ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-27

    روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

    ئابلىمىت ئابدۇراخمان

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ماگېستىر ئاسپىرانتى

     مېنىڭچە، روزى سايىت رىئالىزىمچى شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش بەدىئىي چىنلىق بىلەن شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قايتۇرۇلغان.بۇ ھەقتە پىروفىسسۇر ئازاد سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:«روزى سايىتنىڭ ئىجادىيتىدە لىرىكىدىن كۆرە ئېپىكا ئاسالىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ھېسياتىنى ئەمەس بەلكى، تۇرمۇشنى.خىيالىي جەننەتنى ئەمەس بەلكى، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى يازىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھېسيات ئامىللىرى بار دەپ قارالسا، بۇ ھېسيات رېئاللىق ئاتا قىلغان تەسرات-تۇيغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس».ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق رېئالىزىم روزى سايىت ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ گەۋدىلىك بىر تەرىپى ھىسابلىنىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى ھەرقانداق نەزەرىيۋى يەكۈن ئەمىلىيەتتىن كېلىدۇ. رېئالىزملىق ئەدىبىي ئىجادىيەتمۇ «رېئالىزىم» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدىن ۋە بۇ ھەقتىكى نەزەرىيۋى خۇلاسىلەردىن خېلىلا ئىلگىرى باشلانغانىدى.ياۋرۇپادا ئەڭ دەسلەپكى رىئالىستىك ئەسەر ھومىرنىڭ «ئودىسسا»ناملىق ئېپوسى ھىسابلانسا، خەنزۇ ئەدىبىياتىدا رىئالىسىت ئەدىبىياتنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرى «نەزمىنامە» بولۇپ ھىسابلاندى.ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمىزدىكى رېئالىزىملىق ئىجادىيەتنىڭ باشلىنىشىمۇ ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەرگە بېرىپ تۇتىشىدۇ.بۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغزاكى شەكىل بىلەن ئىجاد قىلغان ۋە تارقاتقان قەدىمكى دەۋىرلەردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا بېغىشلانغان قوشاقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئەسىر ئىلگىرىلا دۇنياغا كەلگەن «تۇركىي تىللار دىۋانى» غا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.دىمەك «رىئالىزىم»دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەدىبىيات ئەمىلىيتىدىن خېلىلا كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.رېئالىزىم دىگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم گىرمانىيەلىك شائىر شېللىر تىلغا ئالغان. ئۇ 1795-يىلى يازغان «ساددا شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر»دىگەن ماقالىسىدە، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى «ساددا شېئىرلار»بىلەن «ھەسرەتلىك شېئىرلار»نىڭ ئورتاقلىقى ۋە پەرىقلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق شەرھىلىگەن.فىرانسىيە ئەدىبىيات –سەنئەت نەزىرىيەچىسى شافېللى 1850-يىلى يازغان «سەنئەتتىكى رىئالىزىم»دىگەن ماقالىسىدە، فىرانسىيە رەسسامى كوبىرنىڭ رەسىملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رىئالىزىمنى بىر خىل ئېقىم ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ⅩⅪـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا روسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبىي تەنقىدچىلىرىدىن بېلىنىسكي، چېرنىشېۋىسكىي، دوبروليوبوفلار رېئالىزىم چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇدى.ماكىسىم گوركىي ئۆزىنىڭ « ئەدىبىيات توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە:« ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسىدىن  ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېلىش بىلەن بىللە، ئۇنى ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەپ كۆرسەتسەك، رىئالىزىمغا ئىگە بولالايمىز» دەپ كۆرسىتىپ، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى رېئاللىقنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس-ئەتتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ئۆتتۈرىغا قويغان. بۇ ھەقتە ئا.پ.چىخوف «چىخوپ ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن ئەسىرىدە رىئالىزىملىق ئەدىبىيات «تۇرمۇشنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەتسىز ۋە ئۇچۇق –ئاشكارە چىنلىقتۇر»دەپ كۆرسىتىپ، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى رېئاللىقنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس- ئەتتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ئۆتتۇرىغا قويغان.

     روزى سايىت شېئىرلىرىدا يارتىلغان رىئالىزىملىق شېئىرىي مۇھىت 80-يىللاردىن كىيىنكى ئۇيغۇر جەمىئيتىدىكى رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش ئىچىدىن تاللاپ ئېلىنغان رىئال ھادىسىلەرنى شېئىرىيەت تەپەككۇرىدا تاۋلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە تۇرمۇش رىئاللىقىغا سادىق بولغان بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە يارتىلغان تەپەككۇر بوشلۇقىدىن ئىبارەت. ئۇ بىرقىسىم ئەسەرلىرىدە ئىلىم بىلەن جەمىئيەت تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك مۇناسىۋىتىنى مەنتىقىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئىلىم- مەرىپەتكە سەل قارالسا، جەمىئيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەتنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن يۇرۇتىشقا تىرىشقان. ئۆز تەقدىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، ئۆز رىئاللىقىنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ماتېرىئالىزىملىق نوقتىنەزەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ رېئال ھادىسىلەرنىڭ ماھىيتىنى كۆرسىتىپ بىرىشنى مەخسەت قىلغان. بۇ ھەقتىكى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە شېئىرلىرى ئىچىدىن «بەختى دىھقان –بەخىتلىك دىھقان»، «ئاي قوشىقى»، «تاڭ شەجەرىسى»، «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»...قاتارلىق داستانلىرى، «ئاھ،مىنىڭ مېللىتم»، «دېمىدىم بۇ سۆزنى قارىسىغا»، «ئۇلۇغ كەسىپ»، «ناداننىڭ راھىتى داناغا كۈلپەت »، «بىلمەسلىك باشقا، نادانلىق باشقا»...قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالىدىن دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ ساپاسىغا داغ تەككۈزىۋاتقان نىگىزلىك بىر قىسىم ئىللەتلەرنى ئېچىپ بەردى.ئۆز مىللىتىنى ماختاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئىللىتىنى پاش قىلىشقا سەل قاراش ياكى جۇرئەت قىلالماسلىقتەك بىرتەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىچە پىكىر ۋە يېڭىچە روھ بىلەن نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى تەكىتلىدى.

     مېنىڭچە، روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدە قوللىنىلغان رىئالىزىملىق  ئىجادىيەت  ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكىدەك نوقتىلار بويىچە كۆرۈپ ئۆتىشكە بولىدۇ.

    بىرىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا ئەكىس-ئەتتۈرۈلگەن بەدىئى مۇھىت رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان.ئەسەردە ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە...قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى شېئىر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شېئىردا يارتىلغان رېئال مۇھىت ۋە رېئال پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان. 

    مەسىلەن:«ئاي قوشىغى» داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى.

    .....

    ھايىت-ھۇيت دېگىچە بېسىپ مىڭ لى يول،

    قونۇپتىمەن ئاي قەسرىگە ئۇدۇل.

    قەسىر ئىشىگى ھىم ئىتىك ئىمىش،

    تاملىرى شۈنچە ئىگىز، تىك ئىمىش.

    ئىشىكتە قۇلۇپ، چوڭلۇغى ئۆيدەك،

    يولۇم توسارمىش بىر كۈزەتچى دىۋىدەك.

    تۇرارمىش كوزى سۈرلۈك پارقىراپ،

    قىلارمىش ھەيۋە بىر سەت ۋاقىراپ:

    «بۇ قەسىر ـــ ھەپسە مەھبۇسلار ئۆيى،

    ئەمەس دەك، ئۆتەڭ ــــ يولوچى جايى.

    كۆزۈمدىن يوقال بولمىسا ھىلى...!»

    .......

    يۇقارقى مىسرادا شائىرنىڭ ئاي قەسىرىگە ھايىت-ھويت دىگۈچە مىڭ «لى» (ئارىلىق بىرلىگى) مۇساپىنى باسقانلىقى مۇبالىغا قىلىنغان بولسا، ئىچىگە كىرمەك ئۈچۈن كەلگەندە ئىشىككە سېلىنغان قۇلپىنىڭ چوڭلىغى ئۆيگە ئۇخشىتىلغان، ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسۋالغان كۈزەتچى دىۋىگە ئوخشىتىلغان.

    1-بابنىڭ«ئاسمان تەزكىرىسى»دىكى تۆۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى.

    ..............

    كۆكنى بىر ئالدى شاتلىق ساداسى،

    ياڭرىدى شۇئان ناخشا ساداسى.

    شۇ چاغ توساتتىن چاقماق چېقىلدى،

    تەشمە كوزىگە تاغلار يىقىلدى.

    چىقتى بىر مەخلۇق تەشكەن ئېغىزدىن،

    قولى ئارىدەك، يالاقتەك،

    كۆزى ئورىدەك، بويى راۋاقتەك.

    ...............

    يۇقارىقى مىسرالاردىكى شاتلىق تەنتەنىسىنىڭ پۈتۈن ئاسماننى قاپلىغانلىقى، چاقماقلارنىڭ چىقىلىپ، تاغلارنىڭ يىقىلغانلىقىدەك جانلاندۇرۇشلارنىڭ دەل جايىدا مۇۋاپىق قوللىنىلغانلىقى شائىرنىڭ غەلبە تەنتەنىسىنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشتە ئىجابى رول ئوينىغان. توساتتىن بىر مەخلۇقنىڭ چىققانلىقى ئۇنىڭ قولى ئارىغا، چىشى بىگىزگە، بېشى خاپانغا، ئاغزى يالاققا، كۆزى ئورىغا، بويى راۋاققا ئوخشايدىغانلىقىدىن ئىبارەت سۈر تەلەتىنى بەدىئىي ۋاستىلەردىن  پايدىلىنىپ ئوخشىتىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق قوللىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ياۋۇز، قارا نىيەتلەرنىڭ كۆرۈمىسىز، قورقۇنۇشلۇق سىماسى يارتىلغان.

    روزى سايىت «بەختى دىخان ــــ بەختلىك دىخان» داستانىدا بەختى بوۋاينىڭ پارتىيمىزنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ تۇرمۇشنىڭ باياشتلىققا چۆمگەنلىكى تۈۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارىلىق جانلىق ياراتقان.

    ......

    چېھرىمىزگە باققىنا،

    خۇددى ئانار دانىسى.

    قەلبىمىزدىن ئۇرغۇيدۇ،

    چىن بەخىتنىڭ ناخشىسى.

    ............

    توڭ ئاجراتتى «سايۋاغ»لىق،

    بىر چاپاننىڭ پىشىدەك.

    ئۇنىڭغىچە بوپ قالدى،

    ئەلنىڭ رەڭگى شىشىدەك.

    .........

    يۇقارىقى مىسرادا بەختى بوۋاينىڭ خۇشاللىق كەيپىياتى بىلەن ئەمگەككە قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ توڭلاپ كەتكەن يەرلەرنى چەبدەسلىك بىلەن ئاجرىتىپ ئەمگەك قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىگى، ئاجراتقان توڭ بىر چاپاننىڭ پىشىگە ئوخشىتىلسا، ئەتراپتىكى دىھقانلار ئۇنىڭ جەسۇر، ئەمگەكچان، ئەمگەكنى سۈيىدىغان، ئەمگەككە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئەمگەك ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان خستىلدىن ھەريان بولغانلىقى، ئۇنىڭ جىددى ھالدا ئۆزگەرگەن چىراي ئىپادىسى شىشىگە ئوخشىتىلغان. بۇ خىل بەدىئىي ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستلەرنىڭ روزى سايىت شېئىرلىرىدا دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى شېئىرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجادى رول ئوينىغان.

    رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ تۇقۇلما ۋە مۇبالىغىلەرنىڭ بولىشىنى چەتكە قاقمايدۇ.«گىيوتىنىڭ سۆھبەت خاتىرىلىرى»دە ئۇنىڭ مۇنداق بىر سۆزى خاتىرىلەنگەن:«سەنئەتكار بەزى دېتاللارنى سۈرەتلىگەندە ئەلۋەتتە تەبىئىيلىككە سادىق بولۇشى، تەبىئەتكە تەقلىق قىلىشى لازىم... بىراق بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كەلگەندە، بىر پارچە رەسىمنى ھەقىقىي بىر سەنئەت بويۇمى قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن سەنئەتكار توقۇلمىغا مۇراجئەت قىلىپ ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ».بىز ھەرقايسى ئەللەر ئەدىبىياتىغا قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىنجىلىرى ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈننىڭ «ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، بازۇڭ بېگىمنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ  سۇنۇقى بولمىغان ئا Qنى تۇتۇش ئۈچۈن بىر توپ ساقچى ۋە ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىگى، ئۇلارنىڭ بىرى ئا Qنىڭ ئىشىكىگە پىلىمۇتنى توغرىلاپ قويغانلىقىلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئېنىقكى، بۇ يەردە مۇبالىغە ئۇسۇلى قوللىنىلغان.بۇ ھەقتە لۇشۇن ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دىگەن:«مېنىڭچە تېخى‹ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى›غا بىر ئارىلاشما بېرگادا ۋە سەككىز دانە مىنامىيۇتنى قوشۇپ قويساقمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن». بۇ ئارقىلىق لۇشۇن ئەپەندى توقۇلما ۋە مۇبالىغىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.بىز يۇقارىقىدەك نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيى ئىجادىيەتنىڭكىىسىشمىسىدە تۇرۇپ رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن روزى سايىت شېئىرلىرىنى تەكشۇرگەندە، ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ  ئەسەردە دەل جايىدا ھەم مۇۋاپىق ئىشلىتلگەنلىكى، روزى سايىت شېئىرلىرنىڭ رېئالىستىك ئالاھىدىلىگىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

    داۋامى بار

    分享到: