-
2011-02-23
گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا)
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
راسىت، ئۇ شۇنداق گۈزەل بىر رەسىم،
بار ھۆرلەرگە بولىدۇ ئەنداز.
كۆزلىرىدىن ھايا تۆكۈلەر،
ئۇندا ئۇيۇپ قالغان سىرلىق ناز.
لەۋلەرىدىن غۇنچە خىجىلدۇر،
قان بولغاندۇر باغدا لالىلەر،
كىرپىكلىرى غەليانغا سەۋەپ،
جانغا قاقار تۈمەن نالىلەر.
قاشلارىگە كۆڭۈل باغلانغان،
قىزىل گۈللەر بويىگە شەيدا.
ساچلارىدىن يۈرەك داغلانغان،
مۇندا يىغلار مەشرەپ، ھۇۋەيدا.
مەڭزى شەپەق سۈبھى ئۇپۇقى،
ھاياتىمغا نۇر ئاتقان قۇياش.
ئېيتىڭ قېنى نەدە بار مۇنداق
بۇ رەسىمگە بولغۇدەك تەڭداش.
历史上的今天:
ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى 2012-02-23نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار 2011-02-23ئۇھسىنىش 2011-02-23