خەتكۈش ‘سوزىق تاۋۇش’
2016يانۋار8

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشىنى يوقاتىش كېرەك

ھازىر، ئۇيغۇر يازىقىمىزدا، «ئا»، «ئە» قاتارلىق سوزىق تاۋۇشلارنى ئۆزگەرتىپ (ئاجىزلاشتۇرۇش دىيىلگەن) يازىش ئەھۋالى، بىر قائىدەگە ئايلانىپ قالغاندەك قىلادى. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەسلىسىنى ساقلاش، تەرەققى قىلدۇرۇش ھەم تۈركى قەۋملەرنىڭ تىل ئورتاقلىقىغا نىسبەتەن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى خېلى يىللاردىن بۇيان ھېس قىلىپ كەلگەن ئەدىم.