ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-27

    روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئىككىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان.  مەسىلەن: بىز يەنە«بەختى دىھقان ـــ بەخىتلىك دىھقان» داستاننىڭ 1-بابىغا قارايلى:

    ..............

    ــــ چىقالماپسىز بەختىكا،

    بىز پۈتۈشكەن «داۋان»غا.

    ساق ئۇچيۇز جىڭ كەملەپتۇ،

    يىللىق ھوسۇل پىلانغا؟....

    ...................

    ئويلاپتىمەن ئەمەسمۇ،

    «دىگۋار دىگەن قەغەزدە...»

    ساقلاپتىمەن ئەخمەقتەك،

    ئىدىيەمنى قەپەزدە.

    ...........

    ئەمدى پۇشايمان پايدىسىز،

    ئىشلىگەنلەر باي بولدى.

    ئامبىرىغا ئاش-ئورۇق،

    سىقىمىغا پۇل تولدى.

     

    مانا، مەنچۇ...

                 سوزلىمەي،

    ھالىم ئايان ھەممىگە.

    ئوت ياقىمەن كېلەر يىل،

    «قەرىزدار» دىگەن سەللىگە!

     

    بەختى دىھقان شۇنى دەپ،

    توختىغاندا سوزىدىن.

    ئىرادە ھەم نومۇسنىڭ،

    ئوتى ياندى كۆزىدىن.

    ..............

     بەختلىك دىھقان بەختى ئاخۇن شېئىردا ئاددى بىر دىھقان سۈپىتىدە يارتىلغان. يەنە ئۇ ئىنسان تەبىئەتلىك بىر پىرسۇناژ. شۇڭا ئۇ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش يەنى نۇرغۇنلىغان دىھقانلارغا ئوخشاش يەر تېرىپ جاھاندارچىلىق قىلىدۇ.ئۆزىنىڭ ساددا، تار دائىرلىك دۇنيا قارىشى ئىچىدە ياشايدۇ. تۈزگەن يىللىق توختامغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك يىللىق ھۆسۇلى يىل ئاخىرىدا ھۆددە دىگۋار توختامدىكى سانغا يەتمەي ھىسابچىغا قەرىزدا بولۇپ قالىدۇ.لىكىن ئۇ دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇزىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «بەختى دىھقان» بولۇپ چىقىش ئوچۇن تۇرمۇشقا، ھاياتقا، ئۆزىگە نىسبەتەن قارتىدىن ئىرادىگە كىلىدۇ. داستاننىڭ 2-بابىدا  ئۇ ئۆيىگە قارتىپ ئايالى بىلەن باي بولۇشنىڭ يۇلى ھەققىدە كۆپ كىڭەش قىلىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسدە دىھقانچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانغا مەبلەغ، جاڭگاڭدىن قىغ يوتكەيدىغانغا ئىشەك ھارۋىسىمۇ يوق ئىدى. ئائىلىسىدە سىتىپ پۇل قىلغۈدەكمۇ باشقا بىساتى يوق ئىدى. ئاخىرى ۋاپادار ئايالى ئايخاننىڭ تەكلىبى بىلەن توي قىلغاندىكى تويلۇق مىلى «زىرە»(ئۈزۈك) نى سىتىپ ئۇنىڭ پۇلىسىغا دىھقانچلىقى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ. دىمەك، بەختى دىھقان مۇشۇنداق نامراتلىق قاپلىغان ئاددى  ئائىلىدە  يارتىلغان دىھقان ئوبرازى ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىنىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان مۇشاققەتلەرنى يىڭىپ ئاخىرى ھاللىق تۇرمۇشقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. لىكىن بەختى دىھقان ئۆزىنىڭ ئاددى كىشلىك تۇرمۇش قارىشىدىن يەنىلا قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ ئوغلى مەتقاسىمنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنى چەكلەيدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇشنىڭ ئەھمىيتىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا تېڭىرقاش، جاھالىلىق، مەسىللەرگە سوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىش ئىدىيسى ھۆكۈم سۈرىدۇ.ئايالىنىڭ چۈشەندۇرشىگە، ئوغلىنىڭ كۆز يېشىغا پىسەنىت قىلمايدۇ.مايسىلارغا كىسەل تىگىپ تېخنىكا خادىملىرى ئۇنىڭ زىرائەتلىرنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كىيىن ئۇ ئاخىرى بىلىم ئىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى تۇنۇپ يېتىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئىلىم– پەنگە ئىشىنىدۇ. ئوغلىنى مەكتەپكە بىرىدۇ.ئۆزىمۇ پەن–تېخنىكا بىلەن قۇراللىنىپ دىھقانچلىق بىلەن باي بولىدۇ.بۇ داستاننىڭ سىيوژىتى ئەملىىيەتتە بىزنىڭ رىئالنى تۇرمۇشىمىزنى مەنبە قىلغان. (داستاندىكى سايۋاغ يېزىسى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيسىنىڭ سايۋاغ يېزىسى.روزى سايىت بۇ يېزىغا خىزمەتكە چۈشكەن مەزگىلىدە دىھقانلار تۇرمۇشىغا چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بۇ داستانغا مۇنانسىۋەتلىك ئەمىلىي ماتىرىيالنى توپلىغان).

    دىمەك، داستاندا پىرسۇناژلار خاراكتىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق، ئوبرازلىق يارتىلغان. بەختى دىھقاننىڭ ئىجابى ئوبرازى ياكى ئاددىي دىھقانلارنىڭ ئوبرازنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىپلا قالماي، بەلكى داستاندىكى باشقا  پىرسۇناژلارنىڭمۇ پىرسۇناژلار ئوبرازىنى  ئۇلارنىڭ ئۆزنىڭ سۆز–ھەركىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئەركىن ھەركەت قىلدۇرۇلۇپ مۇۋاپقىيەتلىك يارتىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

    بۇ ھەقتە ئا.پ.چىخوف «چىخوپ ئەدىبىياتى توغرىسىدا»دېگەن ئەسىرىدە رىئالىزىملىق ئەدىبىيات «تۇرمۇشنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەتسىز ۋە ئۇچۇق –ئاشكارە چىنلىقتۇر»دەپ ئېيىتقىنىدەك.روزى سايىت شېئىرلىرىدا قوللىنىلغان، چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغان رىئال مۇھىت ۋە رىئال پىرسۇناژلانى ئوبرازى، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ «قۇيۇق ھىدى» ئوقۇرمەنلەرنى داستاندا يارتىلغان رېئال مۇھىتقا  باشلاپ كىرەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەردىكى پىرسۇناژلار سىھىرلىك ياكى غايىبانە تۇستە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرى رىئال مۇھىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلگى بويىچە ھەركەت قىلغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا بەختى دىھقاننىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى سەۋەبلىك زىراتلەرنى نۇرمىدىن ئارتۇق سۇغۇرۇش، يەرلىك ئۇسۇلدا نۇرمالسىز ئۇغۇت بىرىشى، ئاقىۋەت زىرائەتلەر ئۇنىڭ ئارزۇ قىلىپ كۆتكەن يىرىدىن چىقماي سارغىىيپ كىتىشى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆز–قارىشىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دەل ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىش بىلەن ئۇنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ زىيان زەخمەتتىن قۇتۇلۇپ قىلىشى، ئاخىرى ئۇ پەن–تېخنىكىنىڭ ئىلمىي رولىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى  داستاندا يارتىلغان تىپىك مۇھىت ئىچىدە بەختى دىھقاننىڭ ئۆزىنىڭ سۆز–ھەركىتى ۋە دىئالۇگلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى بۇيىچە يۇرتىپ بىرىلگەن بولغاچقا داستاننىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا رېئالىستىك ئەسەرلەردە يارتىلغان سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازلىرىمۇ ئۆزلىرىگە تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرى تۇرمۇش ئەمىلىيتىدىن ئېلىنغان بولغاچقا كىشىگە «سۇنئىي»ۋە «ياسالما» تۇيۇلمايدۇ.رېئالستىك ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارنىڭمۇ نۇرمالسىز كەيپىياتى ۋە روھىي ھالىتى، غەلىيتە قىلىق، غەرىي ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. مەسىلەن:ⅥⅩ-ⅦⅩئەسىردىكى ئىسپانىيىنىڭ مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچىسى سېرۋانتىسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى دونكىخوت ئەنە شۇنداق پىرسۇناژ ئىدى.بىز «ئاي قۇشىقى »داستانىدا تىلغا ئېلىنىدىغان 《مەخلۇق》،《لەشكەر》 قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەتىدىن بۇ خىل ئامىللار روشەن كۆرىنىپ تۇرىدۇ.

    ئېنگىلىس ئېيتقاندەك:«رىئالىزىمنىڭ مەنىسى، دىتاللارنىڭ چىن بۇلۇشىدىن تاشقىرى، تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس- ئەتتۇرۇشتۇر». رىئالىزىملىق ئەسەرلەر مۇئەييەن پىرىنسىپ، گوروھ ياكى مەلۇم دەۋىرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرگەندىن سىرت، يەنى پىرسۇناژلار تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرىدىغان ئىجتىمائىي، تارىخىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ  ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇرتۇپ بېرىشى، پىرسۇناژ، مۇھىت ۋە دەۋىرنىڭ بىرلىكى ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسىنى كۆرسىتەلىشى كېرەك.روزى سايىت شېئىرلىرىدا يارتىلغان پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخي چۇڭقۇرلۇقلىرى ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرچىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدا بەدىئىي پىرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق يارتىلغان بۇلۇپ، مۇناسىپ ھالدىكى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش، پىسخىك ئادەت، مىجەز-خولۇققا ئىگە. ئۇلار داستاندا ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆز خاراكتىر بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. رېپىن:« قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنى ‹بىغۇبار سۈزۈك ئاسمان›دەك قىلىپ سۈرەتلىمەسلىك كېرەك.ئۇستا سەنئەتكارلار ئۆز قەلبىدە چوقۇنىدىغان قەھرىمانلىرىنى نۇرانە قىلىپ تەسۋىرلىمەستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ قىياپىتى بۇيىچە تەسۋىرلەيدۇ.ئۇلارنىڭ‹سەت يېرى›ۋە ‹تارتۇق›لىرىنى يۇشۇرمايدۇ» دەپ ئېيتقىندەك، روزى سايىت شېئىرلىرىدا پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ يارتىلىشى  نەتىجىدە ئەسەردىكى رېئال تپىك مۇھىت ئىچىدە ئەركىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆزنىڭ سۆز-ھەركىتى، خاراكتىر ئالاھىدىلىگى بويىچەئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن:«بەختى دىھقان —— بەخىتلىك دىھقان» داستانىدىكى《 بەختى دىھقان》،《ئايخان》، 《مەتقاسىم》قاتارلىقلار،《ئاي قوشىقى》داستانىدىكى 《ئاي قىز》،《نەزمىچى》، 《مەخلۇق》...دىگەنگە ئوخشاش بىرتۇركۈم بەدىئىي ئوبرازلار ماھىرلىق بىلەن يارتىلغانلىقى، ئەملىيەتتە داستاندىكى تىپىك مۇھىت ئىچىدە، تىپىك پىرسۇناژلار خاراكتىرىدىكى سىنىپىي، دەۋىرى ۋە ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يۇرۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ بەدىئىي  تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.بۇ خىل تىپىك مۇھىتىتىكى تىپىك ھېسيات، تىپىك كەيپىيات، تىپىك تەسرات قاتارلىقلار ئارقىلىق داستاندا يارتىلغان شۇ دەۋىر تۇرمۇشنىڭ ماھىيتى ۋە قانۇنىيتى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ بىرىش مەخسەت قىلغان.

    دىمەك، دوستويېۋىسكى:«بەدىئىي كۆچ چىنلىقتا ۋە ئۇنى يارىقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتە نامايان بولىدۇ.بەدىئيلىك ئەسەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدا، ئوبرازلىرىدا ئۆز پىكىرىنى شۇ دەرىجىدە يارقىن ئىپادە قىلىش قابىلىيتىدىكى، يازغۇچى يېزىۋىتىپ قانداق ئۇيلىغان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋىتىپ ئۇنى شۇنداق چۈشىنىدىغان بولسۇن»دەپ ئېيتقىنىدەك، روزى سايىتنىڭ داستانلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان پىرسۇنالار ھەرگىز غايىۋى، سىھىرلىق پىرسۇناژلار ئەمەس.ئۇ ئۆزىگە خاس مۇھەببەت- نەپرەت، ئارتوقچىلىق-ئاجىزلىق، قەيسەر، باتۇرلۇق بىلەن بىرگە كالتا پەملىك، ئادىراڭغۇلۇق، قىزىقىقانلىق، تېڭىرقاشدەڭ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىق  ۋە ئاجىزلىقلىرى زىچ گىرەلەشكەن.

    مەسىلەن:《بېلىجاننىڭ كەچىمىشى》داستانىدىكى بېلىجاننىڭ ھەمىشە تەنتەكلىك بىلەن ئاتا–ئانىسنىڭ چۈشەندۈرىشىگە، خەۋىپ–خەتەرلەرگە ، پەندى– نەسىھەت لىرىگە پەيۋا قىلماي ئۇلاردىن ئايرىلىپ يىراقلاردا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىشى، دادىل، ئنىچىكىلىك بىلەن بىرگە قاراملىق، ئالدۇراڭغۇلۇقى،《بەختى دىھقان —بەخىتلىك دىھقان》داستانىدىكى بەختى دىھقاننىڭ ئۆز خاتا قىلغانلىقنى ھىس–قىلسىمۇ يەنىلا ئۆزى خائىشى بويىچە ئىش كۆرىشى، ساددا، كالتا پەملىك بىلەن قاراملىق، ئالدۇراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاڭ، ئىككى خىل پۇزىتسىينىڭ توقۇنىشى ئىچىدە تۇرىشى بۇنىڭ مىسالى.ئۇلار مەسىلىلەرگە يولۇققاندا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويغانلىقىنى غۇۋا سەزسىمۇ، بىراق مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كىسىل ھەل قىلىۋەتمەيدۇ ياكى مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتى بويىچە ئىش كۆرمەي ئۆزى قىززىقانلىق بىلەن تەدبىر كۆرىدۇ. لېكىن، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغاچقا ئۇ بەزىبىر ئاۋارىگەرچىلكتىن  قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭغا كىتابخانلار ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ۋە غەلبىسى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ، مەدەتتە بولىدۇ. قايغۇسى ۋە كۈلپەتلىرىدىن قايغۇرىدۇ. مېنىڭچە، بۇنى دەل پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى دىرىشكە بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us