-
2011-02-23
ئۇھسىنىش - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ھىجران ھۇۋلار ئىمكانلىرىمدا،
مەن بىتەلەي دەيمەن ئۆزۈمگە.
يىگىتلىگىم سۇ بولغان دەمدە،
ئىچىنىمەن بۇلاق كۆزۈمگە.
بۇلۇتلارغا نېمە دەي ئەمدى؟
قاپقارا بوپ تۇرسا بېشىمدا.
مۈشۈك كەبى جىمجىت جاي ئالدى،
سەۋدا كېلىپ مېنىڭ يېنىمدا.
چۈنكى سېنىڭ يوللىرىڭ باشقا،
ئۆزگىلەرگە بىر باغسەن جانىم.
بىلمەي قانداق كىردىممەن نېتەي؟!
ئازاب بەردى ئوخچىغان قانىم.
كۆزلىرىڭگە تىكىلىش ئۇيات،
ئۆزگىلەرنىڭ ئاسمانىدا سەن.
نىسىپ بولماس خۇش ھىدىڭمۇ ئاھ!،
سېنىڭ قەلبىڭ ئۆزگىگە ۋەتەن.
سېنىڭ چۈشۈڭ، خىياللىرىڭغا،
مەن شۇنچە يات، شۇنچە ناتونۇش.
مەندە سەۋدا، مەندە خىياللار،
مەندە ئۈمىد، مەندە ئۇھسىنىش...
历史上的今天:
ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى 2012-02-23نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار 2011-02-23گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا) 2011-02-23