ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-11

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى -3 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى -3

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

    سەنەۋەر ئابدۇراھمان - 1981-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى «ئىلى كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلغان «ئاپتۇبۇستا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 200 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. 2008-يىلى 3-ئايدا، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ياستۇقۇم يېنىدا بىر تال ئەتىرگۈل» ناملىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

    ئۇ شېئىرىيەتتە ئاممىباب شېئىرىيەتنىڭ تەسىرىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئويناق، يەڭگىل تىل، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىق، بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان شېئىرىي پىكىرلىرى بىلەن خاراكتېرلەنگەن شېئىرلىرى ئارقىلىق بىر قىزلىق قەلىبنىڭ ئىچكى خاتىرىسىنى، بىر قىزنىڭ كۆزىدىكى دۇنيانى، ئۇنىڭ ياشلىق دەملىرىدىكى قىزغىن، نازۇك مۇھەببىتىنى ئىپادە قىلغان. ئۇنىڭ «ئىپقاچقۇدەك يۈرىكىڭ بارمۇ؟»، «دېرىزەم ئالدىدا بىر كۈن»، «تۇنجى قار ئەسلىمىسى»، «بىر قىز» قاتارلىق شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىپادە قىلىپ تۇرۇپتۇ.

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل –  1986-يىلى 12-ئايدا چاپچال ناھيىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 2010-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى كەسپىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن چاپچال ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق5-سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئارمانلىرىم» سەرلەۋھىلىك شېئىرى بىلەن رەسمىي باشلانغان. ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا  50پارچىدىن ئارتۇق شېئىر-غەزەللىرى ۋە قانۇنغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان. بىر قىسىم مۇۋەششەھلىرى 2-دەرىجىلىك «باغداش» تور مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.«يۈرىكىم بىر ئىتتتۇر كەتكەن ئىجىرقاپ»،«ناۋاي قىز» قاتارلىق شېئىرلىرى «سۇنىڭ سايىسى» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا تاللانغان.

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە ئىزچىل كىلاسسىك شېئىرىيەتكە ياندىشىشنى سىناق قىلغان بولۇپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» قاتارىدا بىر قەدەر ئىزچىللىقنى ساقلىغان غەزەلخاندۇر. ئۇنىڭ كىلاسسىك شېئىرىيەتكە ياندىشىشى قانداقتۇر شەكىل جەھەتتىنلا ياندىشىش بولماستىن، بەلكى ئۆز ئىجادىيىتىدە كىلاسسىك شېئىرىيەتتىكى غەزەل ژانىرىنى ئىزچىل سىناق قىلىپ، شېئىرىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا كىلاسسىك شېئىرىيەتتىكى شېئىرىي ئىماگلاردىن  ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. قېنى بىز ئۇنىڭ تۆۋەندىكى غەزىلىگە قاراپ باقايلى :

    بىر جېنىم مىڭ جانكى جانان ئىشقىدا،

    جاندىكى مەستانە – ئارمان ئىشقىدا.

    دىل ئېكىن، دەردىم يىغىندۇر، تەر تۆكۈپ،

    لەۋلىرىم تامشىيدۇ خامان ئىشقىدا.

    خەيرىچى بولدۇمكى قىسمەت بوغدى گال،

    تەلمۈرۈپ كۆزلەرگە ئىھسان ئىشقىدا.

    گۈلنى مەن كۆڭلۈمگە سۇلتان ئەيلىسەم،

    گۈل نادان ئالجىپتۇ ئازغان ئىشقىدا.

    نەيلەيىن، ئىتتەك قاۋايمەن ئەل ئارا،

    يۈردى دەپ يارىمنى شەيتان ئىشقىدا.

    بەلكى مەن قارۇنغا قالدىم قۇل بولۇپ،

    تاقىتىم تاق بولدى رەھمان ئىشقىدا.

    سەن ياشا رەسۋالىقىڭنى شان بىلىپ،

    مەن كېتەي باقىيغا ھىجران ئىشقىدا.

                    «غەزەللەر»(«ئىلى دەرياسى»ژورنىلى، 2008-يىللىق 5-سان)

    يۇقارقى غەزەلگە قارايدىغان بولساق، ياش شائىرنىڭ مىسرالىرىدىكى ۋەزىن، قاپىيە، تۇراقلىرىنىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق، شېئىردا ئىشلەتكەن «گۈل، ئازغان، جانان، ئىشىق، رەھمان ...» دېگەندەك ئىماگلىرىدا كىلاسسىك شېئىرىيەتكە ياندىشىش بىلەن بىرگە «دىل ئېكىن، دەردىم يىغىنىدۇر»، «گۈل نادان ئالجىپتۇ ئازغان ئىشقىدا» دېگەندەك مىسرالىرىدا بۇ كىلاسسىك ئىماگلارغا يىپ – يېڭى شېئىرىي مەنا ئاتا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىي، ئىزلىنىش كۈچىنى نامايەن قىلغان.

    يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىز بۇ ياشلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىسىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىسى ئۇنچە بەك مول، ئۇنچە بەك سەۋىيەلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن شېئىرىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە بولغان ئۈمىدنى، بىر خىل يېڭىلىقنى بايقايمىز. ھازىرغا قەدەر بۇ ياشلاردىن بەزىلىرىنىڭ مەتبۇئات، تورلاردا مىڭ پارچىغا يېقىن شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ ياخشى باھالارغا سازاۋەر بولىشى، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»دەك نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبلىرىدىن بىرى بولۇپ باھالىنىشى، يەنە «ئوت پەسلى»، «مۇھەببەت دەرياسى»، «ياستۇقۇم يېنىدا بىر تال ئەتىرگۈل» دېگەنگە ئوخشاش شېئىر توپلاملىرىنىڭ  نەشىر قىلدۇرىشى، مەخسۇس ئەدەبىيات تور بىكەتلىرىنى، بلوگلارنى بەس – بەستە قول سېلىپ ئىشلەپ تور ئەدەبىياتىنى تەشكىللەش، يېتەكلەشتىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ياش بوغۇنلارغا بولغان ئۈمىد شولىسىنىڭ ھەممىدىن بەكرەك شېئىرىيەت سەھنىسىدىن پارلاۋاتقانلىقىنى بىشارەتلەپ تۇرۇپتۇ.

    «80-يىللىقلار» قەلىمىدىكى پىروزا ئىجادىيىتى ـ پىروزا ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەتتىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئىجادىيەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ۋە مۇئەييەن سان ۋە ساپادىكى نەتىجىلەر كۆرۈلگەن ئىجادىيەت سىپى بولدى. بىر تۈركۈم خېلى بالدۇرلا قولىغا قەلەم ئالغان ياشلار دەسلەپتە شېئىرىيەتتە قەلىمىنى مەلۇم دەرىجىدە پۇشۇرغاندىن كېيىن، دادىللىق بىلەن پىروزا ئىجادىيەت سېپىگە كېرىپ كەلدى. پىروزىچىلىقتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ ۋەكىللىرىدىن پاتىگۈل ئىمىن، توختى مامۇت ئىزچى، ئابلەت زەپەرى، ئابدۇجىلىل جاپپار ھىجران، روزى سوپى ئۇچتېكىن، ئاينۇر دولقۇن، گۈلبوستان ئۆمەر قاتارلىق ياشلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    بۇلارنىڭ ئارىسىدا پاتىگۈل ئېمىن، ئابلەت زەپەرى، توختى مامۇم ئىزچى، ئابدۇجىلىل جاپپار ھىجران قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيتى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

    ئابلەت زەپەرى –شېئىرىيەت ۋە پىروزدا تەڭ ئىلگىرلەۋاتقان بۇ ياش 1987-يىلى غۇلجىنىڭ توققۇز تارا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىجادىيەت سېپىگە 2004–يىلى «تەشنالىق» ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغىللىنىپ، مەتبۇئاتلاردا «سۇنىڭ لەۋلىرى»، «دەريا بويىدىكى ناخشا»، «شاماللارنىڭ ناخشىسى جىمجىت» قاتارلىق 100 پارچىدىن شېئىرلارنى، «سېپىل»، «ئىمكانسىز بوشلۇق» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «ئۆكۈنۈش» ناملىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. تور ئەدەبىياتىغىمۇ ئىشتىراك قىلىپ 2005-يىلىدىن بۇيان «سۇمرۇغ»، «ئىزدەن»، «گۈلىستان»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» قاتارلىق تور بەتلەردە 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىپ، ياخشى باھالارغا سازاۋەر بولۇپ، تور ئەدەبىياتى ۋە مەتبۇئاتلاردا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇ «80-يىللىقلار» ئىچىدە ھەم شېئىرىيەتتە، ھەم پىروزىدا ئۇتۇق قازانغان ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ بىرى.

    ئۇنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى 2006-يىلى يازغان «سىپىل» ناملىق ھېكايىسىدىن باشلانغان بولۇپ، پىروزا ئىجادىيىتىدە ھازىرغا قەدەر «ئىمكانسىز بوشلۇق»، «رىقابەتچى»، «كېچىكىش» قاتارلىق ھېكايە، «ئۆكۈنۈش» ناملىق پوۋېستلارنى يېزىپ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى گەرچە سان جەھەتتە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن سەۋىيە جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» ئارىسىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.

    ئۇنىڭ پىروزا ئەسەرلىرىدە ئاساسلىقى ياشلىقتىكى قىزغىن مۇھەببەت كۈيلەنگەن بولۇپ، ھاياتتىكى بۇ ئالاھىدە پەسىلنىڭ سىرلىق تۇيغۇلىرى بەدئىي يوسۇندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار خېلى مۇكەممەل يارىتىلغان بولۇپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىتلەر، مۇھەببەت كۈيلىرىدىن قەلىب دۇنياسى لەرزىگە كەلگەن قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىك، قىزغىن، لىرىكا كەبى ھاياتى ئىچىدىكى كەچمىشلىرى، پىنھان تۇيغۇلىرى مۇۋاپپەقىيەتلىك سۈرەتلەپ بېرىلىپ، دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ھاياتى بەدئىي چىنلىققا تويۇنغان ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن. بايان ئالاھىدە راۋان بولۇپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تويۇنغان. ئوقۇرمەن بۇ خىل ھېسسىياتقا تويۇنغان بايانلارنى ئوقۇش جەريانىدا ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئاشۇ ياشلارنىڭ قەلىب دۇنياسى بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئەسەردىكى ئوبرازلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. باياندىكى راۋان، چوڭقۇر ھېسىياتتىن باشقا يەنە غۇلجىغىلا خاس بولغان ھازىر جاۋاب، خۇش چاخچاق يەرلىك كەيپىياتمۇ ئۇنىڭ پىروزا ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراپ باقايلى :

    « - داۋۇت، ھەي داۋۇت!

    - ھە! مانا، مانا ... – ئايىغىمنى قوڭالتاقلا سېپىپ دەرۋازىغا قاراپ يۈگۈردۈم. مېنىڭ ئالدىراۋاتقىنىمنى كۆرگەن قاراچەمەك(ئىتىمنى شۇنداق ئاتايتىم) تېخىمۇ ئەدىگىلى تۇردى. دەرۋازىنى شۇنداق ئېچىشىمغا ئاغزىدىن گەپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان سابىر چاخچاق قىلدى :

    - يامغۇردا قالغان كېسەكتەك ئېزىلىپ يېتىۋېرەمسەن ھوي! قارىغىنە، ئاۋۇ چەمىكىڭ جېنىدا سەندىن بۇرۇن تۇرۇپ ناخشا ئېيىتقىلى تۇرۇپتۇ.

    - ھە، قۇشناچىمنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ، ئىت پوقى يېمەستە ھەيدىۋەتكىنىگەقارىغاندا، - خىرىلداپ كۈلگىنىچە سالامغا ئۇزاتقان قولۇمنى قاماللىدى، - ھە، ئۆيگە كىرىلى قېنى! ـ ھويلىدىلا توختاپ قالغان سابىرغا ئۆي تەرەپنى ئىشارەت قىلدىم.

    - خوتۇن يوق ئۆيۈڭدىن بوران چىقىپ كەتكەندۇ تايىنلىق، كىرىپ ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتمەي يەنە، ياخشىسى مۇشۇ يەردىلا توقامنى يېشىۋىتىپ كېتەي.»[1] («ئۆكۈنۈش» پوۋېسىتدىن، «تارىم»، 2009-، 8-سان)

    يۇقارقى دىئالوگلاردىن چىقىپ تۇرغان غۇلجىغا خاس بولغان خۇش چاخچاقلىق، ھازىر جاۋابلىقتەك يەرلىك پۇراق كىشىگە دەرھاللا غۇلجىنى ئەسلىتىدۇ. ئەسەردىكى گۈزەل، يارقىن تەبىئەت تەسۋىرلىرى خۇددى شېئىرغا ئوخشاش يېقىملىق بولۇپ، كىشىگە ئانا تەبىئەتنىڭ، جۈمىلىدىن يۇرتىمىزنىڭ سىرلىق، رەڭدار ئېتىكى خۇددى سۈرەتتەك ئايان بولىدۇ.

    ئومۇمەن، ئابلەت زەپەرى پىروزا ئىجادىيىتىدە، باياننىڭ راۋان، چوڭقۇر ھېسسىياتلىق، يەرلىك تۈسكە ئىگە قىلىنغانلىقى، تەسۋىرلەرنىڭ گۈزەل، يارقىنلىقى، ئوبرازلىرىنىڭ چىن، جانلىقلىقى، ۋەقەلىكلەرنىڭ بەدئىي چىنلىققا تويۇنغان، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» ئارىسىدا پىروزا ئىجادىيىتىدا بىر قەدەر ئۇتۇق قازانغان، ئۈمىدلىك ئاپتۇرلارنىڭ بىرى.

    پاتىگۈل ئىمىن – ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» سىپىدە تۇنجى رومانىنى نەشىر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بۇ قىز 1983-يىلى كىرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر ياشلار تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن «سەنسىز» ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر ئالاھىدە يېڭىلىق بولۇپ قالدى.

    «سەنسىز» رومانى 2009-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن – سىن نەشرىياتى ۋە گۈزەل سەنئەت نەشرىياتىنىڭ بىرلىشىپ نەشىر قىلىشى بىلەن بازارغا سېلىنغان بولۇپ، روماندا تىرىشچان، ئەقىللىق، ۋاپادار، جاپادىن قورقمايدىغان، ئىرادىلىك ياش ئادىلنىڭ قىسمەتلىك ھاياتى، مۇھەببەت ھېكايىسى، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، يېراقتىكى پايتەخىت بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گۆھەرنىڭ قىزلارغا خاس خاراكتېرى، بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى ۋەقەلىك قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردە چىن مۇھەببەت، ۋاپادارلىق، ئەخلاق – پەزىلەت، تىرىشچانلىق، قەيسەرلىك، سەمىمىيلىك ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئەسەردىكى باش پىرسۇناژلار بولغان ئادىل بىلەن گۆھەرنىڭ ئوبرازلىرى ئەسەردە بىر قەدەر مۇۋاپپەقىيەتلىك يورۇتۇلغان بولۇپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى بولالايدۇ. ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرمۇ خېلى جايىدا بولۇپ، ئوقۇرمەنگە چىن تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما رومان ئاپتۇرنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولغاچقا ئەلۋەتتە سەۋەنلىكلەردىن خالىيمۇ ئەمەس. روماندىكى بەزى تەپسىلاتلارنىڭ چىنلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ قالغان. بايانمۇ تازا ھېسسىياتقا تويۇنمىغان بولۇپ، بەزى جايلاردا ئوقۇرمەننى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ رومان ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» قەلىمىدىكى تۇنجى يىرىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە بۇ ياشلارنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى، يۈزلىنىشىنى ئىپادىلەپ بېرىش بىلەن قىممەتلىكتۇر.

    توختى مامۇت ئىزچى – 1980-يىلى 12-ئايدا يەكەندە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى بىر قەدەر بالدۇر باشلانغان بولۇپ، تۇنجى ئەسىرى 1999-يىلى «يەكەن گېزىتى» ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن بۇيان ئىزچىل شېئىر، ھېكايە، ئوبزۇر قاتارلىق ئەدەبىي ژانىرلاردا ئىجادىيەت قىلىپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، ئۈچ پارچە ئوبزۇر ئېلان قىلىپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» قاتارىدا ئالاھىدە مول ھوسۇللۇق ئاپتۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ «80يىللىقلار» قاتارىدا بىر قەدەر بالدۇر پىروزا ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، 2000-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «چېغىر يول» ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، «سەھرالىقلار»، «سۈزۈلگەن كېچە»، «يىلانغا ئايلانغان ئادەم» قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە رېئاللىقىمىزغا بەكرەك تەنقىدىي نەزەر سېلىپ، جەمئىيىتىمىزدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پۇلپەزلىك، ساختىلىق، خوشامەتچىلىك، مەنپەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە ئوخشىغان ناچار خاھىشلارنى پاش قىلىپ، قولدىن بېرىپ قويىۋاتقان ئېسىل ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە، پەزىلەتلىرىمىزگە مەدھىيە ئوقۇلغان بولۇپ، ئۆتكۈر تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئاڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

    ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران – 1985-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. 1999-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلدا ئېلان قىلغان بالىلار ھېكايىسى «مايمۇن لەقەملىك بالا» ناملىق ھېكايسى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ھەر قايسى مەتبۇئاتلادا «ئاپا، سىز بۇزۇق ئەمەس»، «كۈلرەڭ دۇنيا»، «ئوغلۇمنىڭ كۈندىلىك خاتېرىسى»، «ھىجران»، «سەبىي قىزنىڭ چۈشى»، «مۇھەببەت يامغۇرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «يېتىلگەن ئوغۇل، نادان ئاتا» ناملىق راسىت ئىشلار خاتېرىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئىزچىل پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان ئۈمىدلىك ياش قەلەمكەشلەرنىڭ بىرى.

    ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە تەرەپلىرى تەسۋىرلىنىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىقتىسادى تۆۋەن، تۇرمۇشى جاپالىق ئائىلىلەردە ھاياتنىڭ ھەر بىر كوچىسىدىن مۇھتاجلىق ئىلكىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يېتىم، ئاجىز بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، نىكاھتا مەغلۇپ بولغان ئائىلىنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كەلگەن تىراگىدىيەسى، شۇنداق ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ غەم – قايغۇسى، خۇشاللىقى، ئۇلاردىكى ناچار ئادەت، يامان يۈزلىنىشلەر ۋە ئاشۇ يامانلىق كەينىدە پارلاپ تۇرغان بالىلارچە سەبىي، پاكىز قەلىب ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ئوبرازلاردا بىر خىل تىراگىدىك تۈس قويۇق بولۇپ، «سەبىي قىزنىڭ چۈشى»دىكى ئاپئاق قىز، «ھىجران» دىكى سۇبات، «ئاپا، سىز بۇزۇق ئەمەس» دىكى ئىقبال، «كۈلرەڭ دۇنيا»دىكى راشىدىن قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق تىراگىدىيە بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن بولۇپ،  ئوقۇرمەن ئەسەردىكى بۇ ناتەۋان بالىلارغا ناھايىتى ھېسىداشلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاپتۇر بۇ بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە نىكاھقا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشنى، ئائىلىسىگە، شۇ ئائىلىلەردىكى گۇناھسىز، ياخشى تەربىيەلىنىشكە ھەقلىق، سەبىي بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئوبراز، ئۆزگىچە مۇھىت، ئۆزگىچە تېما بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ھىجران»، «سەبىي قىزنىڭ چۈشى» ناملىق ھېكايىلىرىنى ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەر دەپ كۆرسىتىش مۇمكىن.



    [1]  ئابلەت زەپەرى : «ئۆكۈنۈش» پوۋېسىتى، «تارىم»، 2009-، 8-سان، 52-بەت

    分享到: