-
2011-03-07
...غا - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
...غا
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
بەك يېراق سەھەردە ئېچىلغان گۈلسەن،
ئېھ!، بۇندا ئەمدىلا ئويغاندى قۇياش.
جىگدىنىڭ چېچىكىدەك سۇس ۋە يېقىملىق،
سېنىڭدىن بەختىمنى قىلىمەن قىياس.
بەرگىڭدە توختىغان شەبنەم بەختلىك،
مىڭ ئىستەك ئويغىنار كۆز نۇرلىرىڭدىن.
بىر مىسرا شېئىردە، بىر تۆتقۇلاقتەك،
تىگەرمۇ بىر ئورۇن ھايات قۇرۇڭدىن؟!
ھاياتنىڭ بۇ ئۇزۇن ناخشىلىرىنى،
ئېيىتقۇم يوق پەقەتلا يىگانە ئۆزۈم.
كاككۇكتەك شېرىن ئۈن قاتارسەنمۇ قىز؟...
سۆيگۈڭگە تەشنامەن، شۇدۇر چىن سۆزۈم.