ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-11

    ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى - 4 - [رەشىد ماقالىلىرى]

     ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى - 4

    -       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

     

    «80-يىللىقلار» قەلىمىدىكى نەسىر ئىجادىيىتى - «80يىللىقلار» قەلىمىدە نەسىر ئىجادىيىتىدىمۇ ئاز – تولا نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ياشلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى، ياشلىقتىكى قىزغىن مۇھەببەتنى، ھاياتنىڭ سۇئاللىرى ئۈستىدىكى ئىزتىراپ، ئويلىنىشلىرىنى لىرىك ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بۇ ژانىردىكى ئىجادىيەتچىلەر شېئىرىيەت ۋە پىروزىغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئاز بولدى. بۇلارنىڭ ئارىسدا مەتبۇئاتلاردا ئايىمنىسا سۇلايمان، نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن، ئابلەت مۇھەممەت كۈيزار قاتارلىقلار بولسا، تور ئەدەبىياتىدا پەرىدە ياقۇپ(پەرى)، ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن(رەشىد)، ئاينۇر دولقۇن قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن..

    ئايىمنىسا سۇلايمان – ئۇنىڭ نەسىر ئىجادىيىتى 2003-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان 50 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ئېلان قىلىپ، نەسىر ئىجادىيىتىدىمۇ «80يىللىقلار» ئارىسىدا نىسبەتەن ئۈزۈپ چىققان قەلەمكەشكە ئايلاندى. ئۇنىڭ «بۇلاقتىكى خىيال»، «قىسمەت توزاندىلىرى»، «ئوت كەتكەن گۇگۇم» قاتارلىق نەسىرلىرىدە بىر خىل سۈزۈك، تەبىئەتكە يېقىن، مېھىر – مۇھەببەتكە تويۇنغان ئاياللىق قەلىبنى ئىپادىلەپ، بىر ئايالنىڭ، بىر نازۇك تەبىئەتلىك قىزنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، جەمئىيەت ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرىنى، ئۆزگىچە تۇيغۇلىرىنى، سەمىمىي، پاكىز، قىزغىن ئەمما نازاكەتلىك مۇھەببىتنى ئىزھار قىلدى. بۇ نەسىرلەرنىڭ تىلى ئاجايىپ ھېسسىياتلىق، پىكىرلىرى شېئىرىي تۇيغۇغا تويۇنغان، قۇرۇلمىسى يىنىك بولۇپ، ئوقۇرمەن قەلبىنى بىر خىل كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ. دۇنيانى بىر ئايالنى، بىر قىزنىڭ كۆزىدە كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە ھاياتنى ئۆزگىچە نەزىرى بىلەن كۆزىتىپ، ئۆزگىچە چۈشىنىپ، ئۇنى ھەمىشە مۇھەببەتكە ئوراپ ياشاۋاتقان نازۇك قەلىب ئىگىلىرىنى چۈشىنىشنى، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا، ئۇلارنىڭ ھېس – تۇيغۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇلارنىڭ پاكىز نىيەتلىرىنى قەدىرلەشنى مۇھەببەت بىلەن سۆزلەيدۇ. بىز بۇ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تويۇنغان لىرىكىلىق باياندىن يەنە ھايات ھەقىقەتلىرىنى، ھېكمەتلەرنىڭ يارقىن جۇلاسىنى، ياشاشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى كۆرۈپ يېتىمىز.

    نەسىر ئىجادىيىتىدە مەلۇم سەۋىيە ياراتقانلارنىڭ يەنە بىرى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن بولدى.

    نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن 1980-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئىجادىيەتتىكى گەۋدىلىك نەتىجىسى نەسىرچىلىكتە ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «داستىخان»، «ئەقىدە ئىھتىراملىرى» قاتارلىق نەسىرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ «ئەقىدە ئىھتىراملىرى» ناملىق نەسىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇ نەسىرىدە، دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر يېگىتنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، جەمئىيەت، ئىتىقاد، ئەرلىك مەجبۇرىيەت ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرى، ھايات تەلقىنلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر دەۋىر ياشلىرىغا تەققاسلاپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىگىتلىك مەجبۇرىيەت، ئاتىلىق مەجبۇرىيەت، ئائىلە، ئىتىقاد توغرىسىدىكى چوڭقۇر پىكىرلىك مۇلاھىزىلىرى ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ. بۇ نەسىر «80يىللىقلار» قەلىمىدىكى نەسىرچىلىكنىڭ نەمۇنىسى بولۇشقا مۇناسىپ.  

    «80-يىللىقلار» قەلىمىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ـ ئەدەبىياتىمىزدا «80-يىللىقلار» شېئىر، پىروزا، نەسىرگە ئوخشىغان يۇقارقى ژانىرلاردا ئىجادىيەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر قەدەر ئاجىز دەپ قارالغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىككىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشتى. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىسى، ئوقۇرمەنلىك تۇيغۇلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللانغان بولسا يەنە بەزىلەر مۇئەييەن نەزىرىيە ئاساسىغا ئىگە، پاكىت دەلىللىك ھالدا ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە، ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە باھا بەردى ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز روزى سوپى ئۇچتېكىن، نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن، ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن.

    روزى سوپى ئۇچتېكىن – ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئىجادىيىتى بىر قەدەر كېيىن باشلانغان بولۇپ، گەرچە سان جەھەتتە بەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئەسەرلەرگە بەرگەن باھالىرىدىكى دادىللىقى، بەدئىيلىك يېقىدىن كۆزىتىش كۈچىنىڭ خېلى يۇقىرىلىقى بىلەن دىققىتىمىزگە تاشلىنىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدىكى «80-يىللىقلار» ئىچىدە ئۇ بىر قەدەر ئىزچىلراق قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ «‹چۈمبەلدىكى كۆز›ئىچىدىكى كۆز»، «غەم نۇرى، غىرىپلىق تورى»، «شېئىرغا ئايلىنىش»، «مۇھەببەتنى مۇنداقمۇ يازغۇلۇق» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوبزۇر ماقالىلىرىدىكى ئېستېتىك قاراش، ئوقۇرمەنلىك تەلقىنلىرى، دادىل باھا كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوبزۇرچىلىقىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىرى ئۇ دائىم ئەسەرلەرنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىسىگە باغلاپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىشدىن چىقىپ تۇرۇپ ئەسەرلەرگە باھا بېرىدۇ. بۇ خىل ئوقۇرمەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ باھا بېرىش ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكى ئىزچىللىققا ئايلانغان. يەنە بىرى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى تىل ئالاھىدىلىكى بولۇپ، تىلىنىڭ راۋان ۋە رېتىملىقلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ تىلى بىر قەدەر راۋان، چۈشىنىشلىك، دەل بولۇپ، قىسمەن رېتىمدارلىققا، شېئىرىي تۈسكە ئىگە. تىلدىكى رېتىمدارلىق ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن بولۇپ، شېئىرىيەتتىكى رېتىملىق، ئاھاڭدار شېئىرىي تىل ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىگە قەدەر سىڭىپ كىرگەن. مىسال ئۈچۈن «قىز – ئاياللارنىڭ ئۆزى بىر شېئىر، كۆزى بىر شېئىر، سۆزى يەنە بىر شېئىر. ....»[1] دېگەن جۈملىگە قاراپ باقىدىغان بولساق بۇنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. ئۇنىڭ ئوبزۇر ماقالىلىرىدە بۇنداق قاپىيەلىك، رېتىملىق جۈملىلىلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەتتا «‹چۈمبەلدىكى كۆز›ئىچىدىكى سۆز»، «غەم نۇرى غىرىپلىق تورى» دېگەندەك بەزى ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇسىمۇ بىر خىل ئىچكى رېتىمغا ئىگە قىلىنغان. ئومۇمەن، روزى سوپى ئۇچتېكىن «80-يىللىقلار» ئارىسىدا ھەم شېئىر، ھەم ھېكايە، ھەم ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىۋاتقان ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ بىرى.

    نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن - 1980-يىلى تۇغۇلغان. 2007-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپى ماگىستىرلىقىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتىنى ئوبيېكىت قىلغان بولۇپ،  ئۇنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر «قېنى بىزنىڭ كۆزىمىز»، «بىز سەنئەتتىن نېمە ئىزدەيمىز» قاتارلىق ئوبزور ماقالىلىلىرىنى، «ئىجتىمائىي تەرتىپ ئەندىزىسى ۋە كوللىكتىپ چىقىپ كېتىش»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئويغىنىش تېمىسى» قاتارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماقاللىرىنى، «ئەركەكلەر كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ» قاتارلىق ئىجتىمائىيەت ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يۇقارقىدەك بىر قاتار نەتىجىلىرى بىلەن جەمئىيەتتىمۇ مۇئەييەن ئىتىراپقا ۋە تەسىرگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى «80يىللىقلار» ئارىسىدا نەتىجىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك، ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ بىرى.

    ئۇ «80-يىللىقلار» ئارىسىدا بىر قەدەر يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە بولۇپ، نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە خېلى ئۇتۇق قازانغان. ئۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە تەتقىقاتتا پىكىرنىڭ ئىلمىي، دەللىكى، مەسلىلەرنى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى، نەزىرىيەۋىيلىككە تويۇنغانلىقى، تىلىنىڭ ئۆتكۈر، قاراتمىلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرگەن. 

    ئومۇمەن، يېغىنچاقلىغاندا،

    ئومۇمەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»دىن ھەم پەرىقلىق، ھەم ئوخشاشلىققا ئىگە، مەتبۇئاتلىرىمىزدا ۋە ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا بىر تۈركۈم سەۋىيەلىك ئەسەرلىرى بىلەن بارغانسېرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىتىراپىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان، ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئاساسىي ئاپتۇرلار قوشۇنى بولغان بىر ئالاھىدە ئىجادىيەت توپى بولۇپ، سۆزۈمنىڭ تۈگەللىمىسىدە مەن مەزكۇر ياشلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ماقالىدىكى بىر نەچچە ياش شائىرلار ھەققىدىكى ئاخىرىقى بىر جۈملە سۆزنى بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم: «ئەلۋەتتە بىزنىڭ پىشقەدەم ئەدىبلىرىمىز ياش شائىرلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆز باھاسىنى تېپىشقا خىزمەت قىلىدىغانلا بولسا، شۇنىڭدەك بۇ ياشلارنىڭ ئۆز باللىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مىللەت شېئىرىيىتىنىڭ كېلەچىكىنى خىيال قىلىدىغان بولسا، ۋە كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سېلىۋالمىسىلا، ياش شائىرلارنىڭ كۆڭۈل تارىخىنىڭ خاتىرىسى بولغان شېئىرلىرى چوقۇم شۆھرەت تاپىدۇ»[2]. ئەدەبىياتىمىزدىكى «80يىللىقلار» ئەدەبىيات سېپىمىزدىكى «يېڭى قان» بولۇپ، ئۇلار گەرچە يېتىلىش باسقۇچىدا بولسىمۇ، لېكىن مەتبۇئاتلىرىمىز ۋە تور ئەدەبىياتىدا ئىزچىل تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى چىقىش يولىنى ئىزدەشتى. بۇ جەرياندا ئۇلار شېئىر، پىروزا، نەسىر، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئەدەبىي خاتىرە، دېگەندەك كۆپ خىل ژانىرلاردا ئۆزىنى ئىپادىلەشتە سىناق ئېلىپ بېرىشتى. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نەتىجىسى شېئىرىيەتتە كۆرۈلدى. بۇ ئالاھىدە ئىجادىيەت توپىدىن بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشىنى، قولغا كەلتۈرگۈسى نەتىجىلىرىنى قىياس قىلالايمىز ۋە شۇنداق ئېسىل ئۇتۇقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمىز. ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھەر قايسى قاتلاملارنى ئۇلارنى توغرا چۈشىنىشكە، قوللاشقا، كەم تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يېتەكلەشكە دەۋەت قىلىمز.

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار :

    1. ئازات سۇلتان : «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشىرى.

    2. خې جوڭمىڭ :«جۇڭگو ئوبرازى - 20-ئەسىر ئاخىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىسىكىنى تەكشۈرۈش»، مەركىزى تەرجىمە - تەييارلاش نەشرىياتى، 2002-يىل 1-نەشىرى

    3. مەسئۇد مەرۇپ :«تېرەن پىكىرلىك ياش شائىرلار»، «ئىلى دەرياسى» ژورنىلى 2010-يىللىق 6-سان

    4. چىن شياۋبو :«تور مۇھىتىدىكى 80يىللىقلار»، «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان

    5. ۋېي شۈيخۇا :«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى، ياش ۋە كۈلكىلەر بىلەن باسقان ئون يىل»، «كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە» ژورنىلى، 2008-يىللىق 9-سان

    6. جىياڭ بىڭ :«‹80يىللىقلار ئەدەبىياتى›نىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى»، «ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدچىلىكى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان

    7. ياسىن ئىلى :«ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى»، 2007-يىللىق 3-سان

     

     

    ئاپتۇر : ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن(阿不都热西提·麦麦提)

    ئادىرىسى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىرانتى

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئاپتۇرنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار» قەلىمىدىكى شېئىرىيەت» ناملىق ماگىستېرلىق تەتقىقات تېمىسىنىڭ بىر پاراگرافى بولۇپ، «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


    [1]  روزى سوپى ئۇچتېكىن : «شېئىرغا ئايلىنىش»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، 2006-يىللىق، 5-سان

    [2]  مەسئۇد مەرۇپ :«تېرەن پىكىرلىك ياش شائىرلار»، «ئىلى دەرياسى» ژورنىلى 2010-يىللىق 6-سان، 44-بەت

    分享到: