ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-15

    كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن،

    شۇنچىلىك بىمەززە قاراش ئۆزگىگە.

    خىيالىم بېغىدا تامچە شەبنەم مەن،

    سەن خۇشبۇي گۈلۈمنىڭ يارقىن بەرگىدە.

     

    ھايالىق كۆزلىرىڭ ئىسىل لېرىكا،

    ناتەۋان روھىمغا سايە تاشلىغان.

    ھاياتىم كۆكىدە نۇرلۇق ھىلالسەن،

    ئەڭ ئىزگۈ تۇيغۇغا مېنى باشلىغان.

     

    بەتلىرىم سېنىڭسىز گويا ھېچنېمە،

    سەن بىلەن ئەڭ لېرىك ئىلھام بۇلىقىم.

    گۈللەردە سېنىڭسىز پۇراق نە قىلسۇن،

    بار ئىپار سېنىڭدە گۈلدەك ئومىقىم.

     

    تىنىقىم سەن بىلەن مەنا تاپماقتا،

    كاشكى، بۇ رىئاللىق بولسىدى ئەجەپ.

    ئۆزۈمدىن باشقىسى كۆرمەس قەلبىمدە،

    گۈل سۇنۇپ بەختىمنى قىلىمەن تەلەپ.

     

    分享到: