-
2011-09-14
بىزگە كېرەك يەنە مۇھەببەت - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
بىزگە كېرەك يەنە مۇھەببەت
ئابدۇرەشىد مۇھەممەد ئىمىن
كۆل بويىدا تەنھالىق ئېغىر،
سىردىشىمەن پەقەت خىيالەن.
ئاي كەلمىگەن ئاسمىنىم ناخۇش،
ۋاراقلايمەن قەلبىمنى تىرەن.
ھەر قۇرىدىن ھىجران ئۆكسۈشى،
سىرغىپ چۈشەر ھايات مەڭزىگە.
كېچىلەرنى قۇچاقلاپ يۈرۈپ،
ئەسەبىيمەن ئۈنلەپ بەزىدە.
ناخشامدىكى باھارغا لىقلا
گۈل تېرىيمەن دىلبەر قىز ئۈچۈن.
يەنە گۈزەل ئايدىڭ بولىدۇ،
ھايات قايتا بولىدۇ پۈتۈن.
خىيال دېگەن بەرىبىر خىيال،
ئېھ! تۈنلەردە گۈزەل بىر ھەسرەت.
قانچە قاتتىق بولسىمۇ ھىجران
بىزگە كېرەك يەنە مۇھەببەت.