ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-11

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى _1 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى

    -       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    {شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىرانتى}

     

    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك «80-يىل» جۇڭگو جەمئىيىتىدە دەۋىر بۆلگۈچ بىر مەزگىل بولدى. بولۇپمۇ 1978-يىلى ئېچىلغان 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن جۇڭگونىڭ سىياسى – ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاندى. بۇ خىل پايدىلىق ۋەزىيەت جۇڭگۇنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشگىمۇ ئالاھىدە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ، ئەدەبىياتقا چەكسىز ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ يېڭى بىر «باھار»ىنى كۈتىۋىلىپ، «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش» يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بۇ 30 يىل مابەينىدە، «يېڭىچە شېئىرىيەت ھادىسىسى»، «رومانچىلىق ھادىسىسى»، «يېڭى پىروزىچىلىق»، «تور ئەدەبىياتىنىڭ بىخلىنىشى»غا ئوخشىغان ئەدەبىيات ھادىسىلىرى بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئۆزگىچە گۈللىنىش مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، ئۇيغۇر «بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتى»نىڭ «يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى» سەھىپىسىنى ئاچتى.

    يېڭى ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭگو ئەدەبىياتىدا بازار ئىگىلىكى ۋە زامانىۋىي تېخنىكا مەيدانغا چىقارغان ئىستىمال مەدەنىيىتى، ياشلار ئىككىلەمچى مەدەنىيىتى، ئىنتېرنېت تور، تېلېۋىزىيە، ئاخبارات نەشىرىي ئەپكارلىرى قاتارلىق مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ  تەسىرى بىلەن «جۇڭگۇ يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى»دىكى ئالاھىدە ئەدەبىيات سەھىپىسى بولغان  «يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتى» مەيدانغا كەلدى. «يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتى» جۇڭگو ئەدەبىياتىغا خاس بولغان ئالاھىدە بىر ئەدەبىيات بىتى بولۇپ، ئۇ بازار ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى تەسىرىدىكى «ئىستىمال مەدەنىيتى»، ئىنتېرنېت تورى يېزىقچىلىقى، ئاخبارات تارقىتىش، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ بازارغا يۈزلىنىشى، ئوخشىمىغان قىممەت ۋە دۇنيا قاراشتىكى ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى كۆتۈرىلىشى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان «تور ئەدەبىياتى»، «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى ھادىسىسى»(80后文学现象)دەك ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر ئەدەبىيات سەھىپىسىدۇر.

    يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ھەممىدىن كۆپ تالاش – تارتىش بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ «ئالاھىدە توپ»نىڭ «ئالاھىدە ئەدەبىياتى» يېڭى ئەسىردىن كېيىن بىر مەھەل جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچىلىكنىڭ، كۆپ خىللىقنىڭ، جۇشقۇن، ئىجادچانلىقنىڭ شۇنداقلا پاسسىپ، ھەممىگە قارشى چىققۇچى، ئەدەبىيات سىپىدىكى بىر توپ ئىلىشتۈرمە دېگەندەك ئىككى خىل تالاش – تارتىشنىڭ قوينىدا ئاستا – ئاستا ئاساسىي ئەدەبىيات توپىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىغىلا خاس ئەدەبىيات ھادىسىسى دەپ قارالدى.

    جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا جۈملىدىن خەنزۇ ئەدەبىياتىدا شەكىللەنگەن بۇ خىل «ئالاھىدە ئەدەبىيات» ھادىسىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگۇدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئەڭ كۆپ دىققەت قىلغان، ئەڭ كۆپ تالاش – تارتىش قىلغان مەسىلە بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاز بولمىغان ئوبزۇر، تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى، چۇڭچىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جىلىن ئۇنىۋېرستېتى، شەرقى شىمال ئۇنىۋېرستېتى، شەندۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جىنەن ئۇنىۋېرستېتى، خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، خېبېي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، خۇاجوڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، لەنجۇ ئۇنىۋېرستېتى، شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتىلىرى  «80-يىللىقلار»(80)، «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»(80后文学) توغرىسدا مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئىلىپ باردى. بۇ تەتقىقاتلاردا «80-يىللىقلار»(80)، «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»(80后文学) ۋە ئۇنىڭدىكى كونكېرىت ئىجادىيەت ئەھۋاللىرى، ئۇنىڭ مېدىيە ۋاستىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بايانچىلىق سەنئىتى، كونكېرىت شەخىس، كونكېرىت ئىجادىيەت ئۈستىدە بىر قەدەر چوڭقۇرراق تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا جۇڭگۇ ئەدەبىياتىغا يانداشقان ئەھۋالدا تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئازادلىقتىن كېيىن ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم ئاستىدا جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىيات قاراشلىرى ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرىدە جۇڭگو ئەدەبىياتى بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك تەڭ قەدەمدە، ۋە قىسمەن پەرىقلىق ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بۇ خىل تەسرچانلىق ئەھۋالى شۇنداق ئىكەن، ئۇنداقتا بۈگۈنكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدا قىزىق نۇقتىغا، مۇھاكىمە ئوبىيېكتىگە ئايلانغان «80-يىللىقلار»(80) ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قانداق بولىۋاتىدۇ؟ جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئېقىم ياسىغان ياشلار بىلەن دەۋىرداش بولغان ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق؟ ... دېگەندەك مەسىلىلەر ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەخىرسىز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ياشلارنىڭ تارىخىي مۇقەرەرلىك بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلىنىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ، ياشلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى، خاھىشىنى، سەۋىيەسىنى، ئۇتۇق ۋە يېتەرسىزلىكىنى بايقاش ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشىنى، تەرەققىياتىنى ئالدىن چۈشىنىش، ياشلارنى يېتەكلەش جەھەتتىنمۇ قىممەتلىك ئەلۋەتتە.

    يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان خەنزۇ ئەدەبىياتىنى زىلزىلىگە سالغان «80-يىللقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئەمەلىيەتتە يۇقىرى ئىستىماللىق تۇرمۇش مەدەنىيىتى، «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» تەسىرىدىكى يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلە گەۋدىسى، ئالدىراش خىزمەت بېسىمى، ئېچىۋىتىلگەن مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»[1]، مىدىيە ۋاستىلىرىنىڭ قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىپ شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئېچىۋىتىلگەن تور ئەدەبىياتى سۇپىسىنىڭ ئۇلارنى كەڭرى ئىجادىيەت سەھنىسى بىلەن تەمىنلىشىدەك ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشلەردە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مول ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ياشلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى سېلىشتۇرما قىلىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. بېراق شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىنىشكە بايلىقى، ئىپادىلەشتىكى يۇقىرى بەدئىي تالانتى، ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىنىۋاتقان يۇقىرى ئىستېتىك قاتلام، ئىجادىيەتتىكى كۆپ قىرلىق ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى ئۈمىد ۋە ئىلھام ئېلىپ كەلدى.

    ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ ئاساسىي مۇۋاپپەقىيىتى شېئىرىيەتتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر قىسىم قەلەمكەشلەر پىروزا، نەسىر، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىق ژانىرلاردىمۇ ئىجادىيەت ئىلىپ بېرىپ، خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەزى قەلەمكەشلەر شېئىرىيەتتە قەلىمىنى پۇشۇرىۋىلىپ ئاندىن پىروزا، نەسىرچىلىككە كىرىپ كېلىپ، ھەم شېئىر، ھەم نەسىر، ھەم پىروزا دېگەندەك كۆپ خىل ژانىردا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ «كۆپ قىرلىق قەلەمكەش»لەردىن بولۇشقا تېرىشىۋاتقان بولسا، بەزى قەلەمكەشلەر شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانماي، مەخسۇس پىروزىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»دا شېئىرىيەتتىن باشقا يەنە ئاساسلىق قىلىپ، پىروزا، نەسىر، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە خېلى ياخشى نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فىليەتون، ئەدەبىي خاتىر ژانىرىدىمۇ بىر قانچە پارچە ئەسەرمۇ ئېلان قىلىندى.  تۆۋەندە مەن قىسقىچە قىلىپ ئۇلارنىڭ شېئىرىيەت، پىروزا، نەسىر، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك جەھەتتىكى ئاساسلىق ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

    «80-يىللىقلار» قەلىمىدىكى شېئىر ئىجادىيىتى ـ شېئىرىيەت ئەدەبىياتىمىزدا ئانا ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئەدەبىياتىمىزدىكى ئاساسلىق ژانىر ھەتتا بەزىدە دەۋىرلەردە بىردىنبىر ژانىر بولۇپ كەلگەن بولۇپ، دەۋرىمىزدە ئەدەبىياتىمىزدىكى تالاش – تارتىش، يېڭىلىق سىناقلىرىمۇ ئەڭ ئاۋال شېئىرىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. «شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ.»[2] دەيدۇ ئۇستاز بۇغدا ئابدۇللا. شېئىر يازمايدىغان ئادەملەر يوقلۇقى تىلغا ئېلىنسا، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىنى ئەسلىشى مۇمكىن. چۈنكى ياشلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ھەممىدىن شېئىرىي تۇيغۇلارغا باي، ھېسسىيات ئوخچۇپ تۇرغان ئاجايىپ بىر مەزگىلدۇر.

    ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ياشلار ئىجادىيەتتە ئاساسەن شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەيلى مەتبۇئات ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن، مەيلى تور ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن، زور كۆپچىلىكىنىڭ ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇردى. ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» ئارىسىدىكى مەن نىشانلىق كۆزەتكەن ئالدىنقى قاتاردىكى 30 ياش قەلەمكەشنىڭ ئارىسىدا پەقەت شېئىرلا يازىدىغىنى 20 نەپەر، شېئىر بىلەن باشقا ژانىردىكى ئىجادىيەتنى بىرگە ئېلىپ ماڭغىنى، 8 نەپەر، پەقەت شېئىر يازماي باشقا ژانىردا ئىجادىيەت قىلىدىغىنى 2 نەپەر بولغان. قولۇمدىكى ئون يىللىق توققۇز ئاساسىي ژورنالدىكى بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ژانىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچ جەدىۋەلدىن كۆرۈپ باقساق :

    ژانىرى

    شېئىر

    پىروزا

    نەسىر

    ئوبزۇر

    باشقا ژانىرلار

    جەمئىي

    پارچە

    656

    27

    55

    22

    3

    763

     

    بۇ جەدىۋەلدىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان. پىروزا، نەسىر ئىجادىيىتى بولسا ئۇنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ تەشكىل قىلالمىغان. دېمەك، مەيلى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا «80-يىللىقلار» ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئىچكى مەزمۇنى، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇرغىنى يەنىلا شېئىرىيەت بولۇپ كەلدى.

    «80-يىللىقلار» ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئىچكى مەزمۇنىنىڭ شېئىرىيەت بولىشى ئۇنچە ئەجەبلىنەرلىكمۇ ئەمەس. سەۋەبى، شېئىر ھېسسىياتنى ئىپادە قىلىشتا بىر قەدەر قوللىنىشچان، تۇيغۇنى ئىپادىلەشتە تەسىرچانلىقى كۈچلۈك، شەكلى ۋە نەزىرىيە تەلەپلىرىمۇ بىر قەدەر ئەركىن بولغانلىقىدا بولۇپ، بۇ ياشلار ئۆزىنىڭ ياشلىقتىكى كۈچلۈك ھېسسىياتىنى، سۈزۈك تۇيغۇلىرىنى، ئوتلۇق ئىستەكلىرىنى ئىپادە قىلىشتا شېئىرنى تاللىۋالدى. شۇنداقلا ئۆزىدىن ئاۋالقى ئۇتۇق قازانغان شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلدى.

    «80-يىللىقلار» قەلىمىدىكى شېئىرىيەت سىپىگە قارايدىغان بولساق، بۇ ياشلار ئىجادىيەتتە كۆپ خىل يۈزلىنىشنى، كۆپ خىل تەسىرلىنىشنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەدەبىياتىمىزدا 80-يىللاردا كۆتۈرۈلگەن «يېڭىچە شېئىرىيەت ھادىسىسى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە «گۇڭگا شېئىرلار»غا بولغان مايىللىقنى ئىپادە قىلدى.  يەنە بىر قىسم ياشلار ئاددى، چۈشىنىشلىك، ئويناق بولغان ئاممىباب شېئىرلارغا مايىل بولدى. يەنە بىر قىسىملار بولسا، «يىڭىچە شېئىرىيەت» بىلەن ئاممىباب شېئىرىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە، بۇ ئىككى خىل شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇندى. يەنە ئاز بىر قىسىملار بولسا، كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزگە، كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى تىل ئىشلىتىش، ئوبراز يارىتىش ئۇسۇللىرىغا، شېئىرىي شەكىل، قائىدىلەرگە يانداشتى.

    بۇ ياشلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەزىلىرى تېخى مەخسۇس شېئىرلار توپلاملىرىنى چىقىرىشقا، رايۇنىمىزدىكى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىشكە، ئەدەبىيات ساھەسىدىكلەرنى دىققىتىنى قوزغاپ، بەزى مۇھاكىمىلەرگە، قىزغىن باھالارغا ئېرىشىشكە ئۈلگۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايىمنىسا سۇلايمان، مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نېھال، روزى سوپى ئۇچتېكىن، مەھمۇد ھىيىت مەھىدى، مۇھەممەتئىلى ئىلياس ئەلپىدا، ئەراپات ئابدۇرۇسۇل، توختى مامۇت ئىزچى، ئابلەت زەپەرى، سەيدۇللا فىردەۋىسى، مۇتەللىپ ئوبۇل كۈلچۈر، سەنەۋەر ئابدۇراھمان، ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، مېھرىبان نىياز چوغلۇق، ئىبراھىم مامۇت، مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ، ھەزرەتئىلى ئەلى، ئەخەت مامۇت، زۆھرە تۇرسۇن، ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن، مۇھەممەد مەسئۇد ھەبىبى، ئۆمەر مەھمۇد، ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم قاتارلىق ياشلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋەكىللىك بىر قانچىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتىمەن.



    [1] «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى» - خەنزۇچە «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيۇشتۇرغان ‹يېڭى تەپەككۈر، يېڭىچە ئىپادىلەش، چىن بولۇش› دېگەن پىرىنسىپ ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان يېزىقچىلىق مۇسابىقە پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە يازغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان. كېيىنچە «بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى»، «چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى»، «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «فۇدەن ئۇنۋېرىسىتېتى»، «خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنكەي ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى» قاتارلىق يەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپمۇ بىرلىشىپ، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئالدىنقى بولغانلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يېزىقچىلىق پائالىيىتىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچەيگەن. خەن خەن (韩寒)، گوجىڭمىڭ(郭敬明)، جاڭ يۆرەن(张悦然) قاتارلىق «80-يىلىلىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ داڭلىق ۋەكىللىرى دەل مەزكۇر پائالىيەتتىن باشلاپ تونۇلغان.

    [2]  بۇغدا ئابدۇللا : «شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2000-يىل نەشىرى

    分享到: