-
2012-02-25
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد: قىيامەت تەسۋىرى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
قىيامەت تەسۋىرى
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
دۇنيا ۋولقان كەبى چاچراپ يوقۇلار،
ئوكيانلاردىن ئەكسى كېلەر قىياننىڭ.
تاغلار ھاسىسىن تۇتۇپ يىراق تىكىلەر،
ئورمان سۆزلەر ئاۋازىدا ئىنساننىڭ.
ساباھ تىمتاس قۇشلار كۆيسىز، بۇرغا جىم،
ئىبلىس قۇلاق سالار، ئەزان توۋلار كىم؟
زەردۇشىت ئوتتا كۆيەر، مانى كۈل بولار،
نىرۋانادا ياتار بىتاپ ساك ھەكىم.
شەپەق پالتا، ئۇپۇق نەيزە ئەكسېدە،
ئاي ۋە قوياش ئارلىغىدا پىلسىرات.
چاھار پايلار بەزمە ئەيلەر مەھدىدە،
مۇنكىر- نەكىر ھوزۇرىدا سۈكۈنات.
سەپ سەپ بولۇپ ئۇچۇپ يۈرەر پەرىلەر،
رەسۇل ئەكرەم ئۆممېتىم دەپ تولغىنار.
يانغۇنلارنى يالقۇنلىتار دەھرىلەر،
پەيغەمبەرلەر رەب ئالدىدا يۈكۈنەر.
كۆپ كۆك قوچقار، بىر لوكىلىق نار تۆگە،
ئىگىسىنى ئىزدەر مۇھتاج كۆزلەردىن.
پىترە، زاكات، يا بەش ناماز، سەدىقە،
جەننەت مىسال گۈل ئۆستۈرەر گۆرلەردىن.
2011-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
مەنبە: يازغۇچىلار تورى
收藏到:Del.icio.us