ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-23

    ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى

     

    ھەزرەتئەلى ئەلى 1985-يىلى قەشقەر شەھرى بەشكېرەمدە يېزىسىدا تۇغۇلغان. بالىلىقى باغ-ۋارانلىق، خىلۋەت مەھەللىسىدە ئۆتكەن.باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،2005-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرېتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئېنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.2010-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ بىر مەزگىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ ، شېئىر يېزىش بىلەن ئەدەبىياتقا كىرگەن .بالىلىق ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان.بىر خىل جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتكەن بالىلىقى ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن .ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ھاياتىدا رەسمىي بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ ،ئەدەبىياتقا بولغان چەكسىز سەۋدايىلىق،ئاڭسىز مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى ھەقىقى مەنىدىكى سەنئەت قارىشى ئىگىلەشكە باشلىغان .ئۇ يەردىكى ئىلىم كەيپىياتى ۋە كۈتۈپخانا،قىرائەتخانىدىكى ئاجايىپ مول كىتابلار ئۇنىڭ روھى چاڭقاقلىقىغا ئوزۇق بولغان.ئۇ بۇ يەردىكى كىتابلارنىڭ مەڭگۈ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بالدۇرلا تونۇپ يېتىدۇ ھەم پۇرسەتنى ناھايتى چىڭ تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە فرېئۇد، ماسلوم، ئادلېر قاتارلىق مەشھۇر پىسخۇلۇگلارنىڭ نەزەرىيەلىرىنى ئۈگۈنىشكە باشلايدۇ.ئۇ ئەدەبىياتنى جۇملىدىن سەنئەتنى پىسخولۇگىيلىك ھادىسە دەپ قارىغانلىقتىن سەنئەتنى پىسخولۇگىيە نوقتىسىدىن چۇشۇنىشكە ئۇرۇنغان.كىيىن سەنئەتنىڭ نوقۇل پىسخولۇگىيەلىك ھادىسە بولماستىن موھىمى بىر خىل ئېستېتىكىلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گېگىل، ماركىس. نېتزى، جۇگۇاڭچىيەن، پىڭ جىشىياڭ قاتارلىق پەيلاسوپ ۋە ئېستىتىكاشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان.ئۇ ئەدەبىياتقا ھەقىقى مۇھەببەت باغلىغان بۇ مەزگىللەردە يەنە دوستىيوۋىيسكى ،كافكا ،پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇغان.شائىرلاردىن فىرانسىيە سىموۋلىزىمچىلارنىڭ شېئىرلىرىغاچوقۇنغان.لىكىن كىيىنكى مەزگىللەردە بىردىنلا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ ،بايرون، يېسنىن، پۇشكىن ، بىلوك قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئۆزىنى ئۇرغان .ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى گۈپۈلدەپ تۇرغان سەمىمىي، قىزغىن ھېسيات ئۇنىڭ مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان قەلبىگە مەنىۋىي ئەرمەك بولغان. 
    ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان بولسىمۇ،2007-يىلى «تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن رەسمىي ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن . مامبەت تۇردى،ئىقبال تۇرسۇن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدىن باشلاپ رەسمىي پىلانلىقھالدا شېئىر ۋە شېئىر تەتقىقاتىغا كىرىشكەن ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا بىر تۈركۈم ئوبزور ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇپ ،ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ھەم ئوقۇرمەنلەردىن بىر قىسىم خەت تاپشۇرۇپ ئالغان. 2010-يىلى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىنمۇ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىنەزەر شېئىر ۋە شېئىرىيەت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختىتىپ قويمىدى،بەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر ،پىلانلىق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارماقتا .ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«قەشقەر»،«تۇرپان»،«خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم ئىلمىي ژورنىلى»،«مۇزات دولقۇنلىرى» قاتارلىق ژورناللاردا 40 پارچىغا يېقىن شېئىرى ۋە «‹يىلان يىللىق قىز›پوۋېستى ھەققىدە»، «شېئىر- شائىرنىڭ قەلب تارىخى»،«شېئىرنىڭ كۈچى»، «شائىرنىڭ مەنزىلى»، «ئەدەبىيات :ئۆزلۈك ۋە تەقدىر»، «شېئىرغا كىرىش »قاتالىق8 پارچە ئوبزور ۋە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان.بىر تۈركۈم شېئىر ۋە ماقالىلىرى كوللىتىپ توپلاملارغا تاللانغان.يەنە بىر تۈركۈم شېئىر ۋە ماقالىلىرى« سۇمرۇغ»، «ئەنقا» قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ تاقىلىشى بىلەن يوقالغان .ئاز بىر قىسىم شېئىر ، ماقالىلىرى «يازغۇچىلار تورى» ئېلان قىلىندى.ھازىرغىچە جەمئىي 200 پارچىغا يېقىن شېئىر،25 پارچىغا يېقىن ئوبزور ۋە تەتقىقات ماقالىسىنى روياپقا چىقارغان. 
    ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت يۆنىلىشى شېئىر ۋە شېئىرىيەت تەتقىقاتى بولۇپ ، ماقالىلىرىدا شېئىرنىڭ ئۆزىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا، نەزەريىۋى تەھلىلنى ئاساسىي ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ.ماقالىلەرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە،ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ ماقالىلىرى نەزەريىۋىلىككە باي بولسىمۇ ،ئوقۇغان كېشىگە قىلچە زىرىكىشلىك تۇيغۇ بەرمەيدۇ،بەلكى ناھايتى تەسىرچان ،لىرىك كەيپىيات ئىچىگە باشلايدۇ. 
    ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ئەسەرلىرى تېخى ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا .ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن نىشانى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.

