-
2011-02-27
ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ،
ھەر تۈن كېچە تەنھالىق ماڭا.
شۇنچە گۈزەل ئاي، كېچە بېراق،
بارچە مىسرا يېزىلار ساڭا.
شۇڭا بەزەن شاماللار يۇمشاق
قوللىرىدا سىيلار يۈرەكنى.
دەرەخلەرمۇ شېلدىرلار غۇدراپ،
تەمەلەردە تۆكۈپ تىلەكنى.
چېكەتكىنىڭ ئۈنى بوغۇلار،
مەن غىڭشىغان كۈيگە بەسلىشىپ.
شېئىرىي كېچە بېراق دەرت بىلەن،
ئۆتكۈزمىكىم كەتكەن تەسلىشىپ.
ئاھ!، ياشىماق كەتتى تەسلىشىپ،
سەن بولمىغان ئۇشبۇ تۈنلەردە.
بىر قۇچاق بوپ كەلگىن باغرىمە،
ناخشام قۇچسۇن يارقىن ئۈنلەردە.
评论