-
2011-02-25
يوشۇرۇن سۆيگۈ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
شاماللارغا ئېيتقان سۆزۈمنى،
ساڭا ئەسلا ئېيتمىدىم پەقەت.
يۈرۈگۈمدىن ياشلار ئاقسىمۇ،
ئۈمىد بەردى يەنە مۇھەببەت.
كۆرسەتمىدىم ساڭا ئۆزۈمنى،
گەر يوللاردا كۈتسەممۇ سېنى.
گۈل دەپ ئويلاپ سېنى قانچە رەت،
بەرىگلەرگە ياقتىم يۈزۈمنى.
شۇ گۈللەرنىڭ تىكەنلىرى زەپ،
بەتلىرىمنى تىتتى خىرامان.
مەيلى دەيمەن بۇ قانچە ئىدى،
سۆيگۈم گۈلى بولسىلا ئامان.