    بىز بۇ كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەپ ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

     ـــ مەسئۇل مۇھەررىردىن

     

    ئاپتورنىڭ بايانى:  ئەقلىمگە كەلسەم بەش ياشقا كىرىپتىمەن.ئۇندىن ئىلگىرىكى ھاياتىم نەلەرگىدۇر كۆمۈلۈپ كەتكەن. ھېچ ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن.بۇنىڭغا قاراپ خاتىرە ئىقتىدارىمدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن. لاي سۇداك ئۆتكەن بالىلىقىمنى تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپكە كېرىپ ،فرېئۇدنىڭ نەزەرىيەلىرى بىلەن چالا-بۇلا تونۇشۇپلا ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم بولغان ئاشۇ ھاياتىمنى ، كەچۇرمىشلىرىمنى خاتىرەمگە ياندۇرۇپ كېلىش ئۇچۇن مەقسەتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ باقتىم .بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ،بۇ خىل ئۆز-ئۆزىنى قېزىشنىڭ ئورۇنسىز بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدىم .ئەدەبىياتقا كېرىپ قېلىشىم ئىرسىيەتتىن ئەمەس. گاھىدا كىچىككىنە سەۋەبلەر ھاياتقا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.ئاشۇ كىچىككىنە تەسىر بىلەن مۇشۇ كوچىدا كېتىۋاتىمەن. تۇغۇلغىنىمغا تەرتىپ سان ھېسابىدا بىر ئەسەر ۋاقىت ئۆتتى .قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئەسىرگە تەۋە ئادەممەن. لىكىن يېڭى بىر ئەسىردە تۇرمۇشقا ماسلىشىپ ياشاشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئون مىليونغا يېقىن نوپۇشقا ئىگە ،ئۇنىڭ سەككىز مىليۇندىن ئارتۇقى دېھقان بولغان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، قەلەم بىلەن ھەپىلىشىپ، تۇرمۇشنى پاك-پاكىز، رەتلىك، كەلگۈسى ئائىلىنى خاتىرجەم قىلىپ ياشاشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللىكىنى ھېس قىلغىنىمدا بۇ كوچىغا كېرىپ قالغىنىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن. بىراق، تاللاش ئالدىدا ھامان مۇھەببەت كۈچلۈك كېلىپ قالىدىكەن. شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم ۋە مۇھەببىتىم كۆپ. شۇڭا شېئىر چەمبىرىكىدىن چىقىپ ياشاش مېنى مۇھەببەتسىز ياشاشتەك ئېغىر بىر قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. 
    دۇنيادا قاچانغىچە ياشاش جۈزئى بىر نەرسە .لىكىن ھاياتتا بىرلا نەرسە بىزگە مەڭگۈ كىرەك.ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت .ئۇ نېمىگە ئاتالغان بولسا مەيلى. شېئىر بولمىسىمۇ بولىۋىردۇ .چوقۇم بىر نەرسىگە مۇھەببەت بولۇش كىرەك.«ھايات مەنىسىز»دېگۈچىلەر ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر .چۇنكى ئۇلارنىڭ مۇھەببەت بېغىشلىغۇدەك ،قوغلاشقۇدەك ھېچنىمىسى يوق. ئەلۋەتتە ،ئۇ دۇنيالىق بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئەمەس.شۇنىڭغىچە چوقۇم ھەر نەپەس ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىمىز كىرەك . 

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us