-
2011-02-23
نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
چۈشلىرىمدىن ئۇزىدىڭ سەھەر،
ھايات يەنە قالدىغۇ بەتتام.
ۋىسال يەنە نېسىپ بولمىدى،
بەخت بۇندا چۇل-چۇل بولغان جام.
سۈبھى ياپراق مەڭزىدە مۇڭ ياش،
يۈرەك بەرگى تىتىلغىنىدەك.
چۈشلەردىمۇ قىسمىتىم ئوخشاش،
ۋىسال بېتى يېرتىلغىنىدەك.
نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار،
سوغۇق تالار ۋۇجۇدلىرىمنى.
«تولا ئېقىپ ئىچىمگە ياشلار
ئۆچۈرمەكتە ئاتەشلىرىمنى.». *(ئەخمەتجان ئوسمان مىسراسى)
历史上的今天:
ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى 2012-02-23ئۇھسىنىش 2011-02-23گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا) 2011-02-23