ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-02

    كېچەمگە كەلمەيسەن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    كېچەمگە كەلمەيسەن

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    مەن بىلىمەن سەن ئەمدى كېچەمگە كەلمەيسەن ئاي !!!

    مېنى بۇ قارا كېچىلەر باغرىدا قارىغا ئايلانسۇن دېگەنسەنمۇ ھە ؟... ئايسىز قارا كېچىلەرنى ياقتۇرمايتىمغۇ مەن ؟؟؟

    مەن ۋە مېنىڭ قارا كۆزلىرىم بۇ قاراكېچىلەرگە بەكمۇ تونۇش. خۇددى ئۇزۇن يىللىق كونا تونۇشلاردەك ياكى بەڭگىنىڭ قولىدىكى ئاچچىق موخۇركىسىدەك. شۇنداق ئۇ بەك رەھىمسىز. ئۇنىڭ باغرىدا ھىجران مېۋىلىرى مەي باغلاپ كەتكەن، ھىجران تىكەنلىرى ئاينىپ يۈرەكنى  قان - قان قىلىپ قىزىلغا بويىغان ... ھەئە، بۇ تىكەنلەرنىڭ قارا سايىسىدىن يۈرەكتىكى گۈلۈمنى بەرگىللرى تىترەپ - تىترەپ تۆكۈلمەكتە...

    دېرىزەمدىن سىرىتقا قارىدىم. تۆۋەندە بىر تۈپ دەرەخ قوللىرىنى ئەلەم بىلەن سىلكىپ ۋارقىراۋاتتى. قارىغاندا ھەممىنى ئىمكانسىزلىق، ھەممىنى ۋەھىمە قاپلىغاندەك قىلىدۇ.

     

    *                   *                    *                     *                    *

     

    كېچىنىڭ ئازابى قاپقارا بولىدۇ. كېچىنىڭ كۈلكىسى ھەم قاپقارا. ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى قاپقارا. ئۇنىڭ قىيامى ھەم قاپقارا. يۇلتۇزلار ئۇنىڭ باغرىدىكى سانسىز يارىلار ۋە بەلكىم ئۇنىڭ ئازابىنى سۆزلەۋاتقان سانسىز كۆز. ئاي بەلكىم ئۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ چوڭ يارا.

    ئاققان يۇلتۇز - ئاققان ئازاپ. ئەنە كېچە باغرىدىكى يارىلار شەلۋەرەپ ئېقىپ كېچىنىڭ ئازابىنى سۆزلىمەكتە. ئەمما مېنىڭ كۆزلىرىمچۇ ؟...

     

    *                   *                    *                     *                    *

     

    كېچىنىڭ قاپقارا سوغۇق كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇرماقتا. مەن تۇيۇقسىز ئۇ كۆزنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكىنىمنى ھېس قىلماقتىمەن . شۇڭا بۇ دەم ھەممە ئازابىمنى ئۇنىڭ ئازابىغا قوشىۋەتتىم ۋە ھەممە، ھەممە ئازاپنى ئۆزۈم تەنھا يۈدمەك بولدۇم.  قەدەملىرىم كېچە ئۈستىدە. ئايسىز قارا كېچىلەر قولۇمدىن يىتىلەپ كىتىپ بارماقتا. قەيەرگە بارارمەن ھە ؟...

     

    *                   *                    *                     *                    *

     

    كېچە توڭلاپ كەتتى. ئۇنىڭ باغرى قارا ئۇيقۇغا چىلاشقان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەختىنىڭ قارىلىقىغا ئىچىندى دە ئىسىيان بىلەن ئاداققى تىنىقلىرىغا ئوت ياقتى. بۇ ئوت تەپتىدىن مەڭزى قېزىرىپ يۈزىگە ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈلكە - قۇياش ئورناپ قالدى. بەلكىم ئۇنىڭ بۇ كۈلكىلىرى ھامان چۇل - چۇل بولار. ئەمما كېچىدە ھامان كۈلكىگە ئىشتىياق، كۈلكىگە جۈرئەت بار ئىدى. ئەسەبىي كېچە ئۆزىدىن چىقىپ ئۆزىگە ئۇزاپ كەتتى ...

    خەيىر قارا يول بولسۇن كېچىلەر (چۈنكى كېچىدە بولۇپمۇ ئايسىز كېچىدە ئاق يول بولمايدۇ.) . كۆزلىرىڭ ئامان بولسۇن.

     

     

    分享到: