8يانۋار
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشىنى يوقاتىش كېرەك
ئۇيغۇر يازىقىدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشىنى يوقاتىش كېرەك
جىمسارى
ھازىر، ئۇيغۇر يازىقىمىزدا، «ئا»، «ئە» قاتارلىق سوزىق تاۋۇشلارنى ئۆزگەرتىپ (ئاجىزلاشتۇرۇش دىيىلگەن) يازىش ئەھۋالى، بىر قائىدەگە ئايلانىپ قالغاندەك قىلادى. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەسلىسىنى ساقلاش، تەرەققى قىلدۇرۇش ھەم تۈركى قەۋملەرنىڭ تىل ئورتاقلىقىغا نىسبەتەن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى خېلى يىللاردىن بۇيان ھېس قىلىپ كەلگەن ئەدىم. ئەمما مەن تىل-يازىق، ئەدەبىيات بىلەن شوغۇللانماغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ھەقتە بىر نەرسە دىيىشكە جۈرئەت قىلالمادىم. شۇنداق بولسامى، شەخسى ئەسەرلەرىمنى، سوزىق تاۋۇشلارنى ئۆزگەرتمەي يازىشقا جۈرئەت قىلدىم. ھالبۇكى، مىنىڭ يازغان ئەسەرلەرىم، باغداشتاگى بۇرادەرلەرنىڭ بىر قىسمىغا غەلىتە بىلىندى. بەزىلەر، جىمسارى ئۇيغۇر ئەمەسمىكىن، ئۇيغۇر بولسامى، ئۇيغۇرچە ئوقۇماغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشتى. يەنە بەزىلەر، جىمسارى ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە ئوقىغان، ئەمما، ئۇيغۇر تىل قانۇنىدىن (گىرامماتىكا دىيىلگەن) ساۋاتسىز ئوخشايدى دەپ گۇمان قىلىشتى. ئەلۋەتتە، بۇرادەرلەرنىڭ گۇمانى خاتا ئەمەس. ئۇنداقتا خاتالىق كىمدە؟ جىمسارىدامى؟ بۇنى ئانىقلاش ئۈچۈن، بىزنىڭ تىلنامە ھەمىدەمىز، «ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانى» ئەپەندى يازغان « ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج» ناملىق ئەسەرىنى ئوقۇپ باقىشنى تەۋسىيە قىلامەن. تۆۋەندە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئەسەردىكى بىر مەزمۇننىڭ ئارىيەسىنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم.
« ئۇيغۇر يېزىقىدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى يوقىتىش كېرەك».
«ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇيغۇر گرامماتىكىسى ۋە يېزىق ئىملاسىدا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى» دېگەن بىر ماۋزۇ بار. بىراق ۋىجدانىمىز بىلەن ئىدراك قىلىپ، چىن سەمىمىيىتىمىز بىلەن ئېتىراپ قىلساق، ئېغىزىمىزدا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى» دەپ ئاتاۋاتىمىز ، ئەمما ئۆز قولىمىز بىلەن يازغىنىمىزدا بولسا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى» قىلىپ ئىپادىلەۋاتىمىز . مەسىلەن: « ئاتا← ئانىسى؛ دادا ←دادىسى» دېگەن مىسالنى ئالساق ، مۇشۇ يازغىنىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ئاياغ بوغۇمدىكى «ئا» ئەسلىدىكىدىن ئاجىز بولغان بىر «ئا» (å) غا ئاجىزلاشمىدى بەلكى «ئى» (i) دەيدىغان باشقا بىر مۇستەقىل سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگەردى. بۇ بىر ئەجەللىك مەسىلە!
مېنىڭ تەتقىقاتىمچە، ئۇيغۇر تىلىدا، سوزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلىشىدۇ، يەنى «ئا، ئە» (a، ä) سوزۇق تاۋۇشلىرى مۇئەييەن تىل شارائىتىدا، ئۆزلىرىدىن نىسبەتەن ئاجىز بولغان «ئا، ئە» (ä،å) تاۋۇشلىرىغا ئا جىزلىشىدۇ ، دېگىنىمىز توغرا. ئەمدى، بۇ خىل ئاجىزلاشقان سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز لۇغەتلىرىمىزدە ، ئاجىزلىشىش بەلگىسى بىلەن كۆرسىتىپ قويساقلا كۇپايە قىلاتتى. بىراق، مەزكۇر ئاجىزلىشىش ھادىسىسىنى يېزىقىمىزدا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى» قىلىپ ئىپادىلىشىمىز پۈتۈنلەي خاتا بولغانكى، بۇ خاتالىقنى جەزمەن ۋە ئۈزۈل – كېسىل تۈزىتىشىمىز لازىم. چۈنكى يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان «ئاتا، ئانا» سۆزلىرىنى ئالساق، ئۇلارغا 3- شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى «سى» نى قوشقاندا، ئاخىرقى بوغۇمدىكى «ئا» سوزۇق تاۋۇشى ئۆزىگە قوشۇلغان «سى» دىكى «ئى» سوزۇق تاۋۇشىنىڭ تەسىرىدىن « ئاتا، ئانا » ئوقۇلغان چاغدىكى «ئا» (a) تاۋۇشىغا قارىغاندا ئاجىزلاشقان ۋە بىر چېكىپلا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان «ئا» (å) تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ. ئەمدى، بىزنىڭ ئېلىپبەيىمىزدە، « ئاجىز ‹ئا›، ئاجىز ‹ئە› » دەيدىغان ئايرىم ھەرپ بولمىغانىكەن، مەزكۇر ئاجىزلاشقان «ئا» تاۋۇشىنى يېزىقتا يەنىلا نورمال «ئا» بىلەن ئىپادىلەپ «ئاناسى» قىلىپ يېزىشىمىز ۋە ئۇنى تەلەپپۇز لۇغەتلىرىمىزدە «anåsi» دەپ (ئىككىنىچى بوغۇمدىكى ‹ئا› ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ) ئوقۇلىدۇ، دەپ ئىزاھلاپ قويساقلا كۇبايە قىلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىسى ئېنىقكى، بىز يېزىقتا زورمۇ – زور «ئاتىسى، ئانىسى» قىلىپ يازغىنىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھېچبىر ئۇيغۇر بۇ سۆزلەرنى «atisi، anisi» دەپ، ئىككىنچى بوغۇمنى ئېلىپبەدە ئۆگەتكەن «ئى» بويىچە تەلەپپۇز قىلمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، نازۇك تىل ماشىنىسىغا خاتىرىلىتىپ بېقىڭ!
يەنە دېسەك، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئۇيغۇر تىلىغىلا تەئەللۇق بولغان خاس مۈلۈك ئەمەس، باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىمۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى مەۋجۇد. ئالايلۇق، تۈركلەرمۇ burası ) بۇ يەر (،alayım (ئالاي (، bakayım (باقاي)، دېگەن سۆزلەرنى ئېغىزدا burısı (بۇرىسى)، alıyım (ئالىيىم)،bakıyım (باكىيىم ) شەكلىدە دېگۈدەك تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەمما، يېزىقتا بۇ خىل تاۋۇش ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلىمەيدۇ، خالاس. نېمىشقا؟ چۈنكى، ئېغىز تىلىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنى بىرمۇ – بىر قالدۇرماي ئىپادىلەپ كەلسە، «تىل – يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش» دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ!
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، 1953- يىلى ئىشلەنگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە ۋە ئىملاسى» دا، «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ مۇئەييەن تىل تەلەپپۇز شارائىتىدا، ئۆزلىرىدىن تۆۋەنرەك تەلەپپۇز قىلىنىدىغان » ä، å» لەرگە ئاجىزلىشىش ھادىسىسىنى يېزىقتا، ئېنىق ھالدىكى «ئې، ئې» لارغا ئۆزگىرىدىغان قىلىپ ئىپادىلەشنى نىزاملاشتۇرۇپ قويۇش بىر تارىخىي گۇناھ بولغان. بىز بۇ گۇناھنى يۇيۇپ تاشلىشىمىز، يېزىقىمىزدىكى «ئا، ئە ←ئې، ئى» ئۆزگىرىشىنى قەتئىي يوقىتىشىمىز لازىم. مېنىڭچە، بۇ قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) غا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىنى ئاداققىي جەھەتتىن قوغداپ قالالىشى ياكى قالالماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان جىددىي ھەم مەسئۇلىيەتلىك زور بىر ئىشتۇر!».
مەن، ئابدۇرەئۇپ ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسەرىنى بۇرۇن كۆرمەگەن ئەكەنمەن. تۆنۆگۈن قاسىم سىدىق ئەپەندى، «ئىككى سۇئال» ناملىق ئەسەرگە ئىنكاس يازغاندا، ئابدۇرەئۇپ ئەپەندىنىڭ ئەسەر مەنبەسىنى يوللاپ بېرىپتۇ. (تۆۋەندىكى ئادرىس شۇ)
http://www.teklimakaniy.com/?p=234
ئەسەرنى ئوقۇپ، خوش بولدۇم. مۇشۇ پۇرسەتتە، ئابدۇرەئۇپ ئەپەندىگە ۋە قاسىم سىدىق ئەپەندىگە تەشەككۇرلەر ئېيتامەن.
بىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىزدەنەدىغان ئىشىمىز، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى سوزىق تاۋۇشلار ئۆزگەرمەيدىغان سۆزلەرنى تىزىپ چىقىشمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە مىنىڭ يازىۋاتقان سۆزلەرىم ئىچىدە، توغراسىمى، خاتاسىمى بار. بۇنىڭ ئۈچۈن، تىلشۇناس ھەمىدلەرنىڭ ھەم بۇنىڭغا قىزىقىدىغان باغداشتىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئىزدەنىپ باقىشىنى ئۈمۈد قىلامەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 08-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 30 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6748
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!