ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-07

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]

     

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    قىسقىچە مەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتكە كىرىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلاملىشىشى، ئۇيغۇر ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى بولغان «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىدا ئەكىس ئەتكەن سوپىستىك قاراشلار ۋە بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە كەلگەندە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كۈچەيگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلاملىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ.

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىسلام مەدەنىيىتى، تەسەۋۋۇپ، قۇتادغۇبىلىك، ئەھمەد يەسەۋى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتكە كىرىش  ۋاقتى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ قاراشلارنىڭ ئىچىدە ئەقىلغە مۇۋاپىقراق كىلىدىغىنى يەنىلا، ئۇيغۇر قاتارلىق مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى مىلادى 674-يىلى ئەرەب ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ ماۋارەئۇننەھىرگە بېسىپ كىرىشىدىن باشلانغان دېگەندىن كۆرە، بۇ قىتىمقى ئىستىلاسىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ئۇمەۋۋىيە خەلىپىلىكى مىلادىيە 705-يىلى قۇتەيبەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىپ، تاكى بىر قانچە يىللىق كۆرەشلەردىن كېيىن 714-يىلى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ بۇ رايۇنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن باشلانغان دېگەندىن ئىبارەت.[1] مىلادىيە 713-يىلى قۇتەيبە ئوممەۋىيلەر خەلىپىلىكىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئىچىدىكى مۇسۇلمان دىن تارقاتقۇچىلاردىن بىر قىسمى قەشقەردە دىن تارقىتىش بىلەن شۇغىللىنىپ شۇ يەردە ۋاپات بولغان.[2]

    دېمەك، بۇ شىنجاڭدىكى ئىسلاملىشىشىنىڭ دەسلەپكى بىخى ئىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار «تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ۋە ئۈلگىسىنى تىكلىدى».[3] جەمئىيەت ۋە دىننىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، دىن بىر خىل جەمئىيەتنىڭ ئىچكى مۇۋازىنەتلىرىنى تەڭشەيدىغان، مۇئەييەن دىنىي تەرتىپ ۋە تەسىر كۈچى بىلەن ئىددىيە جەھەتتىن خەلقنى ئومۇمىي بىر نىشانغا يېتەكلەيدىغان، «جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر خىل مۇھىم ۋاستە»[4] بولۇپ، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا تارقىلىش داۋامىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋىملەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى مانى دىنى، نىستۇرىيان دىنى، بۇددىزىم قاتارلىق كۆپ خىل دىن تەسىرى ئاستىدىكى ئارلاشما مەدەنىيىتىگە ئۆزىنىڭ ئىسلامىي تامغىسىنى باستى. ئۇيغۇرلاردا بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇددىزىم ئەقىدىسىنى ئورنىنى بارا – بارا ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئىگەللىدى. مىلادىيە 915-يىلىغا كەلگەندە قاراخانىيلار خانلىقى(840-1212)نىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادىسى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ سامانىيلار شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ دەۋىتىدە يوشۇرۇن ئىسلامغا كىرىشى ۋە تاغىسى ئوغۇلچاقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋىملەرنىڭ ئىسلاملىشىشىنڭ بىرىنچى يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قالدى.[5]

     «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى ۋە كالامىزىم چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى – ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن».[6] ئۇيغۇرلارنى ۋەكىل قىلغان تۈركىي قەۋىملەر ئىسلامىيەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ۋە ئەرەب، پارس مەدەنىيىتىنىڭ يۇغرۇلمىسىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە ئىسلام مەدەنىيىتى ئەمدىلىكتە يەنە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋىملەرنىڭ  مەدەنىيەت خەزىنىسى بىلەن بېيىدى. شۇنداقلا، «يېڭى تۈرك ئىسلام ھاياتى ئاز ۋاقىت ئىچىدە يېڭى زاماننىڭ ئىددىيىسىگە ئۇيغۇن تۈرك ئىلمى ۋە ئەدەبىياتىنى ياراتقانىدى.»[7]

    ئۇيغۇر زېمىنلىرى ئارقىلىق ئەرەبلەردە ئومۇملاشقان جۇڭگۇنىڭ قەغەزچىلىك ۋە يىپەكچىلىك تېخنىكىسى، ئىبىن سىنا، فارابىلارنىڭ تەسىرىدە ئەرەب تىبابەتچىلىكى ۋە پەلسەپىسى، ماتېماتىكا ئىلمىدە چوڭقۇر رول ئوينىغان جۇڭگۇ ۋە گىرىك تىبابەتچىلىكى ئۇتۇقلىرى، پەلسەپە، ماتېماتىكا نەتىجىلىرى، يەنە فارابىنىڭ مۇزىكاشۇناسلىقى، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دەك ئىككى تىل، ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئىلمىي ئۇتۇقلار، كېيىنكى ئەرەب، پارس، تۈركىي مۇسۇلمان ھاكىمىيەت ئىلمى ۋە ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ يىگانە قىممىتى بىلەن نەزەرگە چۈشىدىغان «قۇتادغۇبىلىك» داستانى، ئىسلامىيەت تەسەۋۋۇپچىلىقىدا يېڭى پەللە ۋە ئۆزگىچىلىك ياراتقان ئەھمەد يەسەۋىي، كلاسسىك شېئىرىيەت پىشىۋاسى نەۋائىي، ئوتتۇرا ئەسىر ئاستىرونومى ئۇلۇغبىك قاتارلىقلار دەل مۇشۇ ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئالاھىدە نەتىجىلىرىدىندۇر. بىز بۇلاردىن يەنە ئىسلامىزىمنىڭ قەدەممۇ – قەدەم چوڭقۇرلىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز.

    مەيلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى دەسلەپكى گۈللىنىش بولغان قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بولسۇن، ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەئىدىيە خانلىقى، خوجىلار دەۋرىلىرىدە مەيدانغا كەلگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بولسۇن ئومۇمەن، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مەيدانغا كەلگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلىشتا ئۇنى مەيدانغا كەلگەن تارىخىي، دىنىي ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشىگە قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ شۇ ئەسەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە، شۇ دەۋىر ئىجتىمائىيىتى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا پايدىلىق. بۇ بىر قانچە ئەسىردە ئىسلام تەسەۋۋۇپ قاراشلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملىشىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن جەمئىيەت خاراكتېرىلىك ئۆزگىرىشلەر بىزنىڭ تەسەۋۋۇپنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. تەسەۋۋۇپنىڭ بۇ خىل تەرەققىياتى بىزگە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيەتىنىڭ بەدئىي تارىخى بولغان ئەدەبىياتىمىز ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

    قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت گۈللىنىشىنىڭ ئابىدە خاراكتېرىلىك نەمۇنىسى، بىر پۈتۈن 11-ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىنىسكىلوپىدىك قامۇسى سۈپىتىدىكى دىداكتىك ئەدەبىياتنىڭ گۈلتاجىسى بولغان «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ۋە شۇنىڭدىن سەل كېيىن تۈرك ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر ئېقىمىنى ۋە پەللىسىنى ياراتقان شائىر، مۇتەسەۋۇپ ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ناملىق ئەسەرلىرى بىزگە ئىسلامىزىمنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام پەلسەپە قاراشلىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.

    مۇتەپەككۈر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ(1019-1085) ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بۇ شاھانە ئەسىرىدە ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، قانۇن، ئەخلاق، پەلسەپە، دىن، مەدەنىيەت – مائارىپ قاتارلىق تەرەپلىرىنىڭ بەدئىي كارتىنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئىلىم سۆيەرلىك، خەلقچىللىق، ئىنسانپەرۋەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەخلاق ۋە دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان پەلسەپە ئىددىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ خىل كۆپ قىرلىق پەلسەپە ئىددىيىسىدە ئىسلام ئەقىدىسى جۈملىدىن ئىسلامىيەت تەسەۋۋۇپ پەلسەپە قاراشلىرىمۇ روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. بۇ توغرىدا ئۇستاز تەتقىقاتچى ھۆرمەتجان فىكرەت مۇنداق دەيدۇ : «ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يىرىك ئەسەر ‹قۇتادغۇبىلىك›تە تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى – زاھىدلىققا خاس ئىدىيىۋى پىكىرلەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان».[8]

    تەسەۋۋۇپ – ئاللاھقا بېرىلىپ قەلىبنى ماسىۋا (ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەر)دىن تازلاشنى مەنا قىلغان سوفىستىك قاراش بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ كىلىپ چىقىشىدا كۆپ خىل تالاش – تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز قاراش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بىرى، ئۇ ئەرەب تىلىدىكى «يۇڭ» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «سۇف» سۆزىدىن كىلىپ چىققان دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشنىڭ دەلىلى سوپىلار ئاساسەن يۇڭدىن قىلىنغان قوپال، كۆرۈمسىز تون كىيىپ يۈرەتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى «سۇفى»(يۇڭدىن تون كىيگەن كىشى دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتاشقان دېگەندىن ئىبارەت. يەنە بىر خىلى بولسا، گرېك تىلىدىكى «ئەقىل – پاراسەت، ھېكمەت» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان «sophos» ياكى «sophia» سۆزىدىن كىلىپ چىققان دېگەندىن ئىبارەت.[9]

    داۋامى بار

    [1]  بۇ توغرىدا زارىف دولات باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى تارىخىدىن ئوچىرىكلار»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى، 73-بەت؛ ئا.مۇھەممەدئىمىن:«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى 162-بەت؛ ھاجى نۇرھاجى، چىن گوگۇاڭ:«شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» 41-بەت؛ جۈنەيىد بەكرى:«قەشقەر ھىيىتگاھ جامەسىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى»، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 12-قىسىم، 83-يىل نەشرى قاتارلىق ماتېرىيالاردا مۇشۇ خىل قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

    [2]  ز.دولات باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى تارىخىدىن ئوچىرىكلار»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى  2002-يىل نەشرى، 73-بەت

    [3] ئا.مۇھەممەدئىمىن:«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى 162-بەت

    [4]  庄孔韶:《人类学通论》,山西教育出版社,2005年版,413

    [5]  سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قاچان ئىسلامغا كىرگەنلىكى ۋە ھاكىمىيەتنى قاچان قولغا ئالغانلىقى توغرىسىدا تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس بولۇپ، لىجىنشىن(‹شىنجاڭدە ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى›، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل نەشرى 17-بەت) 915-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان دېگەن قاراشنى؛ ئا. مۇھەممەدئىمىن(«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 97-يىل نەشرى، 112-بەت،) بىلەن خۇاتاۋ(«8-، 10-ئەسىرلەردىكى غەرىبىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات») گەردىزىنىڭ  927-، 932-يىللىرىدا دېگەن قارىشنى قوللايدۇ. ئا. مۇھەممەدئىمىن يەنە بىر كىتابى «ئۇيغۇرلادا ئىسلام مەدەنىيىتى»دە(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى، 164-بەتتە) 935-يىل ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

    [6]  ئا.مۇھەممەدئىمىن:«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى 162-بەت

    [7]  لۇئىس لىگېتى:«بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009-يىل نەشرى 143-بەت

    [8]  ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەت:«تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىل نەشرى 221-بەت

    [9]  ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەت:«تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001-يىل نەشرى، 1-بەت

     

    分享到: