەمنى،

    داۋام قونسۇنمۇ زاغ، قۇزغۇن، شېخىغا لالە، سەمبەرنىڭ؟

    ئاشۇ قىل ئۇستىدە تۇرغان ۋەزىيەتنى تۇزەپ مەكەز،

    سەپەر قىلدى شىمال ياققا ئېلىپ ئاۋال خەتەرلەرنىڭ.

    تېخى دۇنياغا كورۇپ باققان ئەمەس بۇنداق جاسارەتنى،

    چىدامغا جۇرئىتى يەتمەس ئىدى ئادەتتىكى ئەرنىڭ!

    بۇ باتۇرلۇق، چىداملىققا سىپارتاك قالدى ھەيران–ھەس:

    "مېنىڭ ھىممەتتە، غەيرەتتە سىلەردەك بولمىغىم بەك تەس.."

    كولۇمبۇ، ماگىللان مەمنۇن بولۇپ سۆز قاتتى بىر–بىرلەپ:

    "بۇ يەڭلىغ چارچىماس يولچى جاھانغا قايتا كەلمەس بەس..."

    .................

    ئۇنىڭدىن باشقا داستاننىڭ 4–بابىدا شائىر  غەلبە تەنتەنىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.

    خوراز چىللاپ سۇزۇلدى كۆك،ئەجەپ نۇرانە تاڭ ئاتتى،

    سابا كەيىدى شەپەقتىن تۇن، باھار–گۇلزارنى ئويغاتتى.

    قۇچاق ئاشتى زىمىن دەرھال بەخت تاڭىغا ھۆرمەتتە،

    كىيىپ زەر تاجىنى بوستان قىزىل گۇلدەستە ئۇيناتتى.

    .............

    ئېچىلدى ئارزۇ–ئارماننىڭ پورەكلەپ لالە،رەناسى،

    ئىسلاھات ھەركىتى بولدى دىخاننىڭ دوسىتى ھەمراسى.

    ھارام بايلىق يىغىپ توپتەك سەمرىگەن زومىگەر–بەگلەر،

    ئۇرۇقلاپ يىڭنىدەك قالدى، چىقىپ ھەردەمدە رەسۋاسى.

    چوماقتىن قان تېمىتقانلار جەھەننەمدىن ماكان تۇتتى،

    تېگىپ نەخ جايىدا ئۇچلۇق ئوقى–ھامپاسى،پەشۋاسى.

    "زىمىن– دان ئەككۇچىنىڭ" ئۇ – دىخاننىڭ ئىلكىگە ئوتتى،

    خەلىقنىڭ ئاشتى پارتىيە يولىغا شۇنچە ئىخلاسى!

    يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك شائىر داستانىڭ 1–بابىدا زۇلمەتلىك يىللاردىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، داستاننىڭ سىيوژىتىغا پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ، چىن بولغان رېئال ماتىرىياللار مەنبەسىنى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، رىئال تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈزەتكەن. چىنلىق بىلەن خاسلىق تۇيغۇسى بىر گەۋدىگە ئايلانغان بەدىئىي كۆچ بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى «تاڭ شەجەرىسى»داستانىدا يارتىلغان شېئىرىيەت كارتىنىسىغا باشلاپ كىرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقىغا خاس تەپەككۇر بوشلۇقى يارتىلغان. داستاننىڭ 3–بابىدا بىز مەيلى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەق– ئادالەت يوقىلىپ، قەبىھلىك ئەۋجىگە چىققان ئەينى زاماندىكى دەرد–ئەلىمى ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈك-ئەركىنلىگى ئۇچۇن مورىنى-مورىگە تىرەپ، بىر نىيەت-بىر مەخسەتتە ئەقىل-پاراسەتى بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلىپ پارتىيىنىڭ قىزىل بايرىقى ئاستىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىكى قەھىرىمانلىق ئىش- ئىزلىرى بولسۇن، ۋەياكى رەزىل شۇم جادىگەر، بەگ–غۇجاملارنىڭ تەسلىم بولۇپ قېچىشى بولسۇن ياكى مەدىنىيەت زور ئېنقىلاۋىدىن كىينكى ئۆز-ئارا تەشۋىش بىلەن بىرگە خۇشاللىق تەنتەنىسى بولسۇن بۇخىل ۋەقەلەر تارىخىي چىنلىق  ئاساسىدا يارتىلغان بولغاچقا ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىق كۆچىنى ئاشۇرغان. داستاننىڭ 4–بابىدا پارتىمىزنىڭ توغرا رەھبەلىگى ئاستىدا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ يېڭى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ يېڭىچە نۇرى بىلەن ئىسلاھاتتىن كىيىنكى دىھقانلارنىڭ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم باسقانلىغى، زومىگەرلەرنىڭ، بەگ –تۆرىلەرنىڭ بەرھەق جايىنى تاپقانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەت ئەكىس–ئەتتۈرۈلگەن.روزى سايىت مەسىللىلەرنى ماتېرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن كۈزەتكەن. دېئالىكتىكلىق مېتود بويىچە تەھلىل قىلىنىپ كۆز قاراشلارنىڭ توغرا ۋە ئىلمىي ئىشەنچىلىك بۇلشى، مەزمۇن ۋە ماتىرىياللارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.نۇقىل ھالدىكى تارىخىي ماتىرىياللارنىڭ دۆۋىسى بولۇپ قىلىشتىن ساقىلىنىپ، بەدىئىي چىنلىق ئىچدە يارتىلغان چىنلىقى كۆچلۈك بولغان دىتاللار ئارقىلىق، داستاندا يېڭى دەۋىرگە، يېڭى تۇرمۇشقا ئىرشكەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ 《يېڭى تاڭ》غا بولغان يېڭىچە خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش ئالاھىدىلگى بىلەن《سىزىپ》چىقالىغان. تارىخ ھەقىقىتىنى، ھاياتلىق پەلسەپىسىنى ۋە ئۆتكۈر پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە سىيوژىت ۋە ئوبرازلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ، رىئال تارىخىي قەھرىمانلار پروتوتىپىنى كەڭ بەدىئىي زىمىن ئىچىگە قويوپ تەسۋىرلىگەن.يەنى بەدىئىي چىنلىق ئارقىلىق تارىخىي چىنلىق ئىچىدىن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھۆرلۈك–ئەركىنلىك ، ئادالەت رولىدىكى جاسارىتى، ئەل–ۋەتەن تەقدىردى ئۈچۈن پىداكىرانە روھىي، خاراكتىرىدىكى چىنلىق مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغان.تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق بىلەن خاسلىقنىڭ زىچ بىردەكلىگى نەتىجىسىدە «يېڭى تاڭ»غا، يېڭى ئادىل زامانغا ئىشتىياق قىلغۈچى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باتۇرانە خاسلىقىنى يارتىپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان. شۇڭا، رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن يارتىلغان تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق «تاڭ شەجەرىسى»ناملىق داستاننىڭ چىنلىقى ۋە بەدىئىي مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن بىرى.روزى سايىت ئۆزنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيتىدە رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ھەم بۇنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارىتى بىلەن ئىپادە قىلغان.شۇنىڭغا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا لىرىكىغا قارىغاندا ئىپىكا ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللىگەن. رىئالىزىمنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىدا كۈچلۈك يىلتىز تارتىشى ئۇنىڭ شېئىرى ئىجادىيتىدىكى رىئالىزمىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ چوڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، رىئالىزىمنىڭ چوڭقۇرلىقى ـــ روزى سايىت شېئىرلىرنىڭ ئىستېتىك گۈزەللگىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

    (ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ،ئۇستازلارنىڭ ۋە دوستلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلەردە بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.)

     

    پايدىلانمىلار:

     [1  [1]روزى سايىت:پاھ، دىھقان ھەيكىلى[M]،شىنجاڭ: شىنجاڭ ياش-ئوسمۇرلەرنەشىريىاتى، 1999.

    [2]  [2]روزى سايىت: دىھقان كۈلكىسى[M]،شىنجاڭ:قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1998.

    [3]  [3] روزى سايىت:«روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»[M]،بېيجىڭ:1-2-، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2009.

    [4]  [4]روزى سايت:رۇبائىيلار ۋە تۇيۇقلار[M]،شىنجاڭ:شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997.

    [5]  [5] روزى سايت:ئاھ،ئۇزاققا سۆزۇلغان چۈش[M]،شىنجاڭ:شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى، 2002.

    [6]  [6]ئازات سۇلتان :ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى[M]،شىنجاڭ:4-توم1-2-كىتاب،   1-نەشىرى.

    [7]  [7]ئازات سۇلتان:ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى[M]،شىنجاڭ:مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2006- يىلى 4-ئاي.4-توم2-كىتاب 1–نەشىرى.

    [8]  [8]ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىم:ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى[M]، شىنجاڭ: ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى،شىنجاڭ پەن-تىخنىكا سەھيە نەشىرىياتى،2002.

     [9   [9] ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان:مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى[M]، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991،9،

    [     [10]ئابلەت ئۆمەر: ئەدىبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى[M]، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى نەشىرىياتى،2002 ،3.

    [     [11]ما.گوركىي: ئەدىبىيات توغرىسىدا[M]، ( ئەدىبىي-تەنقىدىي ماقالىلار)،« شەرق ھەقىقىتى» نىڭ نەشىرى، تاشكەنىت ـــ 1957.

    [[[] [12] تۇچىڭبڭ: ئەدىبىيات نەزىررىسى ئۇقۇشلۇقى[M]، ئالىي مائارىپ نەشىرىيات 1999 ، (خەنزۇچە)

    [13  [13] دۇشۇچىڭ: ئەدىبىيات نەزىرىسى[M]،خەلىق ئەدەبىيات نەزىرىياتى 2001 ،(خەنزۇخە)

    مەنبە :يازغۇچىلار تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us