ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-11

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى -2 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى -2

    -       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

    ئايىمنىسا سۇلايمان – ئەدەبىياتىمىزغا چاقماقتەك كىرىپ كىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيەت تالانتى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە مەلۇم دەرىجىدە ئىتىراپقا ئېرىشكەن بۇ قىز 1982-يىلى 6-ئايدا كىرىيەدە تۇغۇلغان. 2000-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «سۈرگۈن قىلما ھىجران چۆلىگە» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا نەچچە يۈز پارچە  شېئىر، نەسىرلەرنى، بىر قانچە پارچە ھېكايە، ئوبزۇر ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.  2005-يىلى «شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟» ناملىق شېئىرلىرى بىلەن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان. 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئوت پەسلى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرىيەت ۋە نەسىرچىلىكتىكى ئىجادىيەت مۇۋاپپەقىيىتى بۇ ياشلار ئارىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك.

     

    ئايىمنىسانىڭ ئىجادىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، كېينچە باشقا ژانىرلاردىكى ئىجادىيەتكىمۇ تەرەققى قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق ئۇتۇقى شېئىرىيەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن بىز ئۇنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقايمىز.

    بىرنچىدىن، ئۇ ئىجادىيەتتە تېما تاللاشتا بىر قەدەر كەڭرەك نەزەرگە ئىگە ياشلارنىڭ بىرى. بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ زور بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنىڭ ياشلىقتىكى قىزغىن مۇھەببەتكە بېغىشلانغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. لېكىن ئۇ يەنە ئىجادىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىگىمۇ دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، شېئىرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ھەسرىتىنى سۆزلەيدىغان يىغلاڭغۇ مىسرالارغا بېرىۋەتمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي دۇنياسىدىن ھالقىپ، ئىنسانىي ھايات، مىللىي كىملىك، ئانا يۇرت، ئانا تىل، قىزلىق پەزىلەت، ئاياللىق بۇرچ، ئائىلە، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ياتلىشىش، ئاتا – ئانا مۇھەببىتى، يېراقتا قېلىۋاتقان يېزا – سەھرا دېگەندەك تېمىلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، بۇ تېمىلار ئۈستىدىمۇ قەلەم تەۋرەتتى. ئۇنىڭ بۇ تېمىلاردىكى «كىملىكىمگە ئىزاھات»، «ئانا دېسەم تەۋرىنەر دۇنيا»، «ئاياللار، ئۆزۈڭلارغا قايتىڭلار»، «يىگىت قېنى؟»، «قۇم سايسى»، «تەكلىماكان ئۇزۇن رىۋايەت»، «چىمەن دوپپامدا باھار تىنىقى» قاتارلىق شېئىرلىرىدىن بىر قىزنىڭ كۆزىدىكى، پىنھان قەلبىدىكى دۇنيا، ئىنساني مۇناسىۋەت، كىشلىك قەدىر قىممەت، ئائىلە ئۈستىدىكى ئويلىنىش، بىشارەتلەرنى ھېس قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس.

    ئىككىنچىدىن، ئايىمنىسا شېئىرىيەتتە گۇڭگا شېئىرىيەت بىلەن ئاممىباب شېئىرىيەتنىڭ تەسىرى تەڭ قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى مۇۋاپىق رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە تەدبىقلىيالىغان ياشلارنىڭ بىرى. بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا قارىساق، يېڭىچە شېئىرىيەتتىن قوبۇل قىلغان شېئىرىي پىكىردىكى غۇۋالىق ئىچىدىكى ئىستېتىك قاتلام، شەكىلدىكى ئەركىنلىك بىلەن ئاممىباب شېئىرىيەتتىن قوبۇل قىلغان يەڭگىل، رېتىملىق بولۇشنى ئۆزىنىڭ قىزلارغا خاس كۆزىتىش كۈچىگە، سۈزۈك تۇيغۇلىرىغا ۋە ئىزلىنىشچان، دادىللىقىغا مۇۋاپىق بېرلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ياكى بەك زىيادە گۇڭگىلىق قوغلىشىپ، شېئىرىي پىكىرنى بوغۇپ قويۇشنى، ياكى زىيادە بەك ئاممىبابلىق قوغلىشىپ شېئىردىكى ئىستېتىك قاتلامنىڭ ئاجىزلىشىشى، سۇسلىشىشىنى ھېس قىلمايمىز.

    ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن پەقەت قىزلارغىلا خاس بولغان بىر خىل سۈزۈك تۇيغۇ، كۈچلۈك ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق سۈزۈك تۇيغۇنى، كۈچلۈك ھېسسىياتنى ئەلۋەتتە باشقا ياش شائىرەلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىنمۇ ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بېراق، ئۇنىڭ شېئىرلىردا ئىزچىل ياشاپ كېلىۋاتقان بىر قىز بار. ئۇنىڭ قەلبىدىن تەكلىماكاننىڭ خىلۋەتلىكى ئايان بولىدۇ، ئۇنىڭ خۇلقىدىن ھامان پاكىز تەبىئەتلىك، نازۇك يېزا قىزلىرىنىڭ خاراكتېرىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇ دائىم بىر خىل ئۆزگىچە كۆز بىلەن دۇنيانى كۆزىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ قەلبىنى كۆرمەكچى بولىدۇ. ئۇ دائىم كۆيۈپ تۇرىدۇ، لېكىن بۇ كۆيۈكنى مەڭگۈ پىنھان تۇتۇشقا قەسەم قىلغاندەك كۆزلىرىنى باشقا بىر ياققا ئىلىپ قاچىدۇ. بىز مۇشۇنداق سۈزۈك بىر تۇيغۇ ئىچىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئۆزگىچە بىر قاتلامنى، ئۆزىگە خاس بولغان بىر شېئىرىي ئوبرازنى كۆرۈپ يېتىمىز.

    مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال – 1980-يىلى قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان. ئۇ ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «مۇھەببەت دەرياسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2004-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، جەمئىيەتتە خىلى ياخشى تەسىر قوزغىغان.

    ئۇ شېئىرىيەتتە شېئىرىي تىلدا ئويناق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇش، ھېسسىياتتا تەبئىي، چىن بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.  مىسال ئۈچۈن ئۇنىڭ «سۆيەلمىگەن قىزغا بەخىت تىلەش» ناملىق شېئىرىغا قاراپ باقايلى :

    ئاچچىق مېنىڭ، تاتلىق سېنىڭ بولسىكەن،

    ئازاب مېنىڭ شاتلىق سېنىڭ بولسىكەن.

    تەڭرى ئەگەر تىلىكىمگە يەتكۈزسە،

    كېسەل مېنىڭ، ساقلىق سېنىڭ بولسىكەن.

    نەس باسقاندا ئىككىمىزدىن بىرىنى،

    قارا مېنىڭ، ئاقلىق سېنىڭ بولسىكەن.

    رىسقىم ئۈچۈن ئۇرۇق چاچسام باھاردا،

    سامان مېنىڭ ئاشلىق سېنىڭ بولسىكەن.

    ئەجەل كەلسە ئىككىمىزدىن بىرىگە،

    ئۆلۈم مېنىڭ ياشلىق سېنىڭ بولسىكەن.  («قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، 2001-4)

    بۇ شېئىرغا قارايدىغان بولساق، شائىر بۇ شېئىرىدا باشقا شائىرلارغا ئوخشاش مەجازىي ۋاستىلەرگە تويۇنغان، كىشى ئەقلىگە سىغمايدىغان خىيالىي تەسۋىرلەرنى، ساماۋىي ئوبرازلارنى ئىشلەتمەستىن، بەلكى ئاددى شېئىرىي تىل، بىۋاستە بايانلار ئارقىلىق، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن بىر ئاشىقنىڭ بىر خىل تەبىئىي، چىن بولغان ئۈمىد، ئىزھارلىرىنى بىر خىل كۈچلۈك رىتىمدارلىق، ئاھاڭدارلىق ئىچىدە بايان قىلىدۇ. بىزگە بۇ شېئىر خۇددى بىر مۇھەببەت ناخشىسىدەك يېقىملىق ۋە تەسىرلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. خۇددى يۇقارىقى شېئىرغا ئوخشاش ئۇنىڭ زور كۆپچىلىك شېئىرلىرى شېئىرىي تىلىنىڭ يىنىك، ئويناق ۋە كۈچلۈك رېتىمدارلىقى، شېئىرىي پىكىرنىڭ ئوچۇق، بىۋاستىلىكى، ھېسسىياتنىڭ تەبىئىي، چىنلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇ بۇ خىل خاسلىقى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدىكى خېلى زور بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ شېئىرىيەتتە پىكىرنىڭ غۇۋا، قاتلام ھاسىل قىلغان بولىشىغا يۈزلەنگەنلىكىدەك ئومۇمىيلىقتىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. ئۇ ئىزچىل ئىجادىيەتتە مۇشۇ خىل ئۆزگىچىلىكنى ساقلاشقا تىرىشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى بىرلا ئوقۇش بىلەن بۇ شېئىرنىڭ مۇئەللىپىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھالنى ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.

    ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ بۇ خىل شېئىرىيەت ئۇسلۇبىدىكى ئارتۇقچىلىقنى كۆرۈش بىلەن بىرگە كەمچىللىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ شېئىرىي تىلى ئاددى، بىۋاستە، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ۋە رېتىمدارلىققا ئىگە بولۇپ، ھېسسىياتتا تەبىئىي چىن تۇيغۇ بەرسىمۇ، بېراق شېئرىي پىكىردىكى زىيادە يالىڭاچلىق شېئىردىكى مەنا قاتلىمىنى زور دەرىجىدە تارايتىۋەتكەن بولۇپ، شېئىر بىر خىل ئاددىي بولۇپ قالغان. شېئىردىكى ئوقۇرمەنگە قالدۇرۇلغان بوشلۇق ئوقۇرمەننىڭ بۇ شېئىر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىغا تازا دېگەندەك تۈرىتكە بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، غۇۋالىقمۇ سەنئەتنىڭ بىر خىل ئىستېتىك قاتلام پەيدا قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنى شېئىردىن زىيادە چەتلەشتۈرۈش بىر ھېسابتا شېئىرنى شېئىرلىق خۇسۇسىيىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ. بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن بىر خىل گۈزەل، ئاددى سەترىلەرنى ئوقۇپ ھاياجانلانساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن شېئىرىيىتىمىزگە تىمسال بولغۇدەك شېئىرىي ئوبرازلارنى، چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى كەمدىن – كەم ۋە ئىنتايىن ئاددى يوسۇندا ئۇچرىتىمىز.

    روزى سوپى ئۇچتېكىن - 1983-يىل 4-ئايدا ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 2000-يىلى ئىجادىيەتكە كىرىپ كەلگەندىن تارتىپ، ھازىرغا قەدەر «كىروران»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»، «يېڭى قاشتېشى»، «كۈسەن مەدەنىيىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر، ئوبزۇر ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىغان. «سۇمرۇغ»، «بەرقى» قاتارلىق مەخسۇس ئەدەبىيات تور بىكەتلىرىدە «كىرىيەنىڭ كىرپىكى»، «سۇنىڭ سايىسى» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلىپ، قىزغىن باھالارغا مۇيەسسەر بولغان. «تارىمدىكى ئاي» ناملىق ھېكايىسى 2009-يىلى «تۇرپان» ژورنىلىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئىلتىس لوڭقىسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى پائالىيىتى»دە بىرىنچىلىككە ئىرىشكەن. «سۇنىڭ سايىسى»، «تارىمدىكى ئاي» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا ئەسىرى تاللانغان. ئۇ يېقىندا «ئېچىنمىغىن ئاي» ناملىق رومانىنى نەشىرگە تاپشۇردى.

    روزى سوپى ئۇچتېكىن ئىجادىيەتتە شېئىر، ھېكايە، نەسىر، ئوبزۇر قاتارلىق ھەر قايسى ژانىرلاردا قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۇتۇقى ئاساسلىق شېئىرىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ «كىرىيەنىڭ كىرپىكى»، «مەشۇقسىز مەكتۇپ»، «چەكسىز تام»، «ئۇخلاپ قالغان ئۆرۈك»، «كۈسەننىڭ كۆزى» قاتارلىق شېئىرلىرى تىلىنىڭ يىنىك، ئاھاڭدارلىقى، شېئىردىكى ئوبراز، ئىماگلارنىڭ يېقىملىق، تۇيغۇغا تويۇنغانلىقى، تەبىئەتكە ئالاھىدە يېقىنلىقى، شېئىرىي پىكىر قاتلىمىنىڭ چوڭقۇر ۋە سۈزۈكلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى نامايەن قىلغان. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ «كىرىيەنىڭ كىرپىكى» ناملىق شېئىرىغا قاراپ باقايلى :

    يېشىل – يېشىل دەرەخلەر

    كېرىيەنىڭ يېشىل كىرپىكى.

    توپ – توپ بۇلۇپ تۈكۈلەر

    بىر كىملەر ئۇنى سېغنغانمىكى؟

     

    كونىلار شۇنداق دەيدىغان:

    كىمنىڭ كىرپىكى تۈكۈلگەن بولسا

    سېغىنغان بۇلىدۇ ئۇنى بىراۋلار:

    ئاتا – ئانا،دوست – بۇرادەر،يار...

     

    كېرىيە

    قېنى سېنىڭ بوستان چاچلىرىڭ

    سويلاپ يۈرگەن يولنىڭ بويىدا؟

    كەستى سېنى قايسى ئەقىلسىز

    ھۆسىن تۈزەش ئويىدا؟...

     

    ئاھ...!

    قاتناشقاندەك ماتەمگە گويا

    يىغلاپ سالدىم ھالىڭغا قاراپ

    بىر دوستۇمنىڭ تويىدا.

    ئېھتىمال،ئەي ئەزىز كېرىيە

    سېغىنغاندۇ سېنى قۇم،تۇپان،بوران.

    سېغىنغاندۇ كىرپىكلىرىڭنى

    ئاخىرلىشش ئالدىدا زامان...

    («كىرىيەنىڭ كىرپىكى» ناملىق شېئىردىن)

    بۇ شېئىرغا قارايدىغان بولساق، شائىر كۈچلۈك رېئالىستىك روھ بىلەن ئۆزى تەۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى يەنى بەزى نالايىق بۇزغۇنچىلىقلار تۈپەيلى بۇزىلىۋاتقان تەبىئەت ئىكولوگىيەسىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن خەلق ئارىسىدىكى «كىرپىكنىڭ چۈشىشى بىراۋنىڭ سىغىنچىدىن»، «توپان بالاسى»، «ئاخىر زامان»غا ئوخشىغان ئەپسانىۋىي چۈشەنچىلەرگە باغلاپ، ئانا يۇرتقا زىننەت بولىۋاتقان دەل – دەرەخلەرنى ئۇنىڭ كىرپىكىگە، ئۇنىڭ كېسىلىشىنى كىرپىكنىڭ چۈشىشىگە تەققاسلاپ، ئالاھىدە بىر تىراگىدىك مۇھىت يارىتىپ، شېئىرنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. شېئىرىي تىلىنىڭ يىنىكلىكى، ئىماگلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىك، شېئىردىكى كۈچلۈك ھېسسىياتقا تويۇنغان ئالاھىدە كەيپىيات بىزگە ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

    مەھمۇد مەھىدى – 1983-يىلى قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان.  ئۇ 2003-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئاسمان» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. يېقىندا ئۇنىڭ «دىلبەرنىڭ دەرەخلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. ئۇ يەنە «سۇمرۇغ»، «بەرقى»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» قاتارلىق تور ئەدەبىياتى مۇنبەرلىرىدە قىزغىن ئىجادىيەتلىرى بىلەن ياخشى باھالارغا سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ «دىلبەرنىڭ دەرەخلىرى»، «سۆيگۈ دەرىخى»، «يۈرەكتىكى دەرەخلەر» قاتارلىق شېئىرلىرى تۇيغۇدىكى سۈزۈكلۈك، تىلدىكى يېڭىلىق، شېئىرىي پىكىردىكى قاتلاملىقلىقى، شېئىردىكى ئىماگلىرىنىڭ يېڭى، ئۆزگىچىلىكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ «سۆيگۈ دەرىخى» ناملىق شېئىرىغا قاراپ باقايلى :

    بىر دەرەخ سۆزلەيدۇ رىۋايىتىنى،

    كاككۇكتەك سايرايمىز ئۇنىڭ شېخىدا.

    قاراڭغۇ جايلارغا كەتتى يېلتىزى،

    قىپقىزىل خەتلەر بار يوپۇرمىقىدا.

     

    دەرەختىن تامچىغان باھارغا قاراپ،

    تۆتقۇلاق شەكلىدە سۈرىمىز خىيال.

    يۈرەكنى ئاستىلا بۆلەيدۇ چۈشكە،

    كېپىنەك تېنىگە ئۇرۇلغان شامال.

     

    سانسىز گۈل ئېچىلغان ئاشۇ پەيىتتە،

    بىر تال گۈل ئېچىلدى ئىككى يۈرەكتە.

    ئۇ دەرخ سۆزلەيدۇ رىۋايىتىنى،

    نازۇك شاخ يۆلەندى تەلۋە بىلەككە.

    يۇقارقى شېئىرغا قارايدىغان بولساق، شائىر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن «سۆيگۈ» دېگەن ئۇقۇمغا قايتىدىن تەبىر بېرىپ چىققان بولۇپ، شائىر ھاياتتا كىشى زوقىنى تارتىپ تۇرىدىغان بۇ دەرەخنى يۈرەكتىن ئىبارەت كاككۇك قۇشىنىڭ سايرايدىغان شېخىغا تەمسىل قىلغان. بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىدا سانسىز خەتلەر بولۇپ، ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئوقۇيدىغان بۇ خەت ياشلىقتىكى قىزغىن ئاتەش كەبى تۇيغۇلارنىڭ ۋە ياكى ھىجراندا قانىغان يۈرەكنىڭ رەڭگىدىن رەڭلەنگەن. بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى خىلۋەت قەلىبلەرگە قەدەر يىلتىز تارتقان بولۇپ، بۇ دەرەختىن ۋىسالنىڭ پەيتى بولغان باھار باشلىنىدۇ. بۇ دەرەخ ئەتراپىدا ئادەملەر بەختنىڭ تىمسالى بولغان تۆتقۇلاق شەكلىدە خىيال سۈرىدۇ. بۇ يەردە سانسىز گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ، بۇ گۈللەرنىڭ ھەر بىرى پەقەت بىر جۈپ يۈرەكتە ئېچىلىدۇ. ئىنسان قەلبىگە رىۋايەت سۆزلەپ تۇرغان بۇ دەرەخ ئاستىدا دىلبەرنىڭ سەرۋى بويى ئاشىق يىگىتكە يۆلىنىپ ئاشۇ تۈگىمەس رىۋايەتكە قۇلاق سالىدۇ. مانا بۇ شېئىرنىڭ ئاددى مەنا يەشمىسى بولۇپ، شائىر بۇ گۈزەل شېئىرىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا، پەقەت ئۆزىگە خاس بولغان ئىماگلارغا مۇراجەت قىلغان. شېئىردىكى «دەرەخ، رىۋايەت، كاككۇك، قاراڭغۇ جاي، قىپقىزىل خەت، يوپۇرماق، باھار، تۆتقۇلاق شەكلىدىكى خىيال، چۈش، كېپىنەك، شامال، گۈل، نازۇك شاخ» قاتارلىق ھەر بىر مىسراغا سىڭدۈرىۋىتىلگەن بىر – بىرىدىن يېڭى ئىماگلار شېئىرنىڭ مەنا قاتلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇرمەننى ھەر بىر سۆز، ھەر بىر مىسرا، ھەر بىر كۇپلىت ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئىماگلار ئوقۇرمەن قەلبىدە گۈزەل بىر مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرگەندەك ۋە بۇ رەسىمنىڭ كەينىدە بىر گۈزەل ھەقىقەت سۆزلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. شېئىردىكى تىلنىڭ بۇ خىل يېڭىلىقىدىن باشقا يەنە كۈچلۈك شېئىرىي كەيپىيات، سۈزۈك تۇيغۇ ئوقۇرمەنگە ھاياجان بېغىشلايدۇ. مەھمۇد مەھىدىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە شېئىرلىرى بىزگە ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار»دىن پارلاۋاتقان ئۈمىدنى بىشارەتلەپ تۇرۇپتۇ.

    分享到: