ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-07

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]

     

    تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىسلامنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ بۇددىزىم ۋە ياكى باشقا دىنلاردىكى «زاھىد»لىق قاراشلىرىغا ئوخشىمايتى. ئىسىلامىيەتتىن ئاۋۋال ئىسلام تەسەۋۋۇپىغا ئوخشىغان پانتىزىملىق قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تەسەۋۋۇپ پەيدا بولىشىدىنلا ئىسلام تەۋھىد ئەقىدىلىرىنى ۋە ئىسلام كالامى «قۇرئان»نى مەنبە قىلغان ئىدى.[1] ئۇنىڭ ئىددىيىۋى ئاساسلىرى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە «قۇرئان»دىكى بىر قىسىم ئايەتلەر ئىدى. تەسەۋۋۇپنىڭ ھەر قايسى باسقۇچىدىكى مۇتەسسەۋۇپلار «قۇرئان» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سۈننەتلىرىدىن ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇپ پائالىيەتلىرىگە ۋە ئىددىيەسىگە مۇناسىپ ئىددىيىۋىي ئاساسلارنى تېپىپ چىققان.

    تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئىسلامنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىددىيىۋىي ئاساستىن باشقا يەنە مۇئەييەن ئىجتىمائىي دەۋىر ئارقا كۆرۈنىشى بولۇپ، ئىسلام دىنى مەيدانغا كىلىپ كۆپ ئۆتمەي ئەينى دەۋىر ئىسلام ھاكىمىيىتى بولغان ئۇمەۋىيلەر دەۋرى (661-750)دىكى ئەرەب ئىسلام خەلپىلىكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا باش كۆتۈرگەن كەيىپ – ساپا، ئەيىش – ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىشتەك ئىسلامغا يات، ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك، چىرىكلىك، دىنغا مۇخالىپ ھالەتلەر، شۇنداقلا، ئابباسىيلار(750-1258)نىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان سىياسىي قىرغىنچىلىقى ئاساسىي قاتلام كىشىلىرىدە جەمئىيەتتىن نارازىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ خىل كەيپىياتنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى بىلەن بىر قىسىم دىنىي ئىتىقادى كۈچلۈك، ئىتىقادنىڭ ساپلىقىنى قوغلىشىدىغان كىشىلەردە چىرىكلىك قاپلىغان جەمئىيەتتىن ئۆزىنى تارتىپ تەركىيدۇنيا – زاھىدلىققا يۈزلىنىش مەيدانغا كەلدى. بۇ تەسەۋۋۇپنى دەسلەپكى ئىجتىمائىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، تەسەۋۋۇپ دەسلەپكى بۇ خىل پاسسىپ قارشىلىقتىن كۆرە، ھەقكە ھەققىي يۈزلىنىش، ھەقىقىي ئىلاھى ئىشىق ئەھلى بولۇپ، ئىشىق ئىچىدە ھۆسنى مۇتلەقنى تونۇش، مەنىۋىي يۈكسىلىش ئىچىدە ھەقكە قوشۇلۇپ فەنا بولۇش، ۋە شۇ ئارقىلىق ئىشراق(نۇرلىنىش، پارلاش)قا يېتىش، ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد(بارلىقنىڭ بىرلىكى)نى تونۇپ، ۋەدەتۇل شۇھۇد(بارلىقنىڭ بىرلىكىگە شاھىد بولۇش) پەللىسىگە يېتىشتىن ئىبارەت قەدەممۇ – قەدەم چوڭقۇرلاشقان تەسەۋۋۇپ قاراشلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئۆزگىچە پەلسەپىسى بولغان تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

    تەتقىقاتچىلار تەسەۋۋۇپنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغان ۋاقتىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئومۇملىشىشى بىلەن بىردەك دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا ئىسلاملىشىش باشلانغان دەۋىرلەردە تەسەۋۋۇپ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ 200 يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ، مۇئەييەن چوڭقۇرلۇققا ئىگە پەلسەپە سىستېىمىسىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.[2]

    «قۇتادغۇبىلىك» داستانىغا قارايدىغان بولساق، مۇتەپەككۇر شائىر بىر پۈتۈن داستاندا ئادالەتلىك قانۇن سىمۋولىدىكى كۈنتۇغدى «ئىلىك»، بەخت – سائادەت سىمۋولىدىكى «ۋەزىر» ئايتولدى، ئەقىل – پاراسەت، ئىلىم سىمۋولىدىكى «ۋەزىر» ئۆگدۈلمىش، سەۋىر – قانائەت سىمۋولىدىكى «زاھىد» ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ سىمۋوللۇق ئوبرازغا باغلاپ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەش، ئەلنى تىنچ – مۇقىم قىلىش، مەيلى خاقان مەيلى بەگلەر، ۋە مەيلى پۇقرا بولسۇن، ھەممىسى جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، دۆلەتتە «تىنىمسىز كۆچۈپ تۇرغۇچى» بەختنى قارار تاپقان قىلىش ئۈچۈن، ئىلىم ئارقىلىق ئۆزى ۋە باشقىلار جۈملىدىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش قاتارلىق يۈكسەك غايىنى ئوتتۇرىغا قويغان. داستاندا جەمئىي توققۇز پېرسوناژ بار بولۇپ، يۇقارىقى تۆت پېرسوناژ ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىۋى غايىسىنى ئاساسلىق يورۇتۇپ بېرىدىغان پېرسوناژلار بولسا، كوسەمىش، قۇمارۇ قاتارلىق قالغان بەش پېرسوناژ ئۈستىدىكى تۆت چوڭ ئوبرازنى يورۇتۇشتا سىيۇژىتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تولۇقلاش، ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

    زاھىد ئودغۇرمىش ئوبرازى داستاندىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئوبراز بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مۇھىتىغا خاس بولغان سوفىستىك ئىسلام ئەقىدىسى يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئەسەردە ئەھلى تەسەۋۋۇپنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.[3]

    ئەسەردە ئودغۇرمىش تەركىيدۇنياچىلىقنى، دۇئاگۇيلۇقنى تاللىۋالغان زاھىد بولۇپ، ئۇنى ئەسەردىكى ۋەزىر ئۆگدۈلمىش ئۆزىدىنمۇ نەچچە يۈز ھەسسە ئۈستۈن قويۇپ ئالەملەرنىڭ سەرخىلى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا پادىشاھقا ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ. پادىشاھمۇ ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم خەت يېزىپ ئوردىغا تەكلىپ ئىتىدۇ. ئۆگدۈلمىشمۇ ئىككى قېتىم ئودغۇرمىشنى تاغقا بېرىپ تەكلىپ قىلىپ، خەلق خىزمىتىگە بېرىشقا قايىل قىلماق بولىدۇ. لېكىن زاھىد ئودغۇرمىش بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. ئۆگدۈلمىشمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىلىرىدا تەرىقەتكە يۈزلىنىشتەك خاھىشنى ئىپادىلەيدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئودغۇرمىش يەنە ئۆگدۈلمىشنى توسۇپ ئەلنى رازى قىلىپ خەلق خىزمىتىدە بولسا ئوخشاشلا خۇدامۇ رازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۆزىنى دۇنيا ئىشلىرىدىن تارتىپ ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولىشى بىلەن خەلق خىزمىتىنى قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىش ئارقىلىق ئۇئەللىپ ئۆزىنىڭ زاھىدلىق ھەققىدىكى ئىككى ياقلىمىلىق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەك ئەسەردە ئودغۇرمىشنىڭ ئوبرازى مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىك زىددىيەتلەر ئىچىدە شائىرنىڭ تەسەۋۇپ قارىشىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    ئەمدى گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دېيىلىۋاتقان زاھىدلىق قانداق پەيدا بولغان؟ ئۇنىڭ تۈپ تەشەببۇسلىرى نېمە؟ دېگەن سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كىلىدۇ.

    زاھىدلىق - تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغان زاھىدلىقنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى بولغان «زىكىر»(ياد ئەتمەك) بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بولۇپ، ئۇ «قۇرئان»دىكى تۆۋەندىكىدەك ئايەتلەر بىلەن كۈچلۈك ئىددىيىۋى تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە بولغان :

    «مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن»*(سۈرە بەقەرە 152-ئايەت)

    «پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت. كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيىت.»*(سۈرە ئال ئىمران 41-ئايەت)

    بۇلاردىن باشقا يەنە سۈرە نىسا 103-ئايەت، سۈرە ئەئراف 205-ئايەت، سۈرە مۇزەممىل 8-ئايەت، سۈرە ئەھزاب 41-ئايەت، سۈرە نەھىل 128-ئايەتلەردە ئاللانى زىكىر قىلىش، ياد ئېتىش توغرىلىق ئىنىق كۆرسەتمىلەرنى زاھىدلار دەلىل قىلىشقان ئىدى.[4] ئۇنىڭدىن باشقا، ماقالىمىزنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن تەسەۋۋۇپنىڭ جۈملىدىن زاھىدلىقنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى جەمئىيەت ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىي قىرغىنچىلىقىغا، ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلگەن ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكىگە، دىنغا مۇخالىپ ھەرىكەتلىرىگە بولغان نارازىلىقى زاھىدلىقنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئىجتىمائىي ئاساس بىلەنمۇ تەمىنلىگەن ئىدى.

    زاھىدلىقنىڭ تۈپ تەشەببۇسى – كىشىلەرنى ئەخلاقىي چىركىنلىكلەردىن قېچىپ، قەلبىنى پاك تۇتۇش، ئاددى – ساددىلىق، ئاز يېيىش، ئاز ئۇخلاش، مەئىشەتكە بېرىلمەسلىك، بۇنىڭ ئۈچۈن چىرىكلىك قاپلىغان دۇنيادىن قول ئۈزۈپ تەركىيدۇنيا بولۇپ، ھەر قاچان ئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىپ ئەبەدىيلىك راھەتتىن بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت.

    ئودغۇرمىش ئوبرازىدا ئىپادىلەنگەن زاھىدلىقنىڭ ئىپادىلىرىنى بىز تۆۋەندىكى بىيىتلاردىن كۆرىۋالالايمىز :

    4765. تونۇم قوي يۇڭى بەس، غىزا ئارپا ئاش،

    تولۇق بولدى دۇنيا ماڭا، ئەي قاياش.

    4767. نېسىۋەم تېپىپمەن جاھاندىن بۇنى،

    يېيىشكە كېپەكنى، تونغا قوي يۇڭى.

    4768. كېپەك كۆپ لەززەتلىك شىكەردىن ماڭا،

    بۇ ئاق تون باسار ئۇ يىپەك ئورنىنى.

    4769. قوساق تويغۇچەدۇر بۇ ئىچكۈ – يىمەك،

    تېرىق ياكى ئارپا تويارلىق دىمەك.

    4771. زەۋق – ساپا قوغلاشما، قاتتىقتۇر جازا،

    ساپانىڭ جاۋابى پاتقاقلىق تازا.

     بۇ بىيىتلاردىن بىز دۇنيادىن قول ئۈزگەن ئودغۇرمىشنىڭ زاھىد سوپىلارچە ئاددى – ساددا تۇرمۇشنى ئارزۇلاۋاتقان قىياپىتىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ :

    3337. جىمىكى قاياشتىن ئۇزۇن ئايرىلىپ،

    نىچۈن مۇنچە تۇردۇم بۇ يەرگە كېلىپ ؟

    3338. كى كۆردۈم بۇ يەردە دىنىم خوپلۇغى،

    بۇ يەردە كۆرۈندى ئۆزۈم خوپلۇغى.

    3339. شۇڭا كەلدىم ئەمدى بۇ يەرگە يۈرۈپ،

    قىلاي ھەقكە تائەت دەپ يالغۇز بولۇپ.

    3340. بۇ دۇنيا ئىشىگە چېتىلغان كىشى،

    قىلالماس تائەتلە ئۇ دۇنيا ئىشى.

    3341. پۈتۈن بۇ خەلققە ياپماستىن قوۋۇق،

    ياراتقان خۇداغا تائەت قىلماق يوق.

    3349. كى يالغۇز تۇرۇرسەن دېدىڭ ئەي قاياش،

    خۇدا يادى ھەمراھ، ماڭا بەس، ئاداش.

    4808. راستىن ھەق سۆيگۈسى كىرمىگى ئۈچۈن،

    چىقار دىلدىن جاھاننىڭ ئارزۇسى پۈتۈن.

     بۇ مىسرالاردا ھەممىدىن قول ئۈزگەن زاھىد ئۆزىنى بىر ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا خەلق ئارىسىدىن ھەم چىقىپ كىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇپتىكى زاھىدلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى «تەركىي دۇنياچىلىق»تىن ئىبارەت.

    ئەسەردە زاھىدلىقنىڭ تەركىيدۇنياچىلىقتىن كېيىنكى باسقۇچى بولغان ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى «نەپىس بىلەن كۆرەش قىلىش» ۋە نەپىستىن قۇتۇلۇپ ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ :

    3344. ھاۋا، نەپىس – بۇ، دىننىڭ بۈيۈك دۈشمىنى،

    تائەتتىن ئازدۇرار ئۇلار بەندىنى.

    3345. ھاۋاغا بېرىلسە، ئەر تۇتقۇن بولۇر،

    دېسەم تەن ئارزۇسىن، مېنى قۇل قىلۇر.

    3346. ھاۋاغا بېرىلمە، ئەقىل بىرلە كەس،

    تېنىڭ باش كۆتۈرسە، بىلىم بىرلە باس.

    3589. بۇ دۇنيا يېغىدۇر، ۋۇجۇد بىر يېغى،

    بۇ ئىككى يېغىنىڭ يېيىغلىق ئاغى.

    3590. ئۈچىنچى، شەيتاندۇر، ئوغۇرلايدۇ دىن،

    ئامان قىلسۇن خۇدا بۇلار زىيىنىدىن.

    3591. بۇلار ئىچىرە قاتتىق، يامانراق يېغى –

    ۋۇجۇد – نەپىس، چىقارۇر پىتنە ھەر چېغى.

     كۆڭۈلنىڭ سىرىنى ئاچارمەن ساڭا،

    تىلەك ئارزۇ بىرلە ئۇچارمەن ساڭا.

    قۇۋانچىم، سۆيۈنچىم، ئاۋۇنچىم ئىگەم،

    جىمدىن قول ئۈزدۈم قاچارمەن ساڭا.

    4806. كىشىدىن يېراق بولمۇغۇنچە قاياش،

    قىلىپ بولمىغاي ھەقكە تائەت ئاداش.

    4810. تىرىش، بەرمە نەپسنىڭ دېگەن نەرسەسىن،

    كىرەرسەن دۇرۇس يولغا شۇندىن كېيىن.

    4907. ئۈزۈپ ئەتمۈگۈنچە ھەۋەس بوينىنى،

    تاپالماس ۋۇجۇد ھەق – رۇسلۇق يولىنى.

    «نەپىس بىلەن كۈرەش قىلىش» - تەسەۋۋۇپ تەرەققىياتىدا باشتىن – ئاخىر مۇھىم بىر چۈشەنچە بولۇپ، نەپىسنى يوقاتماي تۇرۇپ ھەق يولىنى تاپقىلى، ھەق ئىشقىغە بېرىلگىلى بولمايدىغانلىقى تەسەۋۋۇپتىكى ئەڭ مۇھىم بىر قاراش بولۇپ كەلگەن.



    [1]  پانتېئىزىم – خۇدا ھەممە نەرسىدە دەيدىغان قاراش بولۇپ، تەبىئەت تەڭرى دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەسەۋۋۇپ بولسا ھەممە نەرسە تەڭرى ئەمەس، بەلكى ھەممە نەرسىدە ئاللاھنىڭ تەجەللىسى - شولىسى بار دەپ قارايدۇ.

    [2]  ئەڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇپ زاھىدلىرى بەسىرە ۋە كۇفەنى مەركەز قىلغان ھالدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان بولۇپ، بەسىرەدىكى سۈننىيلار ھەسەن ئەل بەسىرى (728-يىلى ۋاپات بولغان)، ئابدئەل – ۋاھىد بىننى زەيد (793-يىلى ۋاپات بولغان)لارنىڭ باشچىلىقىدا، كۇفەلىك شىئەلەر رەبئى بىننى ھايشام، جابىر بىننى ھەييان، كۈلەيىپ ئەل – شەيداۋى قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا بولغان.

    [3]  مۇھەممەد سالىھ:«‹قۇتادغۇبىلىك›دىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە ‹قۇتادغۇبىلىك›»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى، 365-بەت

    [4]  بۇ دەلىللەر توغرىسدا ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەتنىڭ «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001-يىل نەشرى، 19-بەتكە قارالسۇن.

     داۋامى بار

     

    分享到: