ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-02

    ئىچىگە يېقىلىش - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ئىچىگە يېقىلىش

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ھالەتنى قانداق تەسۋىرلەش كېرەككىن؟ كېچىدەك قاپقارا ئۈمىدسىزلىك، كېچىدەك قاپقارا غەم، يەنە شۇ كېچىدەك قاپقارا خىياللار...

    ھەئە، بۇ ئىلگىرىكى قاپقارا كۆز، قاپقارا قاش، قاپقارا قاشلارنىڭ ئورنىغا ئالماشقان يېڭى خىيالىي بوشلۇق. بۇ بوشلۇقتا ئەمدى ئىلگىرىكىدەك تاڭ ئۇنچە مېھىرلىك ئەمەس (بەلكىم تاڭ ئاتمايۋاتقاندۇ، چۈنكى بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىدى)، شاماللار ئەمدى ئۇ قەدەر مەيىن، ئۇ قەدەر سەرخۇش ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسى ھالدا بوران چىقىپ ئۇنىڭ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ بارماقتا.راسىت، بۇ بوشلۇقتا ئەمدى مېھىرنىڭ ئورنىغا مېھىرسىزلىك، ئىللىق ھارارەتنىڭ ئورنىغا مۇز ئۇيۇپ كەتكەندەك سوغۇق باغرى تاشلىق ماكانلاشقان.

    شۇنداق، ئۇنى ئىچىگە يېقىلدى دېيىش توغرا.ھاياتىدىكى مەنىۋىي روھىي چوققىغا توختىماي يامىشىۋاتقان، ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىپ ھەر تىنىقىدىن ئەقىدە ياندۇرىۋاتقان بۇ ئادەم ئاخىرى ئاشۇ ئۆزى تىرىشىۋاتقان ئىچكى چوققىغا يەتمەي، بۇ چوققىلاردىن ئۆز ئەقىدىسىگە لايىق ئەكىس سادا ئاڭلىيالماي ئۈمىدسىزلىك بىلەن غۇلاپ كەتتى.ئاھ!ئۇنىڭ ئاشۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى!شۇ دەم شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ:

    قېنى

          مېنىڭ

                  ئەكىس

                           سادايىم ؟!

    دېگەن مىسرالىرىنىڭ ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

    راسىت،

    قېنى

    ئۇنىڭ

     ئەكىس

     ساداسى؟!

    خائىن تاغ = ئەقىدىگە يارىماس تاغ = ؟...

     

    分享到